ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
يىڭى تۇغۇتلۇق ئاياللار نىمە ئۈچۈن كۆپ تەرلەيدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-06 كۆرۈلىشى : قېتىم
   تۇغۇتنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققان ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى، يىڭى تۇغۇتلۇق ۋاقىتتا كۆپ تەر چىقىدىغان ئەھۋالنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ باققان. ئۇنداقتا نىمە سەۋەپتىن بۇنداق كۆپ تەرلەش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ؟
بەدەندىكى قان مىقدارى ئېشىپ كىتىش
   ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشى ئىنىرگىيەگە ئىھتىياجلىق بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنىدىكى ھورمۇن سەۋيىسىنىڭ تەڭشىلىشى تېخىمۇ تولۇپ تاشقان كىلىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى قان سۇيۇقلۇقى مىقدارى ئېشىپ كىتىدۇ. بىراق، بالا تۇغۇلۇپ بولغاندىن كىيىن، تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ يەنە ھامىيلىگە ئىنىرگىيە تەمىنلەش ئىھتىياجى بولمايدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئېشىپ كەتكەن قان سۇيۇقلۇقى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ بەدىنىگە قايتىپ ئايلىنىپ، كۆپ تەرلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شورپا قاتارلىق سۇيۇق يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش
   ئاياللار يىڭى تۇغۇپ ياتقان ۋاقتىدا، بەدەنگە قۇۋۋەت تۇلۇقلاش ئۈچۈن، قۇۋۋەتلىك شورپىلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىدۇ. بىراق، شورپىنى كۆپ ئىستىمال قىلىش، بەدەندىكى سۇ تەركىبىنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، كۆپەيگە بۇ سۇ تەركىبلىرى پەقەت كىچىك تەرەپ ۋە تەرلەش ئارقىلىق ئاندىن بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىلەلەيدۇ. شۇڭا، يىڭى تۇغۇتلۇق ئاياللاردا تەرلەش ۋە كىچىك تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ.
يىڭى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ بەدىنى ئاجىزلاپ كىتىدۇ
   بالا تۇغۇش، ماغدۇرنى ناھايىتى بەك خورىتىدىغان بىر ئىش بولۇپ، كۆپ قسىىم تۇغۇتلۇق ئاياللار تۇغقاندىن كىيىن بەدىنى نىسبەتەن ئاجىز كىلىدۇ؛ ئەگەر تۇغۇت مەزگىلىدە ياخشى ئارام ئېلىپ كۈتىنەلمىسە، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ بەدىنىدە ئاسانلا تەرلەيدىغان، پۇت قولى ماغدۇرسىز ھىس قىلىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ.
ئۆي ئىچى تىمپىراتۇرسى يۇقىرى
   ياز كۈنلىرى تۇغقان ئاياللار، بوۋىقىغا سۇغۇق ئۆتۈپ قالماسلىق ئۈچۈن، ئادەتتە ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئاچمايدۇ. بىراق، تۇمۇز ياز كۈنلىرى ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئاچمىسا، تەر بەزىلىرىنىڭ تەر ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى تىزلىتىپ، كۆپ تەرلەيدىغان ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号