ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بۇ تۆت خىلدىكى ئاتا-ئانا بالىسىنى بارغانسىرى دۆتلەشتۈرۋىتىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-06-28 كۆرۈلىشى : قېتىم
    تۆۋەندىكى تۆت خىلدىكى ئاتا-ئانىلار، بالىسىنى باققانسىرى دۆت قىلىپ قويىدۇ، بالسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇشى تەسكە توختايدۇ.
بالا خاتالىق ئۆتكۈزسىلا ئۇرۇپ تىللايدىغان ئاتا-ئانىلار
    بالىلار نۇرغۇن ئىشلارنى ياخشى چۈشىنىپ كەتمەيدىغان بولۇپ، ئۇلار ئۆسۈپ-يىتىلىش مەزگىلىدە، بەزىبىر خاتالىقلارنى سادىر قىلىپ سېلىشتىن ساقلىنالمايدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار بۇ ۋاقىتتا، ئاق-قارىنى پەرق ئەتمەيلا بالىسىنى ئۇرۇپ تىللايدۇ؛ بۇنداق ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە، بالىلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىپ تەتۈرلۈك قىلىش پىسخىكىسى بارغانسىرى ئېغىرلاپ كىتىدۇ. بۇندىن باشقا، بالا خاتا ئىش قىلىپ سېلىشىدىن ئەنسىرەپ نۇرغۇن ئىشلارنى سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ؛ بۇنىڭدا، ئۇلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى بارغانسىرى تۆۋەنلەپ كىتىدۇ.
ئۆگىنىش ۋە كىتاپ ئوقۇش ئادىتى يوق ئاتا-ئانىلار
    ئاتا-ئانىلارنىڭ گەپ-سۆز، ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە ئىچكى ساپاسى، بالىلارنىڭ قاتلىمىنى بىۋاستە بەلگىلەيدۇ، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭكىگە ئۇچرايدىغان تەسىرى زور ھەم ھالقىلىق بولىدۇ. ئەگەر سىز ئۆگەنمىسىڭىز ۋە كىتاپ ئوقىمىسىڭىز، بالا ئۈچۈن ياخشى بىر كىتاپ ئوقۇش ۋە ئۆگىنىش مۇھىتى ھازىرلاپ بىرەلمەيسىز؛ بۇنىڭدا، بالىلارنىڭمۇ كىتاپ ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشكە قارىتا قىزىقىشى بولمايدۇ.
بالىلارغا روھى زەربە بىرىدىغان ئاتا-ئانىلار
    بالىسىنى "بەك دۆتكەنسەن" دىيىش، بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئادەت سۆزىگە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، بەزىدە ھەتتا، بۇ سۆزگە ئازدۇر-كۆپتۇر مىھرى مۇھەببىتى يۇشۇرۇنغان بولىدۇ. بىراق، بالىنىڭ قوبۇل قىلىدىغىنى، "دۆت"دىگەن ئۇچۇرلا بولىدۇ. خۇددى بەزى ئاتا-ئانىلار ھەدىسىلا بالىسىنى باشقا بالىلارغا سېلىشتۇرغانغا ئوخشاش، بۇ خىل قىلمىشنىڭ بالىغا ئېلىپ كىلىدىغان روھى زەربىسى ۋە بېسىمى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ؛ بالىلاردا ھەتتا بۇ سەۋەپلىك ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى شەكىللىنىپ، كەلگۈسىدىكى تەرەققىياتىغا تەسىر يىتىشى مۇمكىن.
بالىسىنىڭ ئالدىدا قاقشاپ ئاغرىنىدىغان ئاتا-ئانىلار
   ئەگەر ئاتا-ئانىلار ھەمىشە بالىسىنىڭ ئالدىدا جەمئىيەتتىن ياكى تۇرمۇشتىن قاقشاپ ئاغرىنسا، بالا پاسسىپ سەلبى كەلگەن ئۇچۇرلارنىڭ قورشاۋىدا قالىدىغان بولۇپ، پۈتكۈل دۇنيا ئۇنىڭغا قەرزدەك بىر خىل تۇيغۇغا كىلىپ قالىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىرىشىشنى ئويلىماي، روھى چۈشكۈنلۈككە پېتىپ قالىدۇ. ئۇلار يەنە ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى تىرىشىشقا تىگىشلىك نىشانىدىن ۋاز كىچىپ، يارامسىز ئادەم بولۇپ قالىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号