بالىلار تائامنى ئېغىزىغا يېغىپ يۇتقىلى ئۇنىمىسا قانداق قىلىمىز
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-30 كۆرۈلىشى : قېتىم
ئادەتتە، بالىلار تاماقنى ھەمىشە ئېغىزىغا يېغىۋىلىپ، يا چاينىمايدىغان ياكى يۇتقىلى ئۇنىمايدىغان ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدۇ.
بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلۈشتىكى سەۋەپ، تاماقنىڭ تەمى ياكى شەكىل ھالىتى توغرا ئەمەس بولغان بولۇشى، ياكى بالا دىققىتىنى تاماققا مەركەزلەشتۈرمىگەن بولۇشى(مەسىلەن، تېلىۋىزور ئۇچۇق ياكى قولىدا يانفون بار بولسا)، ۋە ياكى قوسىقى ئەسلا ئاچمىغان بولۇشى مۇمكىن.
يۇقارقى سەۋەپلەردىن باشقا، بالىلارنىڭ تاماقنى ئېغىزىغا يېغىۋىلىپ يۇتقىلى ئۇنىماسلىقى، ئۇلارنىڭ يىمەكلىك يىيىش ئىقتىدارىنىڭ يىتىشەلمىگەنلىكىدىن، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئېغىز بوشلۇقى ئىقتىدارى كەينىدە قالغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن.

ئۇنداقتا، بالا ھەمىشە تاماقنى ئېغىزىغا يېغىۋىلىپ، چايناپ يۇتقىلى ئۇنىمىسا قانداق قىلىش كىرەك؟ بۇ ھەقتە جېجىياڭ داشۆسى تىببى شۆيەنىگە قاراشلىق بالىلار كىسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى يىتىلىش ۋە قىلمىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى، لى ۋىنخاۋ دوختۇر تۆۋەندىكىدەك تەكلىپلەرنى بەرگەن.
بۇنى ھەل قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل، بالىلارنىڭ بۇ ئىقتىدارنى قايتىدىن ئۆگىنىشىگە سەۋرچانلىق بىلەن ياردەم بىرىش بولۇپ، ھەرگىز ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق كىرەك. بۇ جەرياندا، بىز تۆۋەندىكى تۆت تەرەپتىن قول تىقساق بولىدۇ.
بالىلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى مۇسكۇلىنىڭ ھەرىكىتى ۋە يىتىلىشىنى قوزغىتىش
ۋاقىت مەزگىلىگە قاراپ، بالىلارنى ئۆردەك تۇمشۇقلۇق ئىستاكان(ئالتە ئايلىقتىن كىيىن)، قوشۇش شەكىللىك سۈمۈرۈش نەيچىلىك ئىستاكان(توققۇز ئايلىق)، ئادەتتىكى سۈمۈرۈش نەيچىلىك ئىستاكان(18-12ئايلىق)، ئېغىزى پۈتۈنلەي ئۇچۇق ئىستاكان(2ياشتىن كىيىن) قاتارلىقلارنى ئىشلىتىشنى مەشىقلەندۈرۈش ھەمدە 18ئايلىق بولغان ئەتراپتا، ئىمكان قەدەر سۈت بوتولكىسىنى تاشلاتقۇزۇش.
شۈمۈپ ئىمىش ئىھتىياجى بار كىچىكرەك ياش مەزگىلىدىكى بوۋاقلارغا، ھەرخىل چىشلەش سېغىزلىرىنى تەمىنلەپ بىرىش؛ بالىلارنىڭ چىشىنى ھەركۈنى تازىلاپ، ئۇلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقىغا بولغان غىدىقلاشنى كۈچەيتىش.
ئادەتتە، بوۋاقلارنىڭ دوراپ تەقلىد قىلىش ۋە ئىزدىنىش ئىستىكى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ؛ شۇڭا، ئاتا-ئانىلار ئۇلارنىڭ سىناپ بېقىشىغا پۇرسەت بىرىشى كىرەك.

يىمەكلىكلەرنىڭ قاتتىق-يۇمشاق ۋە قويۇق-سۇيۇقلۇقىنى تەڭشەش
ئەگەر بالىلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى ئىقتىدارى ئاجىز بولۇپ قالغان بولسا، ئۇلارغا چوڭ پارچىلىق ھەم قاتتىق بولغان يىمەكلىكلەرنى زورلاپ يىگۈزمەسلىك كىرەك، يەنىلا ئاستا-ئاستا كىلىش لازىم.
بالىلار ياقتۇرۇپ يەيدىغان يىمەكلىكنى بىر ۋاخلىق تاماقتىكى ئاساسلىق يىمەكلىك قىلىپ، تەدرىجى ھالدا بۇ يىمەكلىكنىڭ ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ بەرسەك بولىدۇ؛ مەسىلەن، ھەرخىل شەكىللەردە توغراپ بىرىش، ياكى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئازراق چوڭ پارچىلاپ بىرىش دىگەنلەرگە ئوخشاش.
بۇ جەرياندا، قوشۇمچە يىمەكلىك يىگۈزۈگەنگە ئوخشاش، سەۋرچان بولۇپ، ئاز-ئازدىن ئۆزگەرتىش قىلىش كىرەك. بۇ جەرياندا ئاتا-ئانىلار چوقۇم سەۋرچان بولۇشى كىرەك، ناگاندا بىر ئۈنۈم بەرمەي قالسىمۇ، ئالدىراقسانلىق قىلماي، قايتىدىن كەلسەك بولىدۇ.

تاماق يىگۈزۈش ۋاقتى ۋە مۇھىتنى كونتىرول قىلىش
بالىلارنىڭ دىققىتىنى يېغىپ تاماقلىنىشى ئۈچۈن، دەخلى كۆرسىتىدىغان نەرسىلەرنى يېغىشتۇرۋىتىش لازىم؛ مەسىلەن، تېلىۋىزورنى ئىتىۋىتىش، يانفون ۋە ئويۇنچۇقلارنى باشقا ياققا ئېلىپ قويۇپ تۇرۇش دىگەنلەرگە ئوخشاش. بۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەم، ھەرخىل شەكىلدىكى قىزىقارلىق تاماق قاچىلىرى بىلەن، بالىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ سىناپ كۆرسەك بولىدۇ.
بالىلارغا مۇقىم ئورۇن ۋە ۋاقىتتا تاماق يىيىشنى ئۆگەتسەك، ئۇلارنىڭ ياخشى بولغان تاماقلىنىش ئادىتى يىتىلدۈرۈشكە پايدىلىق بولىدۇ. ھەر قېتىملىق ئۇزۇقلىنىش ۋاقتى 30مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كىرەك، قانچىلىك يىيەلىسە شۇنچىلىك بىرىش، زورلىماسلىق لازىم.
ئەگەر بالا قەتئى يىگىلى ئۇنىمىسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ قوساق ئېچىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى مۇۋاپىق تۈردە بىلدۈرۈپ قويساقمۇ بولىدۇ؛ بۇنىڭدا، كىيىنكى قېتىملىق تاماق يىيىش كۆپ ئوڭۇشلۇق بولۇشى مۇمكىن.

كەيپىياتنى كونتىرول قىلىش
تاماق يىگۈزگەن ۋاقىتتا، ئائىلىدىكى ھەممەيلەن، بالىغا بىر خىل ئازادىلىك كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈپ بىرىشكە تىرىشىش كىرەك. مەسىلەن، ئانا تاماق يىگۈزۈشكە مەسئۇل بولسا، باشقىلار يىمەكلىك تەييار قىلىشقا مەسئۇل بولۇش. بۇندىن باشقا، پۈتكۈل تاماق يىگۈزۈش جەريانىغا، ئىمكان قەدەر ئوخشاش بىر ئادەم مەسئۇل بولۇش كىرەك؛ بۇنىڭدا، بالىلارنىڭ تۇمۇچى بولۇپ قېلىشىدىن، يەنى ئانىسى ئاچچىقلاپ قالسا دادىسى ياكى مومىسىنى ئىزدەيدىغان، تاماق يىيىش جەريانىنى زىددىيەت شەكىللىنىدىغان مەيدانغا ئايلاندۇرۇپ قويىدىغان ئەھۋاللارنى كىلىپ چىقىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە، ئاتا-ئانىلار ئۆزى چايناپ بالىغا ئۈلگە كۆرسىتىپ بىرىش ۋە ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى چاينىشىنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى ماختاش، ياكى ئۇنىڭ نەرسە-كىرەكلەرنى چۇۋۇۋەتكەنلىكىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىقلارنى سىناپ كۆرسەكمۇ بولىدۇ. بىراق، بالىلارنى قورقىتىدىغان تەھدىت سالىدىغان ياكى ئاچچىقلىنىپ تىللايدىغان قىلمىشلارنىڭ كۆرۈلىشىگە ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ.