ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالىلارنىڭ بارماقلىرى ئەپچىل بولسا مىڭىسى ئۆتكۈر بولىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-18 كۆرۈلىشى : قېتىم
   مىنىڭ بىر دوستۇمنىڭ بالىسىغا بەش ئايلىق بولدى، ئەمما ئۇنىڭ قول بارماقلىرىنىڭ تۇتۇش، قاماللاش ئىقتىدارى ئىنتايىن ئاجىز؛ ئۇ دوستۇم كىيىن باشقىلاردىن، بالىلارنىڭ قول بارماقلىرى ئەپچىل بولمىسا، چوڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر يىتىدۇ دەپ ئاڭلاپ ھۇدۇقۇپ كەتتى.
    بالىلارنىڭ قول بارماقلىرىنىڭ ھەرىكىتى ئەپچىل بولمىسا قانداق قىلىش كىرەك؟
    ئىشىنىمەنكى، بۇ مەسىلىگە قارىتا نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار قىزىقىدۇ، بەزىلەر ھەتتا بۇ مەسىلە سەۋەبىدىن ئوخشاشلا ئەندىشە قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بۇ مەسىلىگە قارىتا، مەن ئالاھىتەن  جىنەن داشۆسى قارمىقىدىكى بىرىنچى دوختۇرخانا بالىلار كىسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى دېڭ مېي دوختۇردىن مەسلىھەت سورىدىم.
    ئۇنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن تەكلىۋى بولسا:
    "قول بارماقلىرىنىڭ تۇتۇش ۋە قاماللاش ئىقتىدارى، ئالتە ئايلىق ئىچىدىكى بوۋاقلارن دائىم مەشىق قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم بىر خىل ئىقتىدار. ئاتا-ئانىلار، مۇۋاپىق تۈردە ھەم قانۇنىيەتلىك ھالدا، بوۋاقلارغا قارىتا بارماقلىرىنى يۇمۇش مەشىقى ئېلىپ بېرىپ، ئالقان قىسىمدىكى مۇسكۇللار توپىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇش لازىم. مەشىق قىلىشنى ئۆزلۈكسىز تۈردە داۋاملاشتۇرغاندا، ئۇنىڭ ئىقتىدارى تەدرىجى ھالدا يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ".
    قول بارماقلىرىنىڭ ھەرىكىتى ئەپچىل بولمىسا، يىتىلىشكە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟
    ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بوۋاق بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن كىيىن، ئەتراپىدىكى ھەممە نەرسىگە قىزىقىپ، ئىزدىنىش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بارمىقى بولسا، بۇ ئىزدىنىش ئىشىكىنى ئېچىشتىكى مۇھىم ئەزا بولۇپ، بوۋاقلار قولى ئارىلىق دۇنيانى ھىس قىلىدۇ ۋە چۈشىنىدۇ.
    بەلگىلىك نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قول بارماقلىرى قانچە ئەپچىل بولغان بالىلارنىڭ چوڭ مىڭىسى شۇنچە ئۆتكۈر بولىدۇ.
    ئۇنداقتا بۇ نىمە ئۈچۈن؟ سەۋەبى ناھايىتى ئاددى. بوۋاقلار قول بارماقلىرى ئارقىلىق دۇنيا ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئۆزلۈكسىز تۈردە مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىنى غىدىقلايدۇ، تۇنۇش ئىقتىدارىمۇ تىز سۈرئەتتە يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ.
    تۇنۇغان شەيئىلەر كۆپەيگەنسىرى، يېغىلغان تۇرمۇش تەجىربىلىرى بارغانسىرى موللاشقانسىرى، بوۋاقلار ئەلۋەتتە بارغانسىرى ئەقىللىق بولۇپ كىتىدۇ.
    بۇندىن باشقا، بوۋاقلارنىڭ قول بارماقلىرى ئارقىلىق شەيئىلەرگە تىگىشىش ۋە ھىس قىلىش جەريانى، ئۇلارىڭ تىل ئۆگىنىش ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى بىر پۇرسەت ھازىرلاپ بىرىدىغان بولۇپ، بوۋاقلارنى، يىڭى دوستلار بىلەن تۇنۇشۇش ئىقتىدارى يۇقىرى بولغان ئىجتىمائى ئالاقە ئۇستىسىدىن بىرنىڭغا ئايلاندۇرالايدۇ.
    بىر تەرەپتىن تۇتۇپ سىيلىغاچ، بىر تەرەپتىن ئۇ نەرسىنىڭ ئىسمى، شەكىل ھالەت تەسۋىرى، چوڭ-كىچىكلىكى قاتارلىقلارنى سۆزلەشكە يىتەكلەپ ئۆگەتسەك، بوۋاقلارنىڭ قول بارماقلىرىنىڭ ئەپچىللىكى ۋە تىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.
    ئۆيدىلا ئىشلەشكە بولىدىغان قول بارمىقىنى مەشىقلەندۈرۈش ئۇسۇلى
    تۆۋەندە بىز، بوۋاقلارنىڭ قول بارماقلىرىنى ئۆيدىلا چېنىقتۇرۇشقا بولىدىغان ئۇسۇلنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. بۇ خىل ئۇسۇل ئۆزى ئاددى بولۇپ، بىر كۆرسىڭىزلا بىلىۋالالايسىز.
    بىرىنچى قەدەمدە، قولىمىزنىڭ باش بارمىقىنى چىقىرىپ تۇرۇپ، "قوزام، بۇ ئانىڭىزنىڭ بارمىقى، قېنى تۇتۇپ كۆرۈپ بېقىڭ" دەپ، بوۋاقنى ئۆزىمىزنىڭ بارمىقىنى تۇتۇشقا قىزىقتۇرۇپ يىتەكلەيمىز.
    ئىككىنچى قەدەمدە، بارمىقىمىزنى بوۋاقنىڭ ئالقىنىغا قويۇپ، بوۋاقنىڭ بارماقلىرىنى بارمىقىمىزنى تۇتقان ئاساستا يۇمغۇزۇپ، ئۇلارغا بارماقنى تۇتۇۋالغاننىڭ خۇشاللىقىنى ھىس قىلدۇرىمىز.
    بۇنىڭ بىلەن بىرگە، "قوزام ئانىسىنىڭ بارمىقىنى تۇتۇۋالدى، بەك قالتىسكەن!" دەپ، بوۋاقنى ماختاپ رىغبەتلەندۈرىمىز.
   ئۈچنچى قەدەمدە، بالىلارنى بارمىقىمىزنى تۇتۇشقا قىزىقتۇرىمىز: "قوزام، قاراڭ بۇ نىمە؟ بۇ دىگەن ئاپىڭىزنىڭ بارمىقى، تۇتۇپ سىناپ باقامسىز"
   تۆتىنچى قەدەمدە، بارمىقىمىزنى ئاستاغىنا بوۋاقنىڭ بارماقلىرى ئارىسىدىن تارتىپ چىقىرىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئوينىشىمىز:  "مەن ھازىر بارمىقىمنى تارتىپ چىقىرۋالدىم، قانداق، بۇ ئويۇن قىزىقمىكەن؟"
    بىراق، مەشىق قىلىش جەريانىدا بۇ نوقتىلارغا دىققەت قىلىش كىرەك:
   1. قولىمىزنىڭ كۈچىنى كونتىرول قىلىپ، بوۋاقنىڭ بارماقلىرىنى زەخمىلەندۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش لازىم.
   2. قول تىرناقلىرىمىزنى ئېلىۋىتىپ، بوۋاقنىڭ تىرىسىنى زەخمىلەندۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىشىمىز لازىم.
   3. ئانا بىلەن بوۋاق ئوخشاش بىر دىققەت نوقتىسىنى ساقلىغاندا، بالىلارغا تېخىمۇ كۆپ گەپلەرنى ئۇقتۇرغىلى بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号