ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ئاياللار بۇ ۋاقىتلاردا بالىسىنى ئىمىتسە بولمايدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-28 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئىمىتىش مەزگىلى كەلگەندە، نۇرغۇن ئانىلار بالىسىنى قانداق ئىمىتىش ھەققىدە ئەنسىرەشكە باشلايدۇ. بىراق، نۇرغۇن ئاياللارنىڭ تۇنجى ئانا بولۇشى بولغاچقا، نۇرغۇن نەرسىلەرنى چۈشەنمەيدۇ ھەم بىلمەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، بەزىدە ئۆزىمۇ بىلمەستىن بوۋىقىغا زىيان يەتكۈزۈپ قويىدىغان ئەھۋاللار كىلىپ چىقىشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئىمىتىش مەزگىلىدە ھاراق ئىچىش ۋە تاماكا چىكىش دىگەنگە ئوخشاش قىلمىشلار، بوۋاققا زىيانلىق تەسىر ئەكىلىدىغان قىلمىشلاردۇر. بۇندىن باشقا، بوۋاقنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن، تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل ۋاقىتتىمۇ، بوۋاقنى ئىمىتىشكە بولمايدۇ.
قاتتىق ھەرىكەتلىنىشتىن كىيىن بوۋاقنى ئىمىتىشكە بولمايدۇ
   نۇرغۇن ئاياللار، تۇغۇتتىن كىيىن بەدەن شەكلىنى ئەسلىگە ئەكىلىش ئۈچۈن، ھەرىكەتلىنىپ چېنىقىشنى تاللايدۇ. ئەمىلىيەتتە، بۇنىڭ ھېچقانداق خاتاسى يوق؛ بىراق، قاتتىق ھەرىكەت قىلغاندىن كىيىن، كەينىدىن ئۇلاپلا بالىنى ئىمىتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى، قاتتىق ھەرىكەتلىنىشتىن كىيىن ئانىنىڭ تېنىدە بىر خىل كىسلاتالىق ماددا ئاجرىلىپ چىقىدىغان بولۇپ، بۇ خىل ماددا ئانا سۈتىنىڭ تەمىگە ۋە سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭلاشقا، ئادەتتە قاتتىق ھەرىكەتلىنىش ئېلىپ بارغاندا، ئەڭ ياخشىسى ئىككى سائەتتىن كىيىن ئاندىن بوۋاقنى ئىمىتىش كىرەك.
سىرتتىن قايتىپ كىلىپلا بوۋاقنى ئىمىتىشكە بولمايدۇ
    ئىمىتىدىغان بالىسى بار ئاياللارمۇ ئىجتىمائى ئالاقە ياكى خىزمەتتىن مۇستەسنا بولالمايدۇ. بىراق، سىرتتىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، بوۋاقنى ئىمىتىشكە ئالدىرماسلىق كىرەك. چۈنكى، ئانا سىرتتىن قايتىپ كەلگەندە، سىرتقى مۇھىتتىن نۇرغۇنلىغان باكتىرىيە ۋىرۇسلارنى بىللە ئېلىپ قايتىپ كىلىدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا بالىنى ئىمىتكەندە، بوۋاقنى كىسەل قىلىپ قويۇش خەۋپى تۇغۇلىدۇ. شۇڭا، ئانىلار سىرتتىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، ئەڭ ياخشىسى ئۈستى-بېشىنى بىر تازىلىۋىتىپ، ئاندىن بوۋاقنى ئىمىتىش كىرەك.
جىدەللىشىپ قالغاندىن كىيىنلا بوۋاقنى ئىمىتىشكە بولمايدۇ
   تۇغۇتتىن كىيىن، بەزى ئانىلارنىڭ مىجەزى چۇس بولۇپ قېلىپ، ئاسانلا ئاچچىقلىنىدىغان ۋە ئىرى بىلەن جىدەللىشىدىغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بىراق، جىدەللىشىپ بولۇپ كەينىدىنلا بوۋاقنى ئىمىتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا ئانىنىڭ بەدىنىدىكى ھورمۇنلار تۇراقسىز ھالەتتە بولۇپ، ئانا سۈتىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. شۇڭا، بوۋاقنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، ئانىلار بۇ نوقتىغىمۇ دىققەت قىلىشى كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号