ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالىلار ئۈچ ياشتىن بۇرۇن يىتىلدۈرۈشكە تىگىشلىك تۆت خىل ئىقتىدار
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-09 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بالىلار بەلگىلىك ياشقا يەتكەن ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئادەتلىرىنى يىتىلدۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم؛ بولمىغاندا، ئۇلارنىڭ كىيىنلىك تۇرمۇشى ۋە تەرەققىياتىغا تەسىر يىتىدۇ. ئۇنداقتا، بالىلار ئۈچ ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن ئۇلار قايسى ئىقتىدارلارنى يىتىلدۈرۈشى كىرەك؟
ئەتىگىنى كەچتە چىشىنى چوتكىلاش
    كىچىك بالىلارنىڭ ھەممىسى تاتلىق نەرسە يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ بىراق، ئەگەر تاتلىق نەرسىلەرنى يەپ بولغاندىن كىيىن ئېغىز بوشلىقىنى پاكىزە چايقىۋەتمىسە، ئۇلارنىڭ چىشىنى قۇرت يەيدۇ. بۇنىڭدا، بالىلارنىڭ چىشىنىڭ كۈرۈمسىز بولۇپ قېلىشىنى پەيدا قىلىپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ تائام يىيىشىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ چىشىنى ياخشى ئاسراپ، ئۇلاردا تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن ئېغىزىنى چايقايدىغان، ئەتىگىنى ۋە كەچتە ئېغىزىنى چوتكىلايدىغان ئادەتنى يىتىلدۈرۈشى كىرەك.
تاماقنى ئۆزى يىيىش
    ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، بالىلار بىر ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن، تاماق قاچىلىرى ۋە چوكا قوشۇق دىگەنلەرگە قارىتا قىزىقىش كۆرىلىدۇ؛ بىراق، بۇ ۋاقىتتا ئۇلار تېخى بىرنەرسىلەرنى چىڭ تۇتالمايدىغان بولغاچقا، ئۇلار تېخى تاماقنى ئۆزى يىيەلمەيدۇ. بىراق، ئاتا-ئانىلار بۇ ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، ئۇلارغا بىر تال قوشۇق بىرىپ، ئاۋال بىر مەزگىل مەشىقلەندۈرگەچ تۇرسا بولىدۇ. بالىلار ئىككى ياشقا كىرگەندە بولسا، ئۇلار قوللىرى بىر نەرسىلەرنى چىڭ تۇتالايدىغان بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بالىلارغا تەدرىجى ھالدا تاماقنى ئۆزى يىيىشنى ئۆگەتسەك بولىدۇ. ئەگەر بەك ئەنسىرسەك، بالىلار مەخسۇس ئىشلىتىدىغان قاچا قۇچا ۋە چوكا قوشۇق دىگەنلەرنى ئېلىپ بەرسەك، بۇنىڭدا يەرگە چۈشۈپ كەتسىمۇ چېقىلىپ كەتمەيدۇ، بالىلارنىڭ ئىشلىتىشى تېخىمۇ بىخەتەر بولىدۇ.
ئۆزى ئۇخلاش
    كۆپ قىسىم بالىلار ئۈچ ياشقا كىرگەندىن كىيىن يەسلىگە بارىدۇ؛ بالىلار يەسلىگە كىرگەندىن كىيىن، چۈشلۈك ئۇخلايدىغان ۋاقىتتا ئاتا-ئانىسى ئۇلارنىڭ يېنىدا ھەمرا بولالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇندىن بۇرۇن ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ ئۆزى يالغۇز ئۇخلايدىغان ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشكە باشلىمىقى لازىم. بۇنىڭدا، بالىلار يەسلى تۇرمۇشىغا تىزلا كۆنۈپ كىتەلەيدۇ. ئەگەر دەسلىۋىدە بالىلار ئۆزى يالغۇز بىر ئۆيدە يېتىشقا قورقسا، ئاتا-ئانىلار ئۇلارغا ھەمرا بولۇپ ئۇخلىتىپ قويغاندىن كىيىن چىقىپ كەتسە بولىدۇ.
ئاددى كىيىم-كىچەكلەرنى ئۆزى كىيىش
    بالىلارنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئاتا-ئانىلار ئۇلارغا بەزى ئاددى كىيىملىرىنى ئۆزى كىيىشنى ئۆگىتىشى كىرەك. مەسىلەن، ياز كۈنلىرى بالىلار بىر قەدەر نىپىز بولغان مايكا ۋە كالتا ئىشتان كىيىدىغان بولۇپ، بۇ كىيىملەرنى سېلىپ كىيىش نىسبەتەن ئوڭاي، شۇڭا ئۇلارنى ئۆزى كىيىپ سىناپ بېقىشقا رىغبەتلەندۈرسەك بولىدۇ؛ ئەگەر بالىلار كىيىپ سالالمىسا، ئاتا-ئانىلار ئۇلارغا ياردەملىشىپ ئۈگىتىپ قويساق بولىدۇ. بۇمۇ بالىلارنىڭ كىيىنچە يەسلىگە بېرىشى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش بولۇپ، يەسلىدە ھاجەتكە چىققاندا ئىشتىنىنى ئۆزى سېلىپ كىيىدىغان بولغاچقا، ئۇ ۋاقىتتا بالىلار قىيىنىلىپ قالمايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号