ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
قان ئازلىق كىسىلى بار ھامىلدارلار قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-24 كۆرۈلىشى : قېتىم
   نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللارىڭ قارىشىچە، ھامىلدارلىق مەزگىلى قان ئازلىق كىسىلى نورمال بىر ئىش ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، بىر ئادەم يەپ ئىككى ئادەمگە ئۇزۇقلۇق يەتكۈزگەن ئىكەن، قان ئازلىق كىسىلى بولۇپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ دەپ قارايدۇ ھەمدە يىتەرلىك دەرىجىدە ئىتىبار بىلەن قارىمايدۇ. بۇ توغرا ئەمەس.
   تۇغۇت تەكشۈرۈشىدە، دوختۇرلار بىزگە، ئەگەر باش قېيىپ، چىرايىمىز ئاقىرىپ كەتسە، بۇ قان ئازلىقنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئايالدا قان ئاز بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا بالىياتقۇدىكى بالىغا ئوكسىگىن يىتىشمەي قېلىپ، تۇغۇلغاندىن كىيىن، بەدىنىدىكى تۆمۈر ماددىسى ساقلىنىش مىقدارى تۆۋەن بولغانلىقتىن، كەلگۈسىدە قان ئازلىق كىسىلى بولۇپ قالىدىغان، بەدەن سۈپىتى ئاجىز بولۇپ قالىدۇ. شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ھامىلدار ئايالدا قان ئاز بولۇشنىڭ بوۋاققا بولغان تەسىرى زور ھەم يېراققا سوزۇلغان بولىدۇ.
    ئۇنداقتا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قان ئاز بولۇپ قالغاندا، قانداق تۇلۇقلاش ئېلىپ بېرىش كىرەك؟
قان تۇلۇقلاش ئىچىملىكى
    تۆمۈر ماددىسىنىڭ، قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى قىزىل قان ھۈجەيرىلىنىڭ شەكىللىنىشىگە قارىتا مۇھىم رولى بار؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، بەدەندە تۆمۈر ماددىسى كەملەپ كەتكەندە، قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى قان ئازلىق بولسا، ئادەتتە تۆمۈر كەمچىللىك خارەكتىرىدىكى قان ئازلىق كىسىلى. ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىدىكى دائىملىق تەكشۈرۈشتە، مىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە قان ئازلىق كىسىلى بولۇپ قالغىنىم بايقالغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا دوختۇر ماڭا قان تۇلۇقلاش ئىچىملىكى (补血口服液) ئىچىشنى تەۋسىيە قىلغان. چۈنكى، بۇ دورا نىسبەتەن ئاسان سۈمۈرلىدىغان بولۇپ، ئۈنۈمى ئىنتايىن تىز ئىكەن. مەن بىر مەزگىل ئىچكەندىن كىيىن، ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ئۈنۈملۈك بولدى. ئارىدىن يېرىم ئاي ئۆتۈپ قايتا تەكشۈرۈش قىلغاندا، ئاساسى جەھەتتىن لاياقەتلىك ئۆلچەمگە يەتكەن ئىدى.
قان تۇلۇقلاشتا، گۆش كۆكتاتتىن ياخشى
   قان تۇلۇقلاش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئۈنۈمى گەرچە ياخشى بولسىمۇ، ئەمما كۆپ قىسىملىرىدا بىر خىل تۆمۈرنىڭ غەلىتە پۇرىقى بولغاچقا، بەزىبىر ھامىلدارلىق مەزگىلى ئىنكاسى كۈچلۈكرەك بولغان ھامىلدار ئاياللارغا نىسبەتەن ئىچىش تەسكە توختايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇزۇقلۇق ئارقىلىق تۇلۇقلاشمۇ، يامان ئەمەس بىر خىل تاللاشتۇر. گەرچە پالەك تەركىبىدىكى تۆمۈر مىقدارىمۇ يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۆسۈملۈك تەركىبىدىكى تۆمۈر ماددىسى، گۆش تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر تەركىبىدىكى تۆمۈر ماددىسىدەك، ئۇنداق بەدەنگە ئاسان سۈمۈرۈلمەيدۇ. شۇڭا، ھامىلدار ئاياللار تۆمۈر تۇلۇقلاشتا، ئۇرۇق گۆشنى كۆپرەك يەپ بىرىشى كىرەك.
   بىراق ئادەتتە كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان قان تولۇقلاش مەھسۇلاتى ئېجىياۋ (阿胶)نى، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئىچىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ؛ چۈنكى، ئېجىياۋنىڭ قاننى جانلاندۇرۇش رولى بار بولۇپ، ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىدە، بەلكىم بالىياتقۇ تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ۋىيتامىن Cتۇلۇقلاش، تۆمۈرنىڭ سۈمۈرلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ
    يىمەكلىكلەر تەركىبىدىكى تۆمۈر ماددىسى كۆپىنچىسى ئۈچ ۋالىنتلىق تۆمۈر بولۇپ، ۋىيتامىن C بولسا، ئۈچ ۋالىنتلىق تۆمۈرنى، ئادەم بەدىنى تېخىمۇ ئاسان سۈمۈرەلەيدىغان ئىككى ۋالىنتلىق تۆمۈرگە ئايلاندۇرالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، تۆمۈر تۇلۇقلاش بىلەن بىرگە مۇۋاپىق مىقداردا ۋىيتامىن C تۇلۇقلاپ بەرگەندە، تۆمۈرنىڭ بەدەنگە سۈمۈرلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. ھامىلدار ئاياللار تاماقتىن كىيىن، جۈزە، مايمۇن شاپتۇلى قاتارلىق ۋىيتامىن Cتەركىبى يۇقىرى مىۋىلەرنى يەپ بەرسە، تۆمۈرنىڭ سۈمۈرلۈشىگە پايدىلىق بولىدۇ.
تۆمۈرنىڭ سۈمۈرلۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان نەرسىلەرنى ئاز ئىستىمال قىلىش
   تۆمۈر تولۇقلاش مەزگىلىدە، تۆمۈر ماددىسىنىڭ سۈمۈرلۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان يىمەكلىكلەرنى ئاز ئىستىمال قىلىش ياكى ئىستىمال قىلماسلىق كىرەك؛ مەسىلەن، چاي. چاي تەركىبىدىكى ماددىلار تۆمۈر بىلەن رىئاكسىيەلىشىپ، ئاسانلا چۆكمە ھاسىل قىلىۋالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، تۆمۈر تۇلۇقلاش مەزگىلىدە چاينى ئاز ئىچىش كىرەك.
   ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنى، قوساقتىكى ھامىيلىگە تۆمۈر ماددىسى يەتكۈزىدىغان مۇھىم كىلىش مەنبەسى بولۇپ، ھامىلدار ئايالدا تۆمۈر ماددىسى كەم بولسا، ھامىيلىدىمۇ تۆمۈر ماددىسى كەم بولىدۇ. بۇنىڭدا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، تىل ئىقتىدارى ۋە ئەستە ساقلاش ئىقتىدار كەينىدە قالىدۇ. شۇڭا، ھامىلدار ئاياللار ھەر قېتىملىق ھامىلدارلىق دائىملىق تەكشۈرۈشىنى ئاكتىپلىق بىلەن قىلدۇرۇپ، ئەگەر قان ئازلىقى بايقىلىپ قالسا، ۋاقتىدا قان تولۇقلاش ئېلىپ بېرىش كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号