ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالىلار خاتالىق ئۆتكۈزسە، بۇ نەچچە سۇئاللارلا كۇپايە قىلىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-25 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشى جەريانىدا، ھەرخىل مەسىلىلەرگە دۇچ كىلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئاتا-ئانىلار بۇنداق ۋاقىتتا، قول تىقىپ ئارىلىشىشقا ئالدىرماي، ئالدى بىلەن ئۇلاردىن تۆۋەندىكى سەككىز خىل سۇئالنى سوراپ، ئۇلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ باقسا بولىدۇ. كۆپىنچە ئەھۋاللاردا، بۇ سۇئاللارنى تۇلۇق سوراپ بولماي تۇرۇپلا، مەسىلە ئايدىڭلىشىدۇ ھەمدە ھەل قىلىنىپ بولىدۇ.
    بالىلار خاتالىق ئۆتكۈزگەندە، ئۇلارنى ئالدىراپ ئەيىبلىمەي، سەككىز سۇئال ئارقىلىق ھەل قىلىش
   ئامىرىكا پىسخىلوگلىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بالا مەسىلىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھەل قىلالىشى ياكى قىلالماسلىقى، ئۇلارنىڭ ئەقىللىقلىق دەرىجىسى تەرپىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچمىشى تەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ؛ بىراق بالىنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچمىشى بولسا، كۆپىنچە ئاتا-ئانىسى تەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ. شۇڭا، مەسىلە كۆرۈلگەندە، بالىغا ياردەملىشىپ ھەل قىلىشىپ بىرىشكە ئالدىرماي، ئۇلارنى مەسىلىنى ئۆزى ھەل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كىرەك.
بىرىنچى سۇئال: نىمە ئىش يۈز بەردى؟
   بۇ سۇئال قارىماققا ناھايىتى ئاددى، ئەمما ئىنتايىن مۇھىم. نۇرغۇن كىشىلەر تاساددىبىي ئەھۋالغا يولۇققاندا، ئادەتلىنىش خارەكتىرىدە ناھايىتى تىزلا ھۆكۈم چىقىرۋىتىدۇ: "چوقۇم سەن ئاۋال ئۇنى ئۇرۇپسەن"، "چوقۇم سەن بىرەر ئىشنى خاتا قىلغان گەپ، شۇڭا مۇئەللىمىڭ سىنى جازالايدۇ.
   ئەگەر بىز بالىلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ نوقتىسىدىن ئىشنىڭ جەريانىنى سۆزلىشىگە يول قويمىساق، ئۇلارغا ئۇۋال قىلىپ قويىشىمىز مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەگەر بالىغا سۆزلەشكە پۇرسەت بەرسەك، خاتالىق ئۇنىڭدا بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ ئۆزىنى ئاقلاشقا پۇرسەت بار بولغانلىقى ئۈچۈن، خاتالىقىنى بىرقەدەر ئاسانراق تۇنۇيدۇ.
ئىككىنچى سۇئال: ھازىر قانداق تۇيغۇدا بولىۋاتىسەن؟
   ئىشنىڭ جەريانى ئوبىكتىپ ئەمىلىيەت، ئادەمنىڭ كۆڭلى ئۇچرىغان زەربە بولسا سوبىكتىپ تۇيغۇ، توغرا خاتاسى بەرىبىر. نۇرغۇن ۋاقىتلاردا، بىز پەقەت ئۆزىمىزنىڭ تۇيغۇسىنى سۆزلەپ چىقىرىشقىلا ئىھتىياجلىق بولىمىز خالاس. بىز ئەگەر كۆڭلىمىزدىكىنى سۆزلەپ چىقارساق، يىغلاپ تىللىۋالساق، كەيپىياتىمىز كۆپ ياخشى بولۇپ قالىدۇ.
   مىڭە ئىلمى تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بىر ئادەمنىڭ كەيپىياتى كۈچلۈك بولغان ۋاقىتتا، سىرتتىن كەلگەن غىدىقلىنىش، مىڭە تەرپىدىن ئاسانلىقچە قۇبۇل قىلىنمايدىكەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىر ئادەمنىڭ كەيپىياتى بار ۋاقىتتا، باشقىلار نىمىلا دىمىسۇن ئۇلارنىڭ قولىقىغا كىرمەيدۇ؛ ئۇ پەقەت كەيپىياتى نورماللاشقاندىن كىيىن، ئاندىن سۇغۇققانلىق بىلەن ئويلىشىدۇ.
   شۇڭا، ئەگەر بالىلارنى گېپىمىزنى ئاڭلىسۇن دىسەك، بىز ئاۋال ئۇلارنىڭ تۇيغۇسىنى توغرا چۈشىنىپ، ئۇلارنىڭ كەيپىياتىنى پەسەيتىدىغان بىر چىقىش ئېغىزى يارىتىپ بىرىشىمىز كىرەك.
ئۈچىنچى سۇئال: سەن قانداق قىلاي دەۋاتىسەن؟
   ئۇ ۋاقىتتا بالىلار مەيلى قانداقلا ھەيران قالارلىق گەپلەرنى قىلمىسۇن، ئۇنىڭغا تەنبىھ بىرىشكە ئالدىرماي، سۇغۇققانلىق بىلەن ئۇنىڭدىن تۆتىنچى سۇئالنى سوراش لازىم.
تۆتىنچى سۇئال: ئۇنداقتا سىنىڭچە قانداق ئاماللار بار؟
   بۇ ۋاقىتتا، بالىلار بىلەن بىرلىكتە مىڭىڭىزنى سىلكىپ قوزغىتىپ، ھەرخىل ئۇسۇللارنى—يەنى، مۇۋاپىق بولغان ۋە نامۇۋاپىق بولغان، قاملاشمىغان، كۈلكىلىك بولغان، سەبىيلەرچە بولغان...ھەرخىل ئۇسۇللارنى ئويلىشىپ بېقىڭ؛ مىڭىنى سىلكىۋىتىشنىڭ مۇھىم نوقتىسى، ئاڭلىماققا قاملاشمىغاندەك بىلىنىدىغان خىيال بار بولۇشقا يول قويۇش.
   بۇ ۋاقىتتا مەيلى قانداق جاۋاپ ئاڭلىماڭ، ۋاقتىنچە بالىنى ئەيىبلىمەڭ ياكى ھۆكۈم چىقارماڭ.
   بالا باشقا ھېچقانداق ئۇسۇل ئويلاپ تاپالمىغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭدىن بەشىنچى سۇئالنى سورىسىڭىز بولىدۇ.
بەشىنچى سۇئال: بۇ ئۇسۇللارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟
    بالىلارغا بۇ ئۇسۇللارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىردىنبىر تەكشۈرتۈش. بۇ ۋاقىتتا سىز بەلكىم ھەيران قالارلىق بىر بايقاشقا ئىرىشىشىڭىز مۇمكىن: كۆپ قىسىم بالىلار ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى چۈشىنىپ يىتەلەيدۇ.
   ئەگەر ئۇنىڭ تۇنۇشىدا پەرق بار بولسا، بۇ ۋاقىتتا سىز ئۇنىڭ بىلەن ياخشى مۇزاكىرلىشىپ، ئۇنىڭغا رىئاللىقتىكى ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈپ قويىشىڭىز كىرەك. بۇ، ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلارنىڭ پىكىرلىشىشىدىكى ناھايىتى ياخشى بىر پۇرسەت بولۇپ، ئۇنىڭغا تەربىيە بىرىش ئاھاڭدا سۆزلىمەي، ھەقىقەتنى تەسۋىرلەپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ.
ئالتىنچى سۇئال: سەن قانداق قىلىشنى قارار قىلدىڭ؟
   بالا چوقۇم ئۆزىگە ئەڭ پايدىلىق بولغان ئەھۋالنى تاللايدۇ. ئەگەر ئۇ ئاقىۋىتىنى چۈشەنسە، ئادەتتە ئەڭ مۇۋاپىق ھەم ئەڭ دانا بولغان تاللاش قىلىدۇ. ئۇنىڭ تاللىشى چوڭلار ئۈمىد قىلغان نەتىجە بولمىغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا بالىلارنىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلىش كىرەك.
   چوڭلار چوقۇم ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش، ئۇنىڭدىن قانداق بىتەرەپ قىلىدىغانلىقىنى سوراپ بولغاندىن كىيىن، ئۇنىڭغا يەنە بۇنداق قارار چىقارسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتماسلىقى كىرەك. بولمىغاندا، بالا سىزگە قايتا ئىشەنمەس بولۇپ قالىدۇ.
   ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ خاتا تاللاپ سالغان تەقدىردىمۇ، بۇ خاتالىق جەريانىدا، تېخىمۇ كۆپ قىممەتلىك بولغان تەجىربە ساۋاقلارغا ئىگە بولالايدۇ.
يەتتىنچى مەسىلە: مىنىڭ نىمە قىلىشىپ بىرىشىمنى ئۈمىد قىلىسىز دەپ سوراش ھەمدە ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش
   بالىلار قانداق ياردەمگە ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىلار چوقۇم ئاكتىپلىق بىلەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى كىرەك. بەلكىم بالا ئۆزى ھەل قىلىپ كىتەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن، بۇنىڭدا ئۇلارنىڭ مەسىلىلەرنى بىتەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.
   ئىش ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن، ئۇنىڭدىن ئەڭ ئاخىرقى بىر سۇئالنى سوراش كىرەك.
سەككىزىنچى سۇئال: نەتىجىسى قانداق بولدى؟ كۆڭلۈڭدىكىدەك بولالىدىمۇ؟
   ياكى، "كىيىنكى قېتىم ئوخشاش ئەھۋالغا يولۇقۇپ قالساڭ، سەن قانداق تاللاش قىلىسەن" دەپ سوراش؛ بۇ ائرقىلىق ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ھۆكۈمىنى بىر قېتىم تەكشۈرتۈش كىرەك. بۇنىڭدا، ئۇلار كىيىنچە ئوخشىشىپ كىتىدىغان مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن ۋاقىتتا، بەلگىلىك بىتەرەپ قىلىش ئۇسۇلىغا ئىرىشەلەيدۇ.
   بۇ تەرىقىدە بىر نەچچە قېتىم مەشىق قىلغاندىن كىيىن، بالىلارنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىدىن، بىز قايتا ئەنسىرەپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ.
   ئاتا-ئانىلار، بالىسىنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا چات كېرىۋالماسلىقى، بالىلار مۇھتاج بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۆزى خالىغانچە ئۇلار ئۈچۈن قارار چىقىرۋەتمەسلىكى كىرەك. چۈنكى، ئەگەر چېنىقىش پۇرسىتىنى يوقىتىپ قويغان ۋاقىتتا، بالىلارنىڭ مەسىلىلەرنى ئۆزى مۇستەقىل بىتەرەپ قىلىش ئىقتىدارى كەينىگە چىكىنىپ، مەسىلىلەرگە يولۇققاندا نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号