ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىيلىگە ئۇزۇقلۇق يىتىشمىگەنلىكنىڭ ئالامەتلىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-21 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ئەگەر ھامىلدار ئايالدا تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل ئەھۋال كۆرۈلسە، بۇ قوساقتىكى ھامىيلىگە ئۇزۇقلۇق يىتىشمىگەنلىكنىڭ ئالامەتلىرىدۇر.
پۇتىنىڭ پېيى تارتىشىش
    ھامىلدار ئايالدا پۇتنىڭ پېيى تارتىشىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، ئۇنداقتا دەرھال كالتسىي تۇلۇقلاش كىرەك؛ ئەگەردە بۇ خىل ئەھۋال ياخشىلانماي تېخىمۇ كۆپ كۆرىلىدىغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ ۋاقىتتا ھامىيلىدىمۇ ئاللىقاچان كالتسىي كەمچىللىك كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. كالتسىي ماددىسى بولسا، ئادەم بەدەن ئورگانىزىمىزنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنى تەشكىل قىلىدىغان مۇھىم تەركىبى قىسىم بولۇپ، ھامىلدار ئاياللار ھەرگىز بىخەستىلىك قىلماسلىقى كىرەك.
ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشى ئازلاپ كىتىش
   ئەگەر ھامىلدارلىق تۆتىنچى ئېيىدىن كىيىنمۇ، ھامىلدار ئايال ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشىنى ھىس قىلالمىسا ياكى ھامىيلىنىڭ مىدىرلاش قېتىم سانى ناھايىتى ئاز ھىس قىلسا، ئۇنداقتا بۇنىڭغا ئىتىبار بىلەن قاراش كىرەك. چۈنكى بۇ، ھامىيلىگە ئۇزۇقلۇق يىتىشمىگەنلىكنىڭ ئالامىتى بولۇپ، دوختۇرلارنىڭ مەسلىھەتى ئاستىدا ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش ئېلىپ بارماق لازىم.
بالىياتقۇ ئورنى ئېگىزلىكى نورمال ئەمەس
    ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، ھامىلدار ئايال ھامىلدارلىق مەزگىلى دائىملىق تەكشۈرۈشى قىلدۇرغان ۋاقىتتا، دوختۇلار ھامىلدار ئايالنىڭ بالىياتقۇ ئورنىنىڭ ئېگىزلىكىنى ئۆلچەيدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئايالنىڭ بالىياتقۇ ئورنىنىڭ ئېگىزلىك قىممىتىدە، ئۇزۇن مەزگىل ئېشىش كۆرۈلمىسە، ئۇنداقتا بۇ، بەلكىم ھامىيلىگە ئۇزۇقلۇق يىتىشمىگەنلىك ياكى يىتىلىشى ئاستىلاپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن.
كۆڭلى قاتتىق ئاينىپ ياندۇرۇش
    كۆڭلى ئاينىپ ياندۇرۇش، ئادەتتە نورمال بىرخىل ھامىلدارلىق ئىنكاسى بولۇپ، كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللاردا، ھامىلدارلىق مەزگىلىنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا بۇ خىل ئىنكاس كۆرىلىدۇ. بىراق، ئەگەر ھامىلدار ئايال ئۆزىدىكى كۆڭۈل ئاينىپ ياندۇرۇش ئىنكاسىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى قاتتىق بولۇۋاتقىنىنى ھەمدە بەدىنى ماغدۇرسىزلىنىش ئەھۋالى بىللە ئەگىشىپ كۆرۈلگەنلىكىنى بايقىسا، ئۇنداقتا ھامىيلىگە ئۇزۇقلۇق يىتىشمەي قالغانلىق مەسىلىسىنى ئويلىشىپ كۆرىشى كىرەك. بۇنداق ئەھۋالدا، ئەڭ ياخشىسى دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، دوختۇرلانىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش ئېلىپ بارماق لازىمدۇر.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号