ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىلدارلىقتىكى بەدەنگە زھەرلىك ماددىلار يېغىلىۋىلىش ئالامەتلىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-01 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى تۆۋەندىكى ئالامەتلەر، ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنىدە زەھەرلىك ماددىلارنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، ۋاقتىدا مۇناسىپ چارىلەرنى كۆرۈشكە توغرا كىلىدۇ.
تىرىسى ئۆڭۈپ نۇرسىز بولۇپ قېلىش
    ئەگەر ھامىلدار ئايالنىڭ تىرىسى ئۆڭۈپ نۇرسىز بولۇپ قالسا، ھەمدە بۇنىڭغا ئەگىشىپ داغ، سەپكۈن، دانىخورەك قاتارلىقلار كۆرۈلسە، بۇ ئەھۋال، ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنىدە زەھەرلىك ماددىلارنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ھامىلدار ئايال ئادەتتىكى تۇرمۇش ئادىتى ۋە يىمەك-ئىچمەك ئادىتىدە ساغلام بولمىغان ئەھۋاللارنىڭ بار يوقلۇقىغا دىققەت قىلىپ، ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ۋە يىمەك-ئىچمەك ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىش كىرەك ھەمدە بۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇۋاپىق تۈردە ھەرىكەتلىنىپ چېنىقىپ بىرىش كىرەك. بۇنىڭدا، بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
ئېغىز پۇراش
   ھامىلدار ئاياللاردىكى ئېغىز پۇراشنى، ئادەتتە ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشى ياخشى بولماسلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بەزىبىر ھەزىم قىلىنىپ ياكى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ ئۆلگۈرمىگەن يىمەكلىك ۋە ماددىلار، بەدەن ئىچىدە قالدۇق بولۇپ قېلىپ، تەدرىجى ھالدا زەھەرلىك ماددىلارنى ھاسىل قىلىدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئايالدا ئېغىز پۇراش كۈرۈلسە، ئۇنداقتا سۇنى كۆپرەك ئىچىپ بىرىپ، مايسىز ۋە تۇزسىز يىمەكلىكلەرنى ھەمدە تالا ماددىسى تەركىبى مول بولغان يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بىرىشى كىرەك. ئەلۋەتتە، بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىغىمۇ ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك.
قەۋزىيەت
   نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار قەۋزىيەتنىڭ ئاۋارىچىلىقىغا ئۇچرايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، قالدۇق ماددىلار داۋاملىق بەدەن ئىچىدە قېلىپ قالغاندا، ئۈچەي يولى بۇ زەھەرلىك ماددىلارنى داۋاملىق سۈمۈرۈپ، تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئۈچەي نىرىپلىرىنىڭ قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىنىڭ ئىسىلىپ قېلىشىنى پەيدا قىلىدۇ. ھامىلدار ئايال بۇ ۋاقىتتا يىرىك تالا ماددىسى مول بولغان يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ، ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ۋە چوڭ تەرەتنىڭ راۋانلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىشى لازىم.
ئاسانلا چارچاپ قېلىش
   بەزى ھامىلدار ئاياللار، ھەمىشە ئاسانلا چارچاپ قالغاندەك ھىس قىلىدۇ؛ بۇ ئەھۋال بولسا، بەدەندە زەھەرلىك ماددىلارنىڭ زىيادە كۆپ يېغىلىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بەدەندە يېغىلىپ قالغان زەھەرلىك ماددىلار بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، ئىچكى ئەزالارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋىتىدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك ھامىلدار ئايال ئاسانلا چارچاش ھىس قىلىدۇ ھەمدە ئىممونت كۈچىمۇ ئاجىزلاپ كىتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号