ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ئۈچ ئايلىق بوۋاقلار قايسى دەرىجىدە يىتىلسە نورمال ھىسابلىنىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-25 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بوۋاقلار يىڭى تۇغۇلغان ۋاقىتتا، ھەركۈنلۈك پائالىيىتى ئۇخلاش بىلەن يىيىشلا بولۇپ، بۇ ئىككى ئىشتا بوۋاققا ياخشى ئاسراش بەرسەك، ئاندىن ئۇنىڭ يىتىلىشىنىڭ تېخىمۇ تىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىلار بوۋاقنىڭ ئەھۋالىغا ئىنچىلىكىلىك بىلەن دىققەت قىلسا، بوۋاقلار ئۈچ ئايلىق بولغان ۋاقىتتا، يىڭى تۇغۇلغان ۋاقتىدىكىگە قارىغاندا چوڭ ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى بايقىيالايدۇ.
ئۇيقۇسى ئازلاپ پائالىيتى كۆپىيىدۇ
   بوۋاق يىڭى تۇغۇلغان ۋاقىتتا، ھەركۈنلۈك كۆپ قىسىم ۋاقىتنى ئۇخلاش بىلەن ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، بىر كۈندە 20سائەت ئەتراپىدا ئۇخلايدۇ؛ ئەمما بوۋاق ئۈچ ئايلىق بولغان ۋاقىتتا، ئۇخلاش ۋاقتى قىسقىرايدىغان بولۇپ، كۈندىلىك ئۇخلاش ۋاقتى، كىچىسى 12-10سائەت، كۈندۈزى 8-6سائەت ئەتراپىدا ئۇخلايدۇ. بالىنىڭ ئويغاق تۇرىدىغان ۋاقتىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ پائالىيىتىمۇ كۆپىيىشكە باشلايدۇ، شۇڭا ئاتا-ئانىلار ئۇلارغا ھەمرا بولۇپ كۆپرەك ئوينىشىپ بىرىشى كىرەك بولىدۇ.
بېشىنى كۆتۈرەلەيدىغان بولىدۇ
   ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، بوۋاق ئىككى ئايلىق بولغاندا بېشىنى ئازراق كۆتۈرەلىگۈدەك بولىدۇ، ئۈچىنچى ئېيىغا بارغاندا بولسا، بېشىنى كۆتۈرۈشى نىسبەتەن مۇقىملىشىدۇ. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا بالىلار يەنىلا بېشىنى كۆتۈرەلمىگەن بولسا، ئۇنداقتا ئاتا-ئانىلار ئۇلارنى توغرا ئۇسۇلنى قوللىنىپ چېنىقتۇرۇشى كىرەك. ئالدى بىلەن بوۋاقنى تىك كۆتۈرۈپ، ئىككى قولىدا بوۋاقنىڭ دۈمبىسى ۋە ساغرا قىسمىنى تىرەپ، ئۇنىڭغا ئەتراپنى كۆرسىتىش؛ ئىككىنچىدىن، بوۋاقنىڭ قولىقى ئەتراپىدا ئاۋاز چىقىرىپ، ئۇنى بېشىنى بۇرۇشقا جەلپ قىلىش.
كۈلەلەيدىغان بولىدۇ
   ئۈچ ئايلىق بوۋاقلار، بويى ئۆزلۈكسىز ئۆسىدىغان بولۇپ، ئەقلى ئىقتىدارىمۇ يىتىلىش باسقۇچىدا تۇرىدۇ؛ شۇڭا، بۇ ۋاقىتتا، بوۋاقلار ئەگەر خۇشال بولسا، كۈلۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان بولىدۇ؛ ئادەتتە، بوۋاقنىڭ كۆزلىرى نۇرلۇق بولۇپ ئۆزگىرىشكە باشلاپ، ئەگەر ئانىسى يېنىدا بولسا، بوۋاقلار ئانىسىغا تىكىلىپ قاراپ كۈلىدۇ.
قوللىرىنى ئىمىپ شۈمۈرۈشكە باشلايدۇ
   بوۋاقلار ئۈچ ئايلىق بولغان ۋاقىتتا، قولىنى ئىمىپ شۈمەلەيدىغان بولىدۇ؛ بۇ مەزگىلدە، قولىنى ئىمىش، بوۋاقلارغا نىسبەتەن بىر خىل خۇشاللىق ھىسابلىنىدۇ. بىر ۋاقىتتا، بوۋاقنىڭ قولىنى ئىمىپ شۈمۈرۈشى، ئۇلارنىڭ سىرتقى دۇنيا ئۈستىدە ئىزدىنىشىدۇر؛ شۇڭا، بۇنداق ئەھۋالدا ئاتا-ئانىلار ئۇلارنى توسىماسلىقى كىرەك، بولمىغاندا، ئۇلارنىڭ جىسمانىي ۋە پىسخىكا جەھەتتىن يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇندىن باشقا، بۇ يەنە بوۋاقلارنىڭ سۆڭىكىنىڭ يىتىلىپ بەلگىلىك دەرىجىگە يەتكەنلىكىنىڭ ئالامىتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ سۆڭىكى يىتەرلىك دەرىجىدە يىتىلگەن بولغاچقا، ئاندىن قولىنى كۆتۈرۈپ ئېغىزىغا ئاپىرالايدۇ. تازىلىق بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ئويلاشقاندا، ئاتا-ئانىلار ئادەتتە بوۋاقنىڭ قوللىرىنى كۆپرەك يۇيۇپ پاكىزلاپ تۇرۇشى كىرەك.
   ئۈچ ئايلىق بولغان ۋاقىت، بوۋاقلارغا نىسبەتەن مۇھىم بىر يىتىلىش مەزگىلى بولۇپ، ئاتا-ئانىلار بوۋاقنىڭ يىتىلىش ئەھۋالنى ئىنىق ئىگىلىگەن ۋاقىتتا، ئاندىن ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ساغلام يىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلالايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号