ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
توڭلىتىپ ساقلانغان يىمەكلىكلەرنى بوۋاققا يىگۈزۈشكە بولامدۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-24 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بىز ھەمىشە، بالىلارغا ئىمكان بار يىڭى يىمەكلىكلەرنى يىگۈزۈش كىرەك دەيمىز؛ ئۇنداقتا بىر سۇئال پەيدا بولدى: تاللا بازىرىدىكى شۇنچە كۆپ توڭلىتىلغان يىمەكلىكلەرنى بالىلارغا يىگۈزۈشكە بولامدۇ يوق؟
    ئەمىلىيەتتە، توڭلىتىپ ساقلانغان يىمەكلىكلەر بىلەن يىڭى يىمەكلىكلەرنىڭ، ئۇزۇقلۇق قىممىتى جەھەتتە كۆپ پەرقى يوق.
   ئادەتتە تاللا بازارلىدىكى تىز سۈرئەتتە توڭلىتىپ ساقلانغان يىمەكلىكلەر، كۆپىنچە يىمەكلىكنىڭ تىمپىراتۇرسىنى تىز سۈرئەتتە نۆلدىن تۆۋەن 18سىلتسىيە گىرادوستىن تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ ساقلىنىدۇ. ئىنتايىن تۆۋەن بولغان تىمپىراتۇرا ئاستىدا، يىمەكلىكلەرنىڭ ھەرخىل ئۇزۇقلۇق تەركىبلىرىدە، كۆرۈنەرلىك دەرىجىدىكى ئېقىپ زىيانغا ئۇچراش بولمايدۇ. نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، تىز سۈرئەتتە توڭلىتىپ ساقلانغان يىمەكلىكلەر تەركىبىدىكى ۋىيتامىنلار، مىنرالنى ئىلمىنتلار، يىمەكلىك تالا ماددىلىرى قاتارلىق تەركىبلەر، يىڭى يىمەكلىكلەدىن كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، توڭلىتىپ ساقلاش، مىكرو جانلىقلارنىڭ ئۆسۈپ كۆپىيىشىنى توسىدىغان بولغاچقا، يىمەكلىك ئاسانلىقچە بۇزۇلۇپ قالمايدۇ.
   بىراق، كۆپچىلىككە ئەسكەرتىپ ئۆتكۈشكە تىگىشلىك بىر نوقتا شۇكى، تىز سۈرئەتتە توڭلىتىپ ساقلانغان يىمەكلىكلەرنى تاللاشتا، يەنىلا ئۇنىڭ تەركىبى قىسمىغا قاراش كىرەك. بەزى مەھسۇلاتلار، مەسىلەن، تىز سۈرئەتتە توڭلىتىپ ساقلانغان جۇۋاۋا، گۆش كومىلىچى  قاتارلىقلارغا، شىكەر، تۇز، ماي قاتارلىقلار كۆپرەك قوشۇلغان بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، ئاتا-ئانىلار تاللىغان ۋاقىتتا، ئمكان قەدەر بۇ خىلدىكى خۇرۇچ ماتىرياللىرى ئازراق قوشۇلغانلىرىنى تاللاش كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号