ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالىلارنىڭ بوي ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-22 كۆرۈلىشى : قېتىم
   رىقابەت ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ھازىرقى دەۋردە، بوي ئېگىزلىكى، بالىلارنىڭ كىيىنكى خىزمىتىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر بالىلارنىڭ بويى ئېگىز بولسا، كەلگۈسىدە خىزمەت ئىزدىگەندە تېخىمۇ كۆپ تاللاش پۇرسىتى بار بولىدۇ. بۇ سەۋەپلىك، بالىلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار ھەرخىل ئاماللارنى ئىشلىتىپ بالىلارنىڭ بويىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشىدۇ؛ مەسىلەن، ھەرخىل ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاشلار، ئۇلارنى چېنىقىشقا رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىقلار. بۇ ئۇسۇللارنىڭ بالىلارنىڭ بويىنىڭ ئۆسۈشىگە ھەقىقەتەن ياردىمى بار بولسىمۇ، ئەمما بۇندىن باشقا يەنە بىر ئىنتايىن مۇھىم ئامىل بار؛ ئۇ بولسىمۇ ئۇخلاشتۇر. ئەگەر ئۇخلاش ۋاقتى بەك قىسقا بولسا ياكى ئۇيقۇ سۈپىتى ناچار بولسا، بالىلارنىڭ بويىنىڭ ئۆسمىكى تەسكە توختايدۇ. شۇڭا، ئەگەر بالىنى ياخشى ئۇخلىسۇن ھەمدە بويى ئېگىز ئۆسسۈن دىسەك، ئۇنداقتا ئاتا-ئانىلار تۆۋەندىكى ئىككى نوقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كىرەك.
ئەتىگەنلىكى بالىنى ئىمكان بار ئالتىدىن بۇرۇن ئويغاتماسلىق
    بەزى ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ ئۆگىنىشىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، 8دە دەرس باشلايدىغان بالىنى ئالتىدىن بۇرۇنلا ئويغىتىۋىتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى، بالىسىنى كۆپرەك كىتاپ كۆرىۋالسۇن دەپ شۇنداق قىلىدۇ. ۋە ياكى بەزى بالىلار ئالدىنقى كۈنلۈك تاپشۇرۇقىنى ئىشلەپ بولالمىغان بولسا، ئاتا-ئانىسى ئۇلارنى ئەتىگەندىلا ئويغىتىپ تاپشۇرۇقىنى تۈگىتىشكە بۇيرۇيدۇ. بىراق، پەقەت ئۇخلاش ھالىتىدىلا، بالىلارنىڭ ئۆسۈش ھورمۇنى ئاندىن زور مىقداردا ئاجرىلىپ چىقىدىغان بولۇپ، ئۇلارنى ئەتىگىنى بەك بۇرۇن ئويغىتىۋەتكەندە، ئۇلارنىڭ بويىنىڭ ئېگىز ئۆسۈشى تەسكە توختايدۇ. بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۈندە ئاز دىگەندە سەككىز سائەت ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك بولۇپ، ئەگەر ئەتىگىنى سائەت ئالتىدە ئورۇندىن تۇرۇش كىرەك بولسا، ئۇنداقتا ئاخشىمى ئەڭ ياخشىسى سائەت ئوندىن بۇرۇن ئۇخلىشى كىرەك.
ئۇخلاشتىن بۇرۇن بالىنى بەك تويۇندۇرۇپ غىزالاندۇرماسلىق
   نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار، بالىسىنى تىز سۈرئەتتە ئۆسىۋاتىدۇ، بىر كۈن ئۈچ ۋاخ تامىقىنى تويۇنۇپ يىمىسە بولمايدى دەپ قارايدۇ؛ كۈندۈزى تويۇنۇپ تاماق يىيىش كىرەك، بۇ خاتا ئەمەس، ئەمما كەچلىك تاماقنى بالىلارغا بەك كۆپ بىرىۋەتمەسلىك تەۋسىيە قىلىنىدۇ. كەچلىكى، بەدەندىكى ھەرقايسى ئەزالارنىڭ ئارام ئالىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاقتى بولۇپ، ئەگەر بەك تويۇنۇپ تاماقلىنىۋالغان ۋاقىتتا، بالىلار ئۇخلاپ قالسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئاشقازان ئۈچىيى داۋاملىق خىزمەت قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇيقۇ سۈپىتى تۆۋەنلەپ كىتىپ، ئۆسۈش ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىغا تەسىر يىتىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك بالىنىڭ بويىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
   ئاتا-ئانىلار، بالىلارنىڭ ئۇيقۇسىغا ئائىت بۇ ئىككى ئىشنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقى كىرەك؛ ئەمما، بوي ئۆسۈشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار كۆپ خىل بولۇپ، تۆۋەندىكى ئىككى نوقتىغىمۇ، ئاتا-ئانىلار كۆپرەك دىققەت قىلمىقى لازىمدۇر.
يىمەك-ئىچمىكى ئۇزۇقلۇقى مول ھەم تەڭپۇڭ بولۇشى كىرەك
   بالىلارنىڭ بەدىنىنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى يىتىلىشى ئىنتايىن تىز بولۇپ، ئىھتىياجلىق بولىدىغان ئۇزۇقلۇق ماددىسى تەبىئيلا كۆپ بولىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار ئادەتتە، بالىنىڭ يىمەك-ئىچمىكىنىڭ ئۇزۇقلۇقى مول ھەم تەڭپۇڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك. ئەگەر بالىلاردا تاماق تاللايدىغان ئادەت بولسا، ۋاقتىدا ئۆزگەرتىش لازىم. بۇندىن باشقا، ئەگەر بالىلارنىڭ سۆڭىكىنىڭ ياخشى يىتىلىشىنى ئويلىساق، بالىغا كالتسىي تۇلۇقلاش كەم بولسا بولمايدۇ.
كۆپرەك ھەرىكەتلىنىپ چېنىقىش
   بالىلارنى بويى ئېگىز ئۆسسۈن دىسەك، ئاتا-ئانىلار ئۇلارنىڭ كۆپرەك ھەرىكەتلىنىپ چېنىقىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشىمىز كىرەك. ھەرىكەت قىلىش جەريانىدا، ئادەم بەدىنىدىكى قان سۇيۇقلۇقلىرىنىڭ ئايلىنىش تىزلىكى ئاشىدىغان بولۇپ، سۆڭەكتىكى قان ئوكسىگىنىنىڭ مىقدارى ئاشىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق سۆڭەكنىڭ يىتىلىشىگە پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كۆپ ھەرىكەت قىلىش، يۈرەك ۋە ئۆپكە ئىقتىدارىنىڭ تەرەققى قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ، بالىلارنىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
   بالىلارنىڭ بوي ئېگىزلىكى كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، شۇڭا ئاتا-ئانىلار چوقۇم ھەر تەرەپلەردىن ئويلىنىشى كىرەك؛ بولۇپمۇ ئۇخلاش جەھەتتە، ئەتىگىنى ئۇلارنى ئەڭ ياخشىسى ئالتىدىن بۇرۇن ئويغىتىۋەتمەسلىك لازىم. بولمىغاندا، بالىلارنىڭ بوينىڭ ئۆسۈشىگە توسقۇنلۇق تەسىرى كۆرسىتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号