ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
نىمە ئۈچۈن ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىنى تېخىمۇ ئازاپلىق دەيمىز؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-09 كۆرۈلىشى : قېتىم
   نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار، ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ناھايىتى ئازادە بولۇپ قالىمىز، پەقەت تۇغۇت ۋاقتىنىڭ كىلىشىنىلا ساقلىساق بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بىراق ئەمىلىيەت، ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدەك ئەمەس. ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلى، ئەمىلىيەتتە ئىنتايىن مۇھىم بىر مەزگىل بولۇپ، تۇغۇت ۋاقتى بارغانسىرى يېقىنلاپ قالغانلىق سەۋەبىدىن، ھامىلدار ئايالدا يەنىلا نۇرغۇنلىغان ئۆزگىرىشلەر كۆرىلىدۇ.
دوۋسۇن سۆڭىكى(耻骨) ئاغرىش
   ھامىلدار ئاخىرىقى مەزگىلىدە چىدىماق ئەڭ تەس بولغان ئىشلارنىڭ بىرى، دوۋسۇن سۆڭىكى ئاغرىشتۇر. ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىدە، بالىياتقۇ بارغانسىرى يوغىنايدىغان بولۇپ، ھامىيلىنىڭ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشى ئۈچۈن، دوۋسۇن سۆڭەك ئايرىلىدۇ. بۇنىڭغا ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بەدەندە پەيدا بولدىىغان بوشىشىش ماددىسى قوشۇلۇپ، دوۋسۇن سۆڭەك ئارىلىقىنىڭ كېڭىيىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇ سەۋەپلىك ئاغرىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ.
كىچىك تەرەت تۇتالماسلىق
   ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىدە ئادەمنى ئەڭ بىئارام قىلىدىغىنى، سۈيدۈك تېمىپ بىرىش بولۇپ، داس تىگى مۇسكۇللىرى بوشىشىپ كىتىدىغان بولغاچقا، نۇرغۇن ۋاقىتلاردا ھامىلدار ئايال چۈشكۈرسە ياكى ھۆتەلسەك، ئىختىيارسىز كىچىك تەرەت ئېقىپ بىرىدۇ؛ ئەگەر سىرتتا ياكى يېنىدا ئادەم بار ۋاقىتتا بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە، ئادەمنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. بىراق، بۇ بىر ساقلىنىپ بولغىلى بولمايدىغان ھادىسە بولۇپ، ھامىلدار ئايال ئادەتتە تازىلىق قەغىزىنى توغرا ئۇسۇلدا ئىشلەتسە، ئوسال بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللاردىن ساقلىنىپ قالغىلى بولىدۇ.
بەل ۋە دۈمچە قىسىم ئاغرىش
    ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقى يىتەرلىك چوڭىيىپ بولىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنى ئېغىرلىشىپ، يول مېڭىشىمۇ قىيىنلىشىپ كىتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ھامىلدار ئايال ئادەتتە بەدىنىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، ئۆزىمۇ سەزمىگەن ئاساستا بەدىنىنى كەينىگە تارتقان ھالەتنى ساقلايدۇ. بۇ سەۋەپلىك، ھامىلدار ئاياللاردا ھەمىشە بەل ۋە دۈمچە قىسىمى ئاغرىيدىغان ئەھۋال كۆرىلىدۇ.
سۇلۇق ئىششىق
   سۇلۇق ئىششىقمۇ، ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىدە كۆرۈلىدىغان ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بەزى ھامىلدار ئايالنىڭ پۇتلىرى ئىششىپ ئاياغمۇ كىيەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەمىلىيەتتە، بۇمۇ بىر نورمال ئەھۋال بولۇپ، ھامىلدار ئايال ئادەتتە تۇزنى ئازراق ئىستىمال قىلىپ، ئۇزۇن ئولتۇرۋىلىش، ئۇزۇن ئۆرە تۇرۋىلىشتىن ساقلىنىپ، ئارام ئالغان ۋاقتىدا پۇتىنىڭ ئاستىغا نەرسە قويۇپ پۇتىنى ئىگىزرەك تۇتۇپ بەرسە، سۇلۇق ئىششىقنى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号