ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بوۋاقلارنى كىچىسى ئىمىتىشنى قايسى ۋاقىتتا توختىتىش كىرەك
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-09 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئىمىدىغان بالىسى بار ئاتا-ئانىلارنىڭ، بوۋاقنى كىچىسى ئىمىتىش مەسىلىسىدە بېشى بەك قېتىپ كىتىدۇ. بىر تەرەپتىن، ئاتا-ئانىلار كىچىسى قوپۇپ بالىغا سۈت ئىمىتىمىز دەپ، ئۆزىنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يىتىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن بولسا، ئەگەر بالىغا كىچىسى سۈت ئىمىتمىسە، بوۋىقىغا ئۇزۇقلۇق يىتىشمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئەمىلىيەتتە، يىڭى ئاتا-ئانا بولغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كاللىسىدا بىر سۇئال بار؛ ئۇ بولسىمۇ، بوۋاقلارغا قانچىلىك بولغۇچە كىچىسى سۈت ئىمىتىش كىرەك؟ قانچە ئۇزۇن كىچىسى ئىمىتسە شۇنچە ياخشى بولامدۇ؟ بۇنىڭغا قارىتا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بەرگەن جاۋابى، بوۋاقلارنىڭ كىچىسى سۈت ئىمىشى قانچە ئۇزۇن داۋاملاشسا شۇنچە ياخشى ئەمەس، بەلگىلىك ياش مەزگىلىگە يەتكەندە، كىچىسى سۈت ئەمگۈزۈشتىن توختاش كىرەك.
    بوۋاق ئالتە ئايلىق ئەتراپىدا بولغاندا كىچىلىك سۈت ئەمدۈرۈشنى توختىتىش، ئەڭ كىيىن بولغاندىمۇ توققۇز ئايلىقتىن كىيىن قالماسلىق كىرەك.
   بوۋاقلارنىڭ كىچىلىك سۈت ئىمىشىنى توختىتىشنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىپ يىتىشتىن ئاۋال، بوۋاقلارغا نىمە ئۈچۈن كىچىسى سۈت ئەمگۈزىدىغىنىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىشىمىز كىرەك. بۇ ئاساسلىقى، بوۋاقنىڭ ئاشقازىنى بىرقەدەر كىچىك بولغاچقا، ئۇلارنىڭ قوسىقى بىر قەدەر تىز ئاچىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بوۋاقنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ قىسقا بولغاچقا ۋە كىچىلىرى تولا ئويغۇنىدىغان بولغاچقا، ئەگەر كىچىسى ئۇلارغا سۈت ئەمگۈزسەك، ئۇلارنىڭ بەزلەپ تىزراق ئۇخلىتىشقا پايدىلىق بولىدۇ. بىراق، بوۋاق 6-5ئايلىق بولۇپ بولغان ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى ئاساسەن چوڭلارنىڭكى بىلەن بىردەك بولىدۇ، بىر ئۇخلىغانچە ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ئويغانماي ئۇخلىيالايدۇ. بۇندىن باشقا، ئۇلارنىڭ تاماق مىقدارىمۇ ئېشىپ، ھەرخىل قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى يىيەلەيدىغان بولغاچقا، ئاسانلىقچە قورسىقى ئېچىپ قالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بوۋاق ئالتە ئايلىق ئەتراپىدا بولغان ۋاقىتتا، كىچىلىك سۈت ئەمگۈزۈشنى توختىتىپ سىناپ كۆرسەك بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ھەر بىر بوۋاقلارنىڭ يىتىلىش ئەھۋالى ئوخشاش بولمىغاچقا، چوقۇم ئالتە ئايلىق بولغاندا كىچىلىك سۈتنى توختىتىش كىرەك دەپ كىسىپ ئېيتقىلى بولمايدۇ؛ بىراق، 9ئايلىق بولۇشتىن بۇرۇن چوقۇم توختىتىش كىرەك.
    كىچىلىك سۈت ئىمىتىشنى توختىتىش بەك كەينىگە سوزۇلۇپ كەتسە، بوۋاقنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر يىتىدۇ
    كىچىسى سۈت ئىمىدىغان بوۋاقلارنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتى تازا ياخشى بولالمايدۇ. بىر ياشتىن ئىلگىرىكى ۋاقىت، بوۋاقلارنىڭ بەدىنىنىڭ يىتىلىشىدىكى ھالقىلىق مەزگىل بولۇپ، بولۇپمۇ چوڭ مىڭە ۋە بوي ئېگىزلىكىنىڭ يىتىلىشىگە نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم باسقۇچ بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئەگەر بوۋاق ھەركۈنى كىچىلىرى ئويغىنىپ كەتسە، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى ئۆسۈش ھورمۇنلىرىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى تەسىرگە ئۇچراپ، ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ چوڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىگە ۋە بوي ئېگىزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇندىن باشقا، ئالتە ئايلىققا توشقاندىن كىيىن، بوۋاقلارغا چىش چىقىشقا باشلايدىغان بولۇپ، كىچىسى داۋاملىق سۈت ئىمىۋەرسە، ئۇلارنىڭ چىشىنى ئاسانلا قۇرت يەپ، چىشىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يىتىدۇ.
    ئەمىلىيەتتە، بوۋاقلارنىڭ كىچىلىك سۈت ئىمىشىنى توختىتىش، قارىماققا چوڭ دىسە چوڭ ئەمەس، كىچىك دىسە كىچىك ئەمەس بىر ئىشتەك كۆرىنىدۇ. بىراق، ئۇزۇن مەزگىل نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يامان تەسىرى نىسبەتەن كۆپ بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىتىبار بىلەن قارىشى زۈرۈر بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号