ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
تۇغۇشقا بىر ئاي قالغاندا تەييارلىق كۆرۈشكە تىگىشلىك ئىشلار
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-11 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئون ئاي قوساق كۆتۈرۈپ، تۇغۇت ۋاقتىغا يېقىنلىشىپ قالغان ۋاقىتتا، نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار بوشىشىپ قالىدۇ ھەمدە تۇغۇت ۋاقتى كەلسە، بالىنى ئوڭۇشلۇق تۇغۇۋالساملا ئىش پۈتىدۇ دەپ ئويلايدۇ. بىراق، بالىنىڭ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشى ئۈچۈن، ھامىلدار ئايال بەلگىلىك تىرىشچانلىق  كۆرسەتمىسە بولمايدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئايال، تۇغۇتىغا بىر ئاي قالغان ۋاقىتتىن باشلاپ، تۆۋەندىكى ئىشلارنى ياخشى قىلسا، بالىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىغا پايدىلىق بولىدۇ.
تۇغۇت قىستاش سىگناللىرى ھەققىدە چۈشەنچە ھاسىل قىلىش
    مىنىڭچە، ھەرقانداق بىر ھامىلدار ئايال بۇ نوقتىنى ئىگەللىۋىلىشى كىرەك. چۈنكى، ھامىيلىنىڭ ئالدىن پەرەز قىلغان تۇغۇت كۈنى دائىرسىدە تۇغۇلۇشى ناتايىن، ھامىيلە داس سۆڭەككە چۈشكەندىن كىيىن، ئۇنىڭ ھەرۋاقىت تۇغۇلۇش ئىھتىماللىقى بار. ئەگەر ھامىلدار ئايال، تۇغۇتى قىستىغان ۋاقىتتىكى سىگناللار ھەققىدە چۈشەنچە ھاسىل قىلمىسا، مەسىلەن، قان كىتىش، باش سۈيى تىشىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قانداق بىتەرەپ قىلىشنى بىلمىسە، ھامىيلىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يىتىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىخەتەرلىك يۈزىسىدىن، ھامىلدار ئايال بۇ جەھەتتىكى ساۋاتلار ھەققىدە ياخشى چۈشەنچە ھاسىل قىلىۋىلىشى كىرەك.
ئۆزىنى زىيادە چارچىتىۋەتمەسلىك
    ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىگە كەلگەندە، ھامىلدار ئايال ئارام ئېلىشقا كۆپرەك دىققەت قىلىپ، تۇغۇت ئۈچۈن ماغدۇر توپلىشى لازىم. بىراق، بەزى ھامىلدار ئاياللار ھەمىشە ئالدىراشلا ئۆتىدىغان بولۇپ، ئۆزىنى چارچىتىپ قويىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا، ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنى بۇنى كۆتۈرەلمەي، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە ياخشى مۇھىت ھازىرلاپ بىرەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھامىلدار ئايال بەك چارچاپ كەتسە، بالىسى بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىش خەۋىپى تۇغۇلىدۇ.
ھەرىكەتلىنىش لايىقىدا بولۇش
   ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ھەرىكەتلىنىش جەھەتتە، بەزى ھامىلدار ئاياللار ئىمتاھانغا تەييارلىق قىلغانغا ئوخشاش، ئادەتتە بەك كارى بولمايدۇ، تۇغۇت ۋاقتى يېقىنلاشقاندا بولسا ھەرىكەتلىنىش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق تۇغۇتىنى ئاسانلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولىدۇ. بىراق، بۇ خىل پىسخىكا ۋە ئۇسۇلنى ھەرگىز قوللىنىشقا بولمايدۇ. ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى بىر ئېيىدا، ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنى تېخىمۇ ئېغىرلاپ كىتىدىغان بولۇپ، ھەرىكەت قىلىشى قولايسىزلىشىپ قالىدۇ، بالىياتقىمۇ ناھايىتى سەزگۈر بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئايال بەك قاتتىق ھەرىكەت قىلىۋەتسە، بالىياتقۇنىڭ يېغىلىپ تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بالا بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىش خەۋىپى تۇغۇلىدۇ.
تۇغۇت جەريانى ھەققىدە چۈشەنچە ھاسىل قىلىش
   كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللارنىڭ تۇغۇت جەريانىغا بولغان چۈشەنچىسى، باشقا "تەجىربىلىك" ئاياللاردىن كىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى بۇ جەرياننى ھەقىقى تۈردە ئۆگىنىپ چۈشەنچە ھاسىل قىلىدىغان ئەھۋال ئىنتايىن ئاز. ئەگەر تۇغۇت جەريانى ھەققىدە بىرقەدەر تۇلۇق چۈشەنچە ھاسىل قىلىۋالسىڭىز، تۇغۇش جەريانىدا دوختۇرغا قانداق ماسلىششى قاتارلىق جەھەتلەردە كۆڭلىڭىزدە بەلگىلىك سان پەيدا بولۇپ، تۇغۇت جەريانىدىكى ئازابىڭىزنى يىنىكلىتىشكە پايدىلىق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号