ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىيلىنىڭ قوساقتىكى ئورنى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-06-25 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھامىلدارلىق مەزگىلى، ئايال كىشىنىڭ ئۆمرىدىكى ئەڭ چوڭ ئىشلارنىڭ بىرى بولۇپ، مەيلى تاماق يىيىش ياكى ئۇخلاشتا بولسۇن، ۋە ياكى بىرەر ئىش قىلغاندا بولسۇن، ئالاھىدە دىققەت قىلىشى لازىم بولىدۇ. ئەگەر ئىھتىيات قىلماي، تاساددىبىي ئەھۋال يۈز بىرىپ، قوساقتىكى ھامىيلىگە تەسىر يەتكۈزۈپ قويسا، ئادەم ئۆمۈر بويى پۇشايمانغا قالىدىغان گەپ. بىراق، بەزى نەرسىلەرنى ھامىلدار ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ كونتىرول قىلالىشى ناتايىن، ئۇ بولسىمۇ ھامىيلىنىڭ قوساقتىكى جايلىشىش ئورنى.
    ھامىلدار ئاياللارنىڭ ھەممىسىگە مەلۇملۇق، ھامىيلىنىڭ قوساقتىكى ئورنىنىڭ ئوڭ ياكى تەتۈر بولۇشى، تۇغۇتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭ بىر ئامىل بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇتىغا بەلگىلىك دەرىجىدە خەۋپ ئېلىپ كىلىدۇ. ئادەتتە، ھامىلدارلىق مەزگىلى 34ھەپتىگە توشقاندىن كىيىن، ھامىيلىدە تەتۈر ئورۇنلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، بۇ ۋاقىتتا قايتا تەڭشەپ جايىغا ئەكەلگىلى بولمايدۇ؛ چۈنكى بۇ ۋاقىتتا، ھامىيلىنىڭ ئورۇنلىشىشى ئاساسى جەھەتتىن مۇقىملىشىپ قالغان بولۇپ، سۈنئى ئۇسۇلدا تەڭشەش قىلغاننىڭمۇ پايدىسى بولمايدۇ. بىراق، سەۋرچانلىق بىلەن دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىنى ئاڭلاشنىڭمۇ بەلگىلىك ئۈنۈمى بار بولىدۇ.
    ھامىلدار ئايال ھامىلدارلىق 28-ھەپتىسىگە كىرگەندىن كىيىن، ئۆزى تۇغۇشنى ئويلايدىغان ئاياللار، ھامىيلىنىڭ ئورۇنلىشىش ئەھۋالىغا دىققەت قىلىشى كىرەك. بىراق بۇ مەزگىلدە، ھامىيلىنىڭ ئورۇنلىشىش ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش ناھايىتى چوڭ بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا تەتۈر ئورۇنلىشىپ قالغان بولسىمۇ، ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىدە تۇغۇتى يېقىنلىشىپ قالغان ۋاقىتتا، ئۆزلىگىدىن ئوڭشىلىپ، ئوڭ ئورۇنلىشىش ھالىتىگە كىلىپ قىلىشى مۇمكىن. چۈنكى، ھامىيلە ئانىسىنىڭ قورسىقىدا ھەرۋاقىت ئۆرۈلۈپ مىدىرلاپ تۇرىدۇ. بىراق، 28-ھەپتىدىن كىيىن 34-ھەپتىگىچە بولغان ئارىلىقتا، ھامىيلىنىڭ ئورنى تەتۈر بولۇپ قالغان بولسا، ئۇنداقتا مەخسۇس كەسپى ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوڭ ھالەتكە ئەكىلىشكە توغرا كىلىدۇ. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ھامىيلە كۈنسايىن يوغىناۋاتقان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئانىنىڭ قورسىقىدىكى ئورنى ئاساسى جەھەتتىن مۇقىملىشىپ، ئاسانلىقچە ئۆزگەرمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.
    بۇ ۋاقىتتا ھامىيلە تەتۈر جايلىشىۋالغان بولسا، چوقۇم دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئوڭ ھالەتكە ئەكىلىش، ھەرگىز ئۆزۈم يېنى ياتسام ياكى ئولتۇرۇپ قوپۇپ ھەرىكەت قىلسام ئوڭشىلىپ قالىدۇ دەپ ئويلاپ قالماسلىق كىرەك؛ چۈنكى، بۇ خىل قىلمىش ھامىيلىگە يامان تەسىر ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن. 34-ھەپتىسىگە توشقاندىن كىيىن، بالىنىڭ ئورنىنى قايتا تەڭشەپ ئوڭ ھالەتكە ئەكىلىش قىيىنلىشىپ كىتىدۇ. شۇڭا ھامىلدار ئاياللار شۇنى ئىسىدە تۇتىشى كىرەككى، ھامىلدارلىق 34-ھەپتىسىگە توشقاندىن كىيىن، ھامىيلىنىڭ ئورنى ئاساسى جەھەتتىن مۇقىملىشىپ قالىدىغان بولۇپ، ھامىلدار ئايالنىڭ ھەرقانچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمۇ كار قىلمايدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، چوقۇم دوختۇرنىڭ تەۋسىيىسىنى ئاڭلاپ، ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇشنى تاللاش كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号