ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى بار بالىلاردا كۆرىلىدىغان ئالاھىدىلىك
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-09-15 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشى ئائىلە مۇھىتىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئاتا-ئانىسىنىڭ تەربىيىسىدىن تېخىمۇ ئايرىلالمايدۇ؛ بىراق، ئەگەر ئاتا-ئانىنىڭ تەربىيەسىدە مەسىلە كۆرۈلسە، بالىلارنىڭ مىجەز-خارەكتىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، بالىدا تەدرىجى ھالدا ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى پەيدا بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەتتە، ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى بار بالىلاردا، تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل ئالاھىدىلىك كۆرىلىدۇ!
ئىجتىمائى ئالاقىدىن قورقۇش
   بەزى بالىلار، ئاتا-ئانىسى ئۇلارنى بەزىبىر مىھماندارچىلىققا ياكى پائالىيەتلەرگە ئېلىپ بارماقچى بولسا، ئۇلار بۇنىڭغا ئۇنىمايدۇ؛ يەنە بەزىلىرى بارغاندىن كىيىنمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ كەينىگە ئۆتىۋىلىپ، باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشتىن قورقىدۇ؛ بۇ خىلدىكى بالىلار باشقىلارغا تىكىلىپ قارىيالمايدىغان بولۇپ، باشقىلارغا يۈزلەنگەندە ھەمىشە كۆزلىرىنى ئېلىپ قاچىدۇ، گەپ قىلالمايدۇ ياكى پەس ئاۋازدا گەپ قىلىپ ئاۋازى چىقمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋال، بالىلاردىكى ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسىنىڭ تىپىك مىساللىرىنىڭ بىرىدۇر.
يىڭى شەيئىلەرگە ئۇچرىشىشتىن قورقۇش
   بالىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەڭ ئاسان بولغان ئىش، يىڭى ئادەم ۋە شەيئىلەر بىلەن ئۇچرىشىش بولۇپ، ئۇلار ناھايىتى تىزلا يىڭى نەرسىگە كۆنۈپ كىتىدۇ. بىراق، بەزى بالىلار بۇنداق ئەمەس. ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى بار بالىلار، ھەمىشە يىڭى نەرسىلەرگە ئۇچرىشىشتىن قورقىدىغان بولۇپ، يېنىدا تۇنۇش ئادەم بار بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار يەنىلا قورقۇش ھىس قىلىدۇ ھەمدە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولمايدۇ.
سەزگۈر
   ئۆزىنى كەمسىتىدىغان بالىلار كۆپىنچە ناھايىتى سەزگۈر كىلىدىغان بولۇپ، كۆپىنچە باشقىلارنىڭ چاقچىقىنى راست دەپ ئويلاپ قالىدۇ؛ بەزىدە قارشى تەرەپنىڭ كىچىككىنە بىر ئىشلىرى سەۋەبىدىن ئىللىقلىق ھىس قىلىدۇ، بولۇپمۇ باشقىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان باھاسىغا ئىنتايىن بەك ئىتىبار بىرىدۇ. ئۇلار ھەمىشە ئۆزىدىن گۇمانلىنىدۇ ياكى ئۆزىنى ئىنكار قىلىدۇ ھەمدە توختىماستىن باشقىلارغا خوشامەت قىلىدۇ.
ئۆيدىكى ئىپادىسى بىلەن سىرتتىكى ئىپادىسى ئوخشىمايدۇ
   بەزى بالىلار، ئۆيىدە كىچىك زومىگەر، ئەمما سىرتقا چىقسىلا مۈشۈكتەك يۇۋاش بولۇپ كىتىدۇ. بۇ خىلدىكى بالىلاردا كۆپىنچە ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى بار بولۇپ، ئىچكى دۇنياسىدا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل بولۇپ، ئادەتتە سىرتلاردا كۆپىنچە ھاللاردا بوزەك قىلىنىشقا ئۇچرايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号