ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل يىمەكلىكنى كۆپ يەۋالماڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-12 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ئائىلىسىدىكىلەر ئۇلارنىڭ يىمەك-ئىچمىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپ، ھەرقانداق بىر خىل ئەخلەپ يىمەكلىكلەرنىڭ ئۇلارنىڭ قولىدا كۆرۈلۈپ قېلىشىنى توسىدۇ. بىراق، ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ئۇلار تەم خاھىشىدىمۇ ئۆزگىرىش كۆرىلىدىغان بولۇپ، ھەتتا ئىلگىرى ياقتۇرمايدىغان يىمەكلىكلەرنىمۇ يىگۈسى كىلىپ قالىدىغان بولۇپ قالىدۇ؛ ئەگەر ئۆيىدىكىلەر يىگىلى قويمىسا، "ئوغۇرلۇقچە" بولسىمۇ يەۋالىدۇ. ئۇنداقتا، ھامىلدار ئاياللارنى بۇ دەرىجىگە يەتكۈزۈپ قويغان قانداق يىمەكلىكلەر؟ تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈپ بېقىڭ!
خوگو
   خوگو، ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر ياقتۇرۇپ يەيدىغان بىر خىل تائام تۈرىگە ئايلىنىپ قالدى، ھامىلدار ئاياللارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. بىراق، خوگونىڭ ئادەتتە تەگ شورپىسى بار بولۇپ، بۇ خىل شورپىلار ئاچچىق ھەمدە تەركىبى ئىنىق بىلگىلى بولمايدىغان كىلىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ھامىلدار ئايال ئاسانلا قوقاقلاپ، قوسىقىدىكى ھامىيلىنى بىئارام قىلىپ قويىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خوگونىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى ئومۇميۈزلۈك ئەمەس، ھەم ئادەمنى ئاسانلا سەمىرتىپ قويىدۇ. شۇڭا ھامىلدار ئاياللار ئامال بار ئازراق ئىستىمال قىلىشى كىرەك.
تەييار چۆپ
   تەييار چۆپ دۇنياغا كەلگەندىن بۇيان، باھاسى ئەرزان ئۆزى تەملىك بولغانلىقى ئۈچۈن، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىشىغا ئىرىشىپ كەلمەكتە. بىراق، تەييار چۆپنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن تۆۋەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇنلىغان خۇرۇچ ماتىرياللىرى قوشۇلىدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك، تەييار چۆپنى ئاساسى جەھەتتىن "ئەخلەت يىمەكلىك" دەپ ئاتاشقا بولىدۇ، شۇڭا ئادەتتە ھامىلدار ئاياللارنى تەييار چۆپ يىيىشتىن توسايمىز. ئەمىلىيەتتە، قولايلىق چۆپتىكى ئاساسلىق مەسىلە، ئۇنىڭدا تىلغا ئالغۇدەك ئۇزۇقلۇق يوق بولۇپ، ھامىيلىگە كۆرسىتىدىغان بىۋاستە تەسىرى چوڭ بولمايدۇ؛ شۇڭلاشقا، ھامىلدار ئاياللار ناگاندا بىر تەييار چۆپ يەپ خۇماردىن چىقىۋالماقچى بولسا كۆپ زىيىنى يوق، ئەمما بەك كۆپ ھەم دائىم ئىستىمال قىلىۋالماسلىق كىرەك.
غەرپچە تىز تائام
   دۆلىتىمىز ئەنئەنىسىدە، يىمەكلىكلەرنى بىتەرەپ قىلىپ پىشۇرىدىغان نۇرغۇنلىغان ئۇسۇللار بار بولسىمۇ، ئەمما مايدا داغلانغان يىمەكلىكلەرنىڭ تەييارلىنىش سۈرئىتى تىز، تەمى ئۆزگىچە بولغاچقا، بۇ خىل ئۇسۇلنى ئاساسى گەۋدە قىلغان غەرپچە تىز تاماق، ھازىر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىدىغان يىمەكلىكىگە ئايلىنىپ قالدى. مايدا داغلاپ پىشۇرۇلغان يىمەكلىكلەرنىڭ تەمى گەرچە ياخشى بولسىمۇ، ئەمما ئۇزۇقلۇق تەركىبى ئېغىر دەرىجىدە ئېقىپ كىتىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، مايدا داغلاش جەريانىدا، بەزىبىر زىيانلىق خېمىيىلىك ماددىلار شەكىللىنىدىغان بولغاچقا، قوسىقىدا ئاجىزغىنا بالىدىن بىرسى بولغان ھامىلدار ئايالنى دىمەي تۇرايلى،  ھەتتا ئادەتتىكى نورمال ئادەملەرنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، بۇ خىلدىكى يىمەكلىكلەرنىمۇ، ھامىلدار ئاياللار ئىمكان قەدەر ئاز ئىستىمال قىلىشى ياكى ئىستىمال قىلماسلىقى كىرەك.
سۇغۇق ياكى توڭلىتىلغان يىمەكلىكلەر
   ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي سېستىمىسى بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرايدۇ؛ توڭلىتىلغان سۇغۇق يىمەكلىكلەرنىڭ بولسا، ئاشقازان-ئۈچەيگە نىسبەتەن غىدىقلاش تەسىرى بىرقەدەر كۈچلۈك بولۇپ، قوساقتىكى ھامىيلىگە يامان تەسىر ئېلىپ كىلىدۇ، ھەمدە ئاسانلا ھامىلدار ئايالنىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋىتىپ، ھامىلدار ئايالنى كىسەل قىلىپ قويىدۇ. شۇڭا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە توڭلىتىپ ساقلانغان سۇغۇق يىمەكلىكلەرنى ئىمكان بار ئىستىمال قىلماسلىق كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号