ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بوۋاق كالا سۈتى ئىچكىلى ئۇنىمىسا پۇرچاق سۈتى ئىچكۈزسەك بولامدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-16 كۆرۈلىشى : قېتىم
   پۇرچاق، خەلق ئارىسىدا يەردىن ئۈنۈپ چىققان گۆش دەپ تەرىپلىنىدىغان بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر، پۇرچاقنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى شۇنداق مول، كالا سۈتىدىن قېلىشمايدۇ، شۇڭا بوۋاققا ئىچكۈزسەك، تەمىنلەيدىغان ئۇزۇقلۇقمۇ ناچار بولۇپ كەتمەيدۇ دەپ قارايدۇ.
مەن بۇنىڭغا قارىتا، "ئەلۋەتتە ئوخشاش بولمايدۇ" دەپ جاۋاپ بىرىمەن.
   كالا سۈتىنىڭ تەركىبىدە كالتسىي ماددىسى ئىنتايىن مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەم بەدىنىنىڭ سۈمۈرۈشىگە ئىنتايىن ماس كىلىدىغان بولۇپ، بىر ئىستاكان كالا سۈتى تەركىبىدىكى كالتسىي تەركىبى، ئون ئىستاكان پۇرچاق سۈتى تەركىبىدىكى كالتسىيغا تەڭ كىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كالا سۈتى تەركىبىدە مول مىقداردا ئاقسىل بولغاندىن سىرت، ياغلارمۇ %4-%3نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، بۇندىن باشقا يەنە Bئائىلىسىدىكى ۋىيتامىنلارنى تەمىنلىيەلەيدۇ؛ شۇڭا، يىتىلىش باسقۇچىدا تۇرۋاتقان، زور مىقداردىكى كالتىسي ماددىسىغا ئىھتىياجلىق بولغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن، كالا سۈتى ئەڭ ماس كىلىدۇ.
   كالا سۈتىگە سېلىشتۇرغاندا، پۇرچاق سۈتى تەركىبىدىكى تالا ماددىلىرى، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتالىرى قاتارلىق تەركىبلەر شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، پۇرچاق سۈتى ياشانغان كىشىلەر ۋە يۈرەك قان تۇمۇر كىسەللىكلىرى بىمارلىرىغا تېخىمۇ ماس كىلىدۇ.
   ئەلۋەتتە، پەقەت رىئاكسىيە قىلمىسىلا، پۇرچاق سۈتى بىلەن كالا سۈتىنىڭ ھەر ئىككىسىنى بوۋاقلارغا ئىچكۈزۈشكە (بىر ياشتىن كىيىن ئىچكۈزۈش تەۋسىيە قىلىنىدۇ) بولىدۇ. بىراق شۇنى ئەستىن چىقارماڭكى، ئادەتتە پۇرچاق سۈتىنى كالا سۈتىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号