ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بوۋاقلارنىڭ "تەسلىم بولۇش" شەكلىدىكى ئۇخلاش ھالىتى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-09-13 كۆرۈلىشى : قېتىم
   يېقىندا بەزى ئانىلار سۆز قالدۇرۇپ، بوۋىقىنىڭ تەسلىم بولغانغا ئوخشاش قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۋىلىپ ئۇخلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇنداق ئەھۋالدا بوۋاقنىڭ بىلەك مۇسكۇللىرىنىڭ تارتىشىپ زەخمىلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
   ئەمىلىيەتتە، بوۋاقلاردىكى بۇ خىل "تەسلىم بولۇش" شەكلىدىكى ئۇخلاش ھالىتى، ناچار ئۇخلاش ھالىتى ئەمەس؛ پەقەت ئوڭدىسىغا يېتىپ ئۇخلىسىلا، ئادەتتە پۇت-قولنى قايسى شەكىلدە تۇتۇپ يېتىشنىڭ بەدەنگە يامان تەسىرى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بوۋاقلار ئادەتتە 6-5ئايلىق بولغاندا ئۆرۈلۈشنى ئۆگىنىدىغان بولغاچقا، ئۇ ۋاقىتتا، بوۋاق بۇ خىل ئۇخلاش ھالىتىنى تەبىئىيلا ئالماشتۇرىدۇ.
بوۋاق نىمە ئۈچۈن بۇ خىل ھالەتتە يېتىپ ئۇخلايدۇ
   ئالدى بىلەن، بوۋاقلاردىكى بۇ خىل "تەسلىم بولۇش" شەكلىدىكى ئۇخلاش ھالىتى، ئۇلارنىڭ بىر خىل ئادەتلەنگەن ئۇخلاش ھالىتى ھىسابلىنىدۇ؛ چۈنكى، ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە، ھامىيلىنىڭ يوغىنىشىغا ئەگىشىپ، ھامىيلە ئانىنىڭ بالىياتقۇسىدا بەدىنى تۈگۈلگەن ھالەتتە ياتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇلار كۆپىنچە ئىككى قولىنى بېشىنىڭ ئىككى يېنىغا قويۇش قىياپىتىنى ساقلايدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇلار تۇغۇلغاندىن كىيىن، شەرتلىك رىفىلىكىس ئاساسىدە، تەبىئىلا مۇشۇ خىل ھالەتتە ياتىدۇ؛ بۇنىڭدا، ئۇلار يەنىلا ئانىسىنىڭ قوسىقىدىكى ۋاقىتتىكىدەك تۇيغۇغا ئىگە بولۇپ، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قولىنى بېشىنىڭ ئىككى تەرىپىدىن ئۈستى تەرەپكە سوزۇلدۇرۇپ يېتىش، ئۇلارغا نىسبەتەن ئەڭ راھەت يېتىش ھالىتى بولۇپ، ئەكسىچە ئەگەر قوللىرىنى چۈشۈرۈپ ئۇخلىسا، تېخى ئۆرۈلۈشنى بىلمەيدىغان كىچىك بوۋاققا نىسبەتەن، ئۇلارنى بىئارام ھىس قىلدۇرۇپ قويىدۇ.
   بۇ خىل شەكىلدە ئۇخلاۋاتقان بوۋاقنىڭ قوللىرىنى مەجبۇرى ھالدا يوتقاننىڭ ئىچىگە تىقىپ قويساق بولامدۇ؟
   نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاق "تەسلىم بولۇش" شەكلىدە ئۇخلاپ قوللىرى سىرتتا ئۇچۇق قالسا، بوۋاقنىڭ قوللىرىنىڭ توڭلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ھەمىشە "تەسلىم بولۇش شەكلىدە ئۇخلاۋاتقان بوۋاقنىڭ قوللىرىنى مەجبۇرى ھالدا يوتقاننىڭ ئىچىگە تىقىپ قويىدۇ. ئەمىلىيەتتە، پەقەت بوۋاقنىڭ بەدىنىنى ياخشى يۆگەپ قويساق، ئۇنىڭ سىرتتا قالغان بىلەكلىرى ئازراق سۇغۇققا توڭۇپ قالسىمۇ ھېچۋەقەسى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەگەر بوۋاقنىڭ قوللىرىنى مەجبۇرى ھالدا يوتقاننىڭ ئىچىگە تىقىپ قويساق، بوۋاق ئۇخلاش جەريانىدا ئۆرۈلۈپ دۈم بولۇپ قېلىپ، ياستۇق بۇرۇن ئېغىزىنى ئىتىۋىلىشى ياكى ئەگەر بوۋاقنىڭ بەدىنىگە يۆگەلگەن يېپىنچا نىپىزرەك بولسا، بوۋاق "تەسلىم بولۇش" شەكلىدىكى ئۇخلاش ھالىتىنى ئەسلىگە ئەكىلىش جەريانىدا بەدىنىگە يۆگەلگەن يېپىنچا ئۇلارنىڭ بېشىغا ئارتىلىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ ئىككى خىل ئەھۋالنىڭ ھەر ئىككىسى بالىلارنىڭ نورمال نەپەسلىنىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدىغان بولغاچقا، شۇڭا ئاتا-ئانىلار بوۋاقنىڭ قوللىرىنى مەجبۇرى ھالدا يوتقاننىڭ ئىچىگە تىقىپ قويۇشتىن ساقلىنىشى لازىم.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号