ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىلدارلىقتا غاز تۇخۇمىنى قايسى مەزگىلدە يىسە ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-06-27 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھامىلدارلىق مەزگىلىدە غاز تۇخۇمى يىيىش كىرەكلىكىنى، ئاز بولمىغان ھامىلدار ئاياللار بىلىدۇ. بىراق، بۇ خىل قاراشقا نىسبەتەن، ئىزچىل تۈردە تالاش-تارتىش بولۇپ كەلگەن بولۇپ، بىر قىسىم كىشىلەر، ھامىلدارلىقتا غاز تۇخۇمى يىسە، بالىدا خۇاڭدەن ۋە ھۆل تەمرەتكە كۆرۈلۈش نىسبىتى تۆۋەن بولىدۇ دەپ قارايدۇ؛ يەنە بەزىلەر بولسا ھامىلدارلىق مەزگىلىدە غاز تۇخۇمى يىگەننىڭ كۆپ پايدىسى يوق دەپ بىلىدۇ. ئەمىلىيەتتە، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە غاز تۇخۇمى يىگەننىڭ پۈتۈنلەي پايدىسى يوق ئەمەس، پايدىسى يوق ھىس قىلغانلار، بەلكىم يىيىشكە تىگىشلىك مەزگىلنى خاتا تاللاپ قويغان بولۇشى مۇمكىن.
    ئالدى بىلەن، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە نىمە ئۈچۈن غاز تۇخۇمى يىيىش كىرەكلىكىنى چۈشىنىپ ئۆتەيلى.
    بىرىنچىدىن، غاز تۇخۇمى، ھامىيلە ئېھتىياجلىق بولغان كالتسىي ۋە مىنرالنى ماددىلارنى  تەمىنلەيدۇ. ھامىيلىنىڭ يىتىلىىش، ھامىلدار ئايالنىڭ يىمەك-ئىچمىكىدىن ئايرىلالمايدۇ؛ ھامىلدارلىق مەزگىلدە، ھامىيلە ئانىسىنىڭ يىمەك-ئىچمىكى ئارقىلىق ئۇزۇقلۇق ماددىلارغا ئىرىشىدۇ. ھامىيلىگە ئەگەر كالتسىي ۋە باشقا مىنرالنى ماددىلارنىڭ يەتكۈزۈلىشى يىتەرلىك بولسا، ھامىيلە تەبىئىيلا ساغلام يىتىلىدۇ.
    ئىككىنچىدىن، ھامىيلىگە زۈرۈر بولغان ئاقسىل تۇلۇقلايدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال ئىھتىياجلىق بولغان ئاقسىل ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا، ئاقسىل تەركىبى مول بولغان غاز تۇخۇمى يىيىش، ئىنتايىن ياخشى بىر تاللاشتۇر.
   ئەڭ مۇھىم بولغىنى، غاز تۇخۇمى ھامىيلە زەھىرىنى يوقىتالايدۇ. بۇ، نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللارنىڭ غاز تۇخۇمى يىيىشىدىكى سەۋەپ. بالا تۇغۇلغاندىن كىيىنكى سالامەتلىك ئەھۋالى، ئاتا-ئانا بولغۇچى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر مەسىلە، شۇڭا ئادەتتە ھامىلدار ئاياللار ھامىلدار بولغانلىقىنى بىلگەندىن باشلاپلا تەييارلىق كۆرۈشكە باشلايدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە غاز تۇخۇمى يەپ بەرگەندە، ھامىيلە زەھىرىنى تازىلاشقا بولىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا تۇغۇلغان بوۋاقلاردا خۇاڭدەك، ھۆل تەمرەتكە قاتارلىقلارنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ. بۇندىن باشقا، غاز تۇخۇمىنىڭ، ھامىلدار ئايالدىكى قەۋزىيەت ۋە گىمىرويغىمۇ پايدىلىق ئۈنۈمى بار.
    نىمە ئۈچۈن ھامىلدار بولغان دەسلەپكى مەزگىلدىن باشلاپلا غاز تۇخۇمى يىسىمۇ، يەنىلا ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ؟
    ئەمىلىيەتتە، غاز تۇخۇمىنى يىگەن مەزگىلنىڭ توغرا بولماسلىقىدىن بولىدۇ. ئەگەر ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدىن باشلاپلا غاز تۇخۇمى يىيىشنى باشلىغاندا، ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنىگە بولغان بېسىم ئېشىپ كىتىپ، ئەكسىچە ئۈنۈم كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا ھامىيلىنىڭ يىتىلىشى ئۇنچە تىز ئەمەس، ھامىلدار ئايالدىمۇ ئۇنداق كۆپ مەسىلىلەر كۆرۈلمەيدۇ. بىراق، ھامىلدارلىق 32-ھەپتىسىدىن باشلاپ غاز تۇخۇمى يىيىشنى باشلاش لازىم. بۇ ۋاقىتتا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشى ئىنتايىن تىز بولۇپ، غاز تۇخۇمىنى كۆپرەك يىيىش ئارقىلىق ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاپ بەرسەك بولىدۇ. بۇندىن باشقا، ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايالدىمۇ قەۋزىيەت ۋە گىمىروي كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ، غاز تۇخۇمى ئىستىمال قىلىش، ئۇلاردىكى بۇ ئەھۋاللارنى ياخشىلايدۇ.
   شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە غاز تۇخۇمى يىيىشنىڭ يەنىلا پايدىسى بار؛ ئەمما توغرا ۋاقىتتا يىيىشكە دىققەت قىلىش كىرەك. شۇنىڭدا، ئاندىن ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号