ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بۇ خىل ناچار ئادەتلەر باش سۈيى سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-05 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بوۋاقلار تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن، ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باش سۈيى ئىچىدە تۇرىدىغان بولۇپ، باش سۈيىنىڭ سۈپىتى ھامىيلىنىڭ ساغلاملىقىغا ئىنتايىن مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئايالنىڭ باش سۈيى ئازلاپ كەتسە، ھامىيلىگە ئوكسىگىن يىتىشمەسلىكنى كەلتۈرپ چىقىرىشى مۇمكىن؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، باش سۈيىنىڭ پاكىزە بولۇش بولماسلىقىمۇ، ھامىيلىنىڭ ساغلاملىقىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
   ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايالنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنىڭ، باش سۈيىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈش ئىھتىماللىقى بار بولۇپ، تۆۋەندىكى نەچچە خىل ناچار ئادەتلەر، باش سۈيىنىڭ سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋىتىپ، ھامىيلىنىڭ نورمال يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئاچچىق ۋە غىدىقلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە يىمەكلىكلەر
   ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە لازىملىق بولغان ئۇزۇقلۇق، ھامىلدار ئايالدىن كىلىدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئايال يىمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلماي، ھەمىشە بەزىبىر ئاچچىق ۋە غىدىقلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلسا، ياكى بەزىبىر ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلسا، ئۇنداقتا بۇ خىل يىمەكلىكلەر تەركىبىدىكى خېمىيلىك تەركىبلەر ھامىلدار ئايالنىڭ تېنىدىن باش سۈيىگە ئۆتۈپ، باش سۈيىنىڭ سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋىتىشى ھەم بۇ سەۋەپلىك ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە زىيانلىق تەسىر ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن.
سۇنى ئاز ئىچىش
   ھامىلدار ئايالنىڭ بالىياتقۇسىدىكى باش سۈيى ئايلانما ھالەتنى ساقلايدىغان بولۇپ، ھامىلدار ئايال خورىتىپ تۈگەتكەن باش سۈيىنىڭ مىقدارى، باش سۈيىنىڭ سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئايالنىڭ كۈندىلىك سۇ ئىچىش مىقدارى ئاز بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا باش سۈيى يىتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئىھتىماللىقى بار بولۇپ، ھامىيلىگە ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك كىلىپ چىقىشى مۇمكىن؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ھامىيلىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر يىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدار ئايال ھەر كۈنى سۇنى ئىمكان قەدەر كۆپرەك ئىچىشىپ، باش سۈيىنىڭ ئايلانما ھالەتتە كېمىيىپ تۇلۇقلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كىرەك.
كىچىك تەرەتنى يېغىپ ساقلاش
   ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھامىلدار ئايالنىڭ بالىياتقۇسى بارغانسىرى چوڭىيىپ، ھامىلدار ئايالنىڭ دوۋسىقىنى باسىدۇ ھەمدە كىچىك تەرەت قېتىم سانى كۆپلەپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىراق، كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدىمۇ خىزمەت قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇلار خىزمەت ۋاقتىدا توختىماي ھاجەتكە چىقىشتىن خىجىل بولۇپ، كىچىك تەرەتنى يېغىپ ساقلاپ، بۇ ئارقىلىق ھاجەتكە چىقىش قېتىم سانىنى ئازايتماقچى بولىدۇ. ئەمما شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كىرەككى، ھامىلدار ئايالنىڭ كىچىك تەرەت مىقدارىنىڭ، باش سۈيىنىڭ سۈپىتىگە قارىتا زور تەسىرى بار بولۇپ، ئەگەر كىچىك تەرەت ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىلمىگەندە، ئۇلارنىڭ بەدىنىگە قايتا تاراپ كىتىپ، باش سۈيىنىڭ سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋىتىشى مۇمكىن.
شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلماسلىق
   ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە شەخسىي تازىلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك. چۈنكى، ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ئەزالىرىنىڭ تۈزلىشى بىرقەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، يېرىم يېپىق ھالەتتە بولىدۇ. ئەگەر شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلمىغاندا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ھەرخىل ئاياللار كىسەللىكلىرى، بالىياتقۇغا قارىتا باكتىرىيەلىك بۇلغىنىش پەيدا قىلىدۇ؛ ئەگەر بالىياتقۇ پەردىسىدىن ئۆتۈپ باش سۈيى بىلەن ئۇچراشسا، باش سۈيىنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھامىيلىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
باش سۈيىنى تىشىپ تەكشۈرۈش
   نورمال ئەھۋال ئاستىدا، باش سۈيى بالىياتقۇ پەردىسى ئىچىدە، سىرتقى مۇھىت بىلەن ئايرىلغان ھالەتتە تۇرىدۇ؛ ئادەتتە پەقەت Bتىپلىق ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنلۇق تەكشۈرۈش ئاپاراتى ئارقىلىق، باش سۈيىنىڭ سۈپىتىنى ۋە مىقدارىنى ئۆلچەشكە بولىدۇ. ئەگەر ئالاھىدە سەۋەپلەر تۈپەيلى، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، بالىياتقۇ پەردىسىنى تىشىپ باش سۈيىنى تەكشۈرۈشكە توغرا كەلسە، ئوپراتسىيە جەريانىدا، باش سۈيى بەلگىلىك دەرىجىدە بۇلغىنىشقا ئۇچرىشى مۇمكىن. شۇڭا، ھامىلدار ئاياللار بۇ ئەھۋالنى ئەستايىدىل ئويلىشىپ ئاندىن قارار چىقىرىشى كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号