ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بوۋاقلار قانچىلىك چوڭ بولغاندا ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپىنى ئۇقالايدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-19 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بوۋاقلار قانچىلىك چوڭ بولغاندا، ئاندىن گەپنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان بولىدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى، بەلكىم سىز ئويلىغاندىن بالدۇرراق بولۇشى مۇمكىن.
   ئىلمى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەمىلىيەتتە بوۋاقلار يىڭى تۇغۇلغان ۋاقىتتىن باشلاپلا، ئادەمنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىكەن. بىراق، بوۋاقلارنىڭ بۇ خىل "ئاڭلاپ چۈشىنىشى" چوڭلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئادەتتە بىز قارشى تەرەپنىڭ سۆزلىگەن سۆزلىرىدىن قارشى تەرەپنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ چۈشىنىمىز؛ ئەمما بوۋاقلار بولسا، چوڭلارنىڭ گەپ قىلغان ئاۋازىدىن ئادەمنى تۇنۇيدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇلار، گەپ قىلغان ئاۋازدىن، كىمنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئايرىيالايدۇ.
    ئەمىلىيەتتە، بوۋاقلارنىڭ چوڭلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ چۈشىنىشىگە بىر جەريان كىرەك.
   بوۋاق تۇغۇلغان كۈندىن باشلاپ بىر ئايلىق بولغۇچە، ئۇلار ئاتا-ئانىسىنىڭ گەپ قىلىش ئاھاڭىغا ۋە قاراشلىرىغا ئاساسەن، ئۇلارنىڭ كەيپىياتىنى ھىس قىلىدۇ؛ بۇندىن باشقا، بوۋاقلار يىغلاش ۋە ئويناش ئارقىلىق چوڭلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.
   بوۋاق ئىككى ئۈچ ئايلىق بولغان ۋاقىتتا، ئۇلار كۈندىلىك تۇرمۇش جەريانىدا، ئاتا-ئانىسىنىڭ بەزى قىلمىشلىرىغا قارىتا يىغلاش ياكى كۈلۈش ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرىدىغان بولىدۇ. مەسىلەن، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇپ ئوينىشىپ بەرسە، بوۋاق ئادەتتە خۇشال بولۇپ كۈلىدۇ؛ بوۋاقنىڭ قوسىقى ئاچقاندا بولسا، ئۇلار يىغلاش ئارقىلىق چوڭلارغا ئۇچۇر يەتكۈزىدۇ.
   تۆت ئايلىقتىن 7ئايلىققىچە بولغان ئارىلىقتا، ئەگەر ئاتا-ئانىسى بوۋاقنىڭ ئىسمىنى چاقىرسا، ئۇلار قايرىلىپ ئاتا-ئانىسىغا قارايدىغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بوۋاق بۇ مەزگىللەردە غىڭشىپ سۆزلەشكە باشلايدۇ ھەمدە ئۆيدىكى تۇنۇش ئادەملەر ۋە سىرتتىكى ناتۇنۇش ئادەملەرنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان بولۇپ، ئەگەر ناتۇنۇش ئادەملەر ئۇلارنى قۇچىقىغا ئېلىپ كۆتۈرسە، ئۇلار يىغلاپ خاپا قىلىدۇ.
   بوۋاق سەككىز توققۇز ئايلىق بولغان ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىلار يىڭىچە ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، بوۋاقنىڭ بىلىم توپلىشىغا ياردەملىشىشى كىرەك؛ بۇنىڭدا، ئۇلار تىل بىلەن ھەرىكەتنى باغلاشتۇرۇلايدىغان بولىدۇ. بۇ مەزگىل، بوۋاقلاردا ياخشى ئادەت يىتىلدۈرۈشتىكى ياخشى بىر مەزگىل ھىسابلىنىدۇ.
   ئاخىرىدا، بوۋاق ئون ئايلىقتىن ياشقا توشقىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۇلار ئىنىق تەلەپپۇزدا "دادا، ئانا" دەپ چاقىرالايدىغان بولىدۇ ھەمدە تىرىشىپ گەپ قىلىشنى ئۆگىنىدۇ ۋە ئاتا-ئانىسى بىلەن تىل ئارقىلىق پىكىرلىشىشكە ئۇرۇنىدۇ. بەزىدە تېخى، بوۋاقلار بىزنىڭ ئىنكاسىمىزنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن، قولىدىكى نەرسىنى قەستەن يەرگە تاشلىۋىتىپ، بىزنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىمىزنى كۆزىتىدۇ.
   ئاتا-ئانىلار، بوۋاق كىچىك ۋاقتىدا ئۇلار بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇشى كىرەك؛ بۇنىڭدا، بوۋاقلارنىڭ بىلىدىغىنى بارغانسىرى كۆپىيىدۇ ھەمدە تىزلىشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتا-ئانىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号