ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى ۋە چىرايىنى دادىسى بەلگىلەمدۇ ئانىسىمۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-06-14 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئاتا-ئانىلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلار بالىسىنىڭ چىرايلىق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ھازىرقىدە چىرايىغا قاراپ ئىش تۇتىدىغان جەمئىيەتتە تېخىمۇ ھەم شۇنداق. بۇ سەۋەپلىك، بالىلارنىڭ چىراي قىممىتىنىڭ ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ئۆمرىگە بولغان تەسىرى نىسبەتەن چوڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بالىلار تۇغۇلۇشى بىلەنلا، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ قەيىرىنىڭ كىمگە بەكرەك ئوخشايدىغانلىقىنى سېلىشتۇرۇشقا باشلايدۇ. ئۇنداقتا، بالىنىڭ قايسى ئالاھىدىلىكلىرى ئاتا-ئانىسىدىن ئىرسىيەت قالىدۇ؟
بەش ئەزاسى ۋە چىراي قىممىتى
    تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بالىنىڭ كۆز، بۇرنى، يۈز شەكلى قاتارلىقلار ئاتا-ئانىسىنى تارتىدىغان بۇلۇپ، بۇ ئامىللار بولسا بالىنىڭ چىراي قىممىتىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىللاردۇر. بۇ خىل سىرتقى ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ھەممىسى كۆرۈنەرلىك تىپتىكى ئىرسىيەت ئامىلىغا تەۋە بولۇپ، پەقەت ئاتا-ئانىسى ئىچىدىكى بىرسى بۇ خىل كۆرۈنەرلىك تىپتىكى ئىرسىيەت گېنىغا ئىگە بولسىلا، ئاسانلا بالىسىغا ئىرسىيەت قالدۇرىدۇ. بىر ئۆيدە، بەلكىم چوڭ بالىسى دادىسىغا، ئىككىنچى بالىسى ئانىسىغا ئوخشىشى مۇمكىن؛ قىسقىسى، بالىنىڭ چوڭ بولغاندىن كىيىنكى سىرتقى قىياپىتى، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن بەلگىلىك دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
بالىنىڭ بوي ئېگىزلىكى دادىسىنىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئۇچرايدۇ
   بالىنىڭ كەلگۈسىدىكى بوي ئېگىزلىكى، دادىسىنىڭ بوي ئېگىزلىكى بىلەن بەلگىلىك دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇمۇ ھازىرقى نۇرغۇن قىزلارنىڭ لايىق ئىزدىگەن ۋاقىتتا، بويى ئېگىز ئوغۇللارنى تاللىشىدىكى سەۋەپ. ئەگەر دادىنىڭ بويى پاكار بولسا، ئۇنداقتا بالىسىنىڭ بويىنىڭ ئېگىز چوڭ بولۇش نىسبىتىمۇ تۆۋەن بولىدۇ. ئەگەر دادىنىڭ بوي ئېگىزلىكى  ئېگىز، ئانىسىنىڭ پاكار بولسا، ئۇنداقتا بالىنىڭ كەلگۈسىدىكى بوي ئېگىزلىكى، ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتىدە بولۇشى مۇمكىن.
ئانىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ بالىغا بولغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ
   بالا تۇغۇلغاندىن باشلاپ، ئانىنىڭ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولىدۇ، بالىمۇ ئادەتتە ئانىسىغا بەكرەك ئامراقلىق قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئانىنىڭ بالىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىغا بولغان تەسىرى تېخىمۇ چوڭ. يەنە بىر خىل ئىلمى قاراش بولسا، بالىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى، ئاساسلىقى ئانىسى تەمىنلىگەن خروموسوم تەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ، شۇڭا بالىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئەقلى ئىقتىدارى ئانىسىنى تارتىدۇ؛ بىراق، بۇ خىل قاراش نۆۋەتتە پەقەت بىر خىل پەرەز بولۇپ، تېخى يىتەرلىك يانداش ئىسپاتلارغا ئىرىشەلمىگەن.
   ئەمىلىيەتتە، بالا قانداق تۇغۇلىشىدىن قەتئىنەزەر، ئۇلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى، كىيىنلىك ئۆسۈپ-يىتىلىش مۇھىتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق. بۇنداق ئەھۋالدا ئاتا-ئانىلارنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك بولغىنى، بالا ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئومۈميۈزلۈك يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى ماددى شارائىت يارىتىپ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ بىلىملەر بىلەن ئۇچرىشىشغا كاپالەتلىك قىلىشتۇر.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号