ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىلدار ئاياللار بۇ يىمەكلىكلەرنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-06-16 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى، ساغلام بوۋاقتىن بىرنى تۇغۇش ۋە بېقىپ چوڭ قىلىش؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھامىلدار ئايال ھەرخىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، قوسىقىدىكى بالىسىنى ساق-سالامەت تۇغىۋىلىشقا تىرىشىدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىيلە ئىھتىياجلىق بولغان ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ھەممىسى ئانا تېنىدىن كىلىدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك، ھامىلدار ئاياللار ئۇزۇقلۇق قوبۇل قىلىش جەھەتتە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كىرەك. بۇ جەرياندا، ھامىلدار ئايال ھەرقانچە يىگۈسى كىلىپ كەتسىمۇ، تۆۋەندىكى ئۈچ خىل يىمەكلىكنى ئازراق ئىستىمال قىلىشى كىرەك.
پىدىگەن
   پىدىگەننىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، تەركىبىدە ئاقسىل، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، ۋىيتامىن ۋە كۆپ خىل بەدەنگە پايدىلىق مىكرو ئىلمىنتلار بار؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، پېدىگەننىڭ يىيىش ئۇسۇلىمۇ ھەر خىل. بۇ سەۋەپلىك، پىدىگەن يىيىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر خېلىلا كۆپ. بىراق، ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ، يەنىلا مۇۋاپىق تۈردە ئىستىمال قىلىش كىرەك. پىدىگەننىڭ تەبىئىتى سۇغۇق بولۇپ، بەدەن سۈپىتى ئاجىزراق كەلگەن ئاياللار تېخىمۇ ئاز ئىستىمال قىلىشى لازىم. بۇندىن باشقا، ئىمكان قەدەر يىڭى پېدىگەننى تاللاپ سېتىۋىلىش كىرەك؛ چۈنكى، كۈز پەسلىدىن كىيىنكى پېدىگەن تەركىبىدە ئازدۇر-كۆپتۇر زەھەرلىك ماددىلار بولۇپ، تەمى ئاچچىقراق كىلىدۇ ھەمدە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ.
تەييار چۆپ
   ئىشىنىمەنكى، تەييار چۆپ كۆپچىلىككە ناتۇنۇش ئەمەس؛ ھازىر تاماق يەتكۈزۈپ بىرىش كەسپى گۈللىنىپ، ھەرخىل قولايلىق تائاملار كۆپىيىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما تەييار چۆپنىڭ قولايلىق يىمەكلىك ساھەسىدىكى  ئورنى يەنىلا ئىنتايىن يۇقىرى. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، نۇرغۇنلىغان ھامىلدار ئاياللارنىڭمۇ بەزىدە تەييار چۆپ يىگۈسى كىلىپ قالىدۇ. بىراق كۆپچىلىككە مەلۇملۇق، تەييار چۆپ، كۆپچىلىك ئورتاق ئىتراپ قىلىدىغان ئەخلەت يىمەكلىك، ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپلا قالماي، يەنە تېخى سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، ئۇنىڭدىكى خۇرۇچ ماتىرياللىرىغا نۇرغۇنلىغان يىمەكلىك قوشۇندا ماددىلىرى قوشۇلغان بولۇپ، بۇ ماددىلار ھامىيلىنىڭ نورمال يىتىلىشىگە زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدار ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ئىمكان قەدەر تەييار چۆپ يىمەسلىكى كىرەك.
ئۈرۈك
    ئۈرۈكنىڭ تەركىبىدىكى فلاۋون ماددىسىنىڭ يۈرەك كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كۆرۈلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش رولى ۋە باشقا داۋالاش ئۈنۈمى بار بولغانلىق سەۋەبىدىن، جۇڭگۇ تىبابىتىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. جۇڭگۇ تىبابىتىنىڭ قارىشىچە، ئاچچىق ئۈرۈك مېغىزى، دەم سىقىلىشنى ياخشىلاش، ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۆپكە كىسىلى ۋە ھۆتەلنى داۋالاش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئىگە. ھامىلدار ئاياللارغا نىسبەتەن، ئاچچىق ئۈرۈك مېغىزىنىڭ تەبىئىتى بەك ئىسسىق بولغاچقا، ھامىلدار ئاياللار ئاچچىق ئۈرۈك مېغىزى يىسە، بالىنىڭ چۈشۈپ كىتىش خەتىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدار ئاياللار ئەڭ ياخشىسى ئۈرۈك يىمەسلىكى كىرەك. ئەگەر ھامىلدار ئايال بەك كۆپ ئۈرۈك مېغىزى يەۋالسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددا، ئانىنىڭ بەدىنى ئارقىلىق قوساقتىكى ھامىيلىگە ئۆتۈپ، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىنىڭ ئاستىلاپ قېلىشىنى، ھەتتا قوساقتا ئۆلۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
    بۇلاردىن باشقا، ھامىيلىنىڭ سۆڭەكلىرىنىڭ يىتىلىشىنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ناترى ماددىسى قوبۇل قىلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش كىرەك؛ بىراق، بۇ ھەرگىز تۇزلۇق تاماق يىيىش دىگەنلىك ئەمەس. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە تۇزنى زىيادە كۆپ ئىستىمال قىلىش، ھۈجەيرە تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ سۇسىزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ بۇ ئەھۋال، ھامىيلىگە ئۇزۇقلۇق يەتكۈزۈشكە پايدىسىز بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە تۇز ئىستىمال قىلىشمۇ مۇۋاپىق بولۇشى كىرەك.
 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号