ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » ئانا-بالىلار
بوۋاقلار ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش جەدۋىلىنى قانداق تۈزۈش كىرەك
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-14كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئايال كىشى دەسلەپ ئانا بولغان ۋاقىتدا، بوۋىقىغا ئۇزۇقلۇق يىتىشمەي قېلىشتىن ئەڭ قورقىدۇ؛ شۇڭا ئۇلار بالىسى تۇغۇلغاندىن باشلاپ، ئۇنىڭغا نىمىلەرنى يىگۈزۈش ۋە قايسى خىل ئۇزۇقلۇقلارنى تۇلۇقلاش كىرەكلىكى توغرىسىدا تەتقىق قىلىشقا باشلايدۇ.
    ئانىلارنىڭ بۇ خىل پىسخىكىسىنى ئىگىلەپ، يېقىندا بىر بوۋاقلار ئىشلىتىدىغان بۇيۇملارنى ساتىدىغان دۇكان، يىڭى ئانا بولغۇچىلارغا "كۈيۈنگەن" ئاساستا، "بوۋاقلار ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش ۋاقىت جەدۋىلى"دىن بىرنى تۈزۈپ چىققان. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ھەربىر بوۋاق تۇغۇلىشىدىن باشلاپلا، "قۇۋۋەت تۇلۇقلاش"قا باشلىشى كىرەك ئىكەن.
   بۇ جەدۋەلدە كۆرسىتىلىشىچە، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار تۇغۇلۇپ 15كۈندىن باشلاپ ۋىيتامىنD تۇلۇقلىشى، ئايغا توشقاندىن باشلاپ كالتىسي تۇلۇقلىشى، 4ئايلىققا كىرگەندىن باشلاپ تۆمۈر تۇلۇقلىشى، ئالتە ئايلىق بولغاندىن كىيىن سىنىك تۇلۇقلاشقا باشلىشى، 3-0ياش مەزگىلىدە ھەر كۈنى بىرتالدىن DHAيىيىشى، ھەربىر پەسىل ئالماشقاندا چوقۇم تۇخۇم سېرىقى ئاقسىلى تۇلۇقلىشى كىرەك ئىكەن. بىراق، بۇ جەدۋەلنىڭ زادى ئىلمى ئاساسى بارمۇ؟
   گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسى ئۇزۇقلۇق بۆلىمىنىڭ مۇدىرى شىياچىيۇڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ جەدۋەلدىكى تەركىبلارنىڭ ئاساسەن ھېچقانداق ئىلمى ئاساسى يوق بولۇپ، ئىشەنگىلى بولمايدىكەن. ئۇنىڭ دىيىشىچە، پەقەت بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان ۋە بەدەن ئېغىرلىقى زىيادە تۆۋەن تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاقلارغىلا، تۇغۇلغاندىن كىيىن دوختۇرنىڭ جىكىلىمىسى بويىچە مۇناسىپ ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش ئېلىپ  بارغاندىن باشقا، نورمال ۋە ۋاقتى توشۇپ تۇغۇلغان بوۋاقلارغا، ئادەتتە ۋىيتامىنDدىن باشقا مەلۇم بىر خىل ئۇزۇقلۇقنى ئالاھىتەن تۇلۇقلاش ھاجەتسىز ئىكەن.
ۋىيتامىنDنى بوۋاق تۇغۇلۇپ بىر ئىككى ھەپتىدىن كىيىنلا تۇلۇقلاشقا باشلاش كىرەك.
   "جۇڭگۇ ئاھالىلىرى يىمەكلىك كۆرسەتمىسى(2016-يىللىق)" دىكى جۇڭگۇلۇق بوۋاقلارنى ئۇزۇقلاندۇرۇش كۆرسەتمىسىدە ئىنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسىتىلگەن: " بوۋاق تۇغۇلۇپ نەچچە كۈندىن كىيىن ۋىيتامىنD تۇلۇقلاشقا باشلاش كىرەك، كالتسىي تۇلۇقلاش بىھاجەت". بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبى بولسا، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ۋىيتامىنDغا بولغان ئىھتىياجى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، ئەگەر ۋىيتامىنD كەمچىل بولۇپ قالسا، بالىلادا دوڭغاقلىق، سۆڭىكى يۇمشاپ يىتىلىپ قېلىش، ۋە سۆڭەك شالاڭشىش قاتارلىق كىسەللىكلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
   ۋىيتامىنDنىڭ يىمەكلىكلەردىكى مەنبەسى ئىنتايىن چەكلىك بولۇپ، ئاساسلىقى بەدەن ئىچىدە بىرىكتۈرۈش ۋە سىرتتىن تۇلۇقلاشقا مۇھتاج؛ بەدەندە بىرىكتۈرۈشنىڭ مۇھىم بىر شەرتى بولسا، ئاپتاپقا قاقلىنىش. بوۋاقلارنىڭ ئادەتتە سىرتقى مۇھىتتىكى پائالىيىتى چەكلىمىگە ئۇچرىغاچقا، بۇنىڭغا قۇياش نۇرى چۈشۈش يىتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق ئامىللار قوشۇلۇپ، ئاپتاپقا قاقلىنىش ئارقىلىق ۋىيتامىنD تۇلۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرماق تەسكە توختايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بوۋاقلار ئىھتىياجلىق بولغان ۋىيتامىنDنى، يىمەكلىكنى كۈچەيتىش ياكى بىۋاستە ئىستىمال قىلىپ تۇلۇقلاش ئارقىلىق تۇلۇقلاش ئېلىپ بېرىش كىرەك.
   شىيا مۇدىرنىڭ كۆرسىتىشىچە، مەيلى ئانا سۈتى ئىمىتكەن بولسۇن ياكى رىتسىپلىق سۈت پاراشوكى ئىمىتكەن بولسۇن، بالا تۇغۇلۇپ 2-1ھەپتە بولغاندىن باشلاپ، ھەر كۈنى ئۇلارغا نۇرمىدىن سىرت 400 خەلقئارا ئۆلچەم بىرلىكىدە ۋىيتامىنD تۇلۇقلاش ھەمدە ئەڭ ياخشىسى ياشلىق مەزگىلىگە يەتكۈچە داۋاملاشتۇرۇش كىرەك ئىكەن. بۇندىن باشقا، بوۋاق ئالتە ئايلىق بولغىچىلىك، ئۇنىڭ كالتسىي، تۆمۈر، سىنىك ۋە DHA قاتارلىقلارنى تۇلۇقلاش كەتمەيدىكەن.
   كالتسىي، تۆمۈر، سىنىك قاتارلىقلار، ئاتا-ئانىلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئۇزۇقلۇق ماددا. بىراق شىيا مۇدىرنىڭ كۆرستىشىچە، بوۋاق ئالتە ئايغا توشقىچىلىك بولغان ئارىلىقتا، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تولۇقلاش كەتمەيدىكەن.
   24-7ئايلىق مەزگىلىدىكى بوۋاقلارغا قارىتامۇ، كالتسىي، تۆمۈر، سىنىك ۋە DHA تۇلۇقلاشتا، ئانا سۈتى ياكى رىتسىپلىق سۈت پاراشوكى ۋە قوشۇمچە يىمەكلىكلەر ئارقىلىق تۇلۇقلاش تەكلىۋى بىرىلىپ، نورمىدىن سىرت بىۋاستە ئىستىمال قىلىپ تۇلۇقلاش ئېلىپ بېرىش تەۋسىيە قىلىنمايدىكەن.
يېرىم ياشتىن كىيىن، سىنىك تۇلۇقلاشنى ئەمەس، تۆمۈر تۇلۇقلاشنى كۈچەيتىش كىرەك
   بالىلار قوبۇل قىلىدىغان ئۇزۇقلۇققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بوۋاقلار ئالتە ئايلىققا توشقاندىن باشلاپ، ئۇلارغا قوشۇمچە يىمەكلىك يىگۈزۈش تەكلىۋى بىرىلىدۇ. بىراق، قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى قوشۇپ بىرىشتىمۇ دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك پىرىنسىپلار بار، ئۇ بولسىمۇ ئۇزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش. بىراق بۇنىڭدىكى يەنە بىر مۇھىم نوقتا بولسا، تۆمۈر تولۇقلاشنى كۈچەيتىش.
    ھامىلدار ئايال ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قوبۇل قىلىپ ساقلىغان تۆمۈر ماددىسى، ئادەتتە بوۋاقنىڭ تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئالتە ئايلىق بولغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى ئىھتىياجىنى قامدىيالايدۇ. بىراق ئالتە ئايلىق بولغاندىن كىيىن، بوۋاقنى يەنىلا ساپ ئانا سۈتى ۋە ياكى رىتسىپلىق سۈت پاراشوكى بىلەن ئۇزۇقلاندۇرۇپ، ۋاقتىدا تۆمۈر تەركىبى مول بولغان قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى قوشمىغاندا، بوۋاقلارنىڭ تۆمۈر قوبۇل قىلىشىنىڭ يىتىشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تۆمۈر كەمچىل بولۇشتىن كىلىپ چىققان قان ئازلىق كىسىلىنى كەلتۈرۈپ چىققان بولۇشى مۇمكىن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号