ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
چىرايلىق ئايال تۇغقان بالا تېخىمۇ ئەقىللىق بولامدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-07 كۆرۈلىشى : قېتىم
   مىنىڭ چىرايلىق بىر دوستۇم بار بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭ قورسىقىغا 8ئايلىق بولدى. نەچچە كۈن ئىلگىرى، ئۇنىڭ ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرغۇسى كەلمەي يېتىۋالغان ۋاقىتتا، ئىرى ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ ئۇنى ھۇرۇن دىگەن؛ ئارىلىقتا ئىككىسى گەپ تالىشىپ، ئاخىرىدا ئىرى، چىرايلىق ئايال تۇغقان بالا ئەقىللىق بولىدۇ دىگەن بىر ئېغىز گەپنى چىقارغان.
    دوستۇم ئۈندىداردا ماڭا ئۇ كۈنىدىكى ئەھۋالنى سۆزلەپ بەرگەچ، مەندىن " چىرايلىق ئايال، راستىنلا تېخىمۇ ئەقىللىق بالا تۇغامدۇ" دەپ سورىدى. مەن ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ، راستىنلا شۇنداق بولىدۇ دەپ جاۋاپ بەردىم.

   ئەلۋەتتە، بۇنداق جاۋاپ بىرىشىم، بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاياش ئۈچۈن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، مەن ھەقىقەتەن بۇ ھەقتىكى بىر خەۋەرنى كۆرگەن. چەتئەلدە، مەخسۇس بۇ تېمىنى تەتقىق قىلىدىغانلار بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئانىسى قانچىكى چىرايلىق بولسا، پەرزەنتلىرىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن.
    ئامىرىكىنىڭ "تەدرىجى تەرەققىيات ۋە ئىنسانلار ھەرىكىتى" دىگەن ژورنالىدا، ئىلگىرى مۇنداق بىر نەزىريە ئوتتۇرغا قويۇلغان: ساغرىسى چوڭ بىلى ئىنچىكە ئاياللار، ئالما شەكىللىك ياكى ئاستى ئۈستى ئوخشاش توملۇقتا بولغان ئاياللارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئەقىللىق كىلىدۇ، ھەتتا ئۇلار تۇغقان بالىمۇ تېخىمۇ ئەقىللىق كىلىدۇ.
   ئامرىكا پىسبۇرگ داشۆسى ۋە كالفورنىيە داشۆسىدىكى ئالىملار، 16مىڭ ئاياللارنىڭ بەدەن شەكلى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئانالىز قىلىش ۋە ئۇلارغا قارىتا تۇنۇش سىنىقى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، بەل ئايلانمىسى ۋە ساغرا ئايلانمىسىنىڭ نىسبتى 0.7بىلەن0.6ئارىسىدا بولغان ئاياللارنىڭ تۇنۇش سىنىقىدا ئىرىشكەن نۇمۇرىنىڭ نىسبەتەن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بالىسىنىڭمۇ تۇنۇش سىنىقىدا ئىرىشكە نۇمۇرىنىڭ نىسبەتەن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
    ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، ساغرا قىسىم ۋە يوتا قىسىمدا ماي تەركىبى بىرقەدەر كۆپ بولۇش، ئومىگا3 ياغ كىسلاتاسى سەۋيىسىنىڭ نىسبەتەن يۇقىرى ئىكەنلىكىدىن دىرەك بىرىدىغان بولۇپ، بۇ خىل ياغ كىسلاتاسى، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىيلىنىڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىگە قارىتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. بەل قىسىمدا يېغىلغان ياغ تەركىبلەر بولسا، ئومىگا6ياغ كىسلاتاسى سەۋيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۋىتىشى مۇمكىن بولۇپ، بۇ خىل ياغ كىسلاتاسى بالىلارنىڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىگە ماس كەلمەيدىكەن.
    گەرچە بۇ خىلدىكى ئىلمى ئاساسلار بار بولسىمۇ، ئەمما مىنىڭچە بۇ خىل ئەقلى ئىقتىدارى جەھەتتىكى پەرق ئىنتايىن كىچىك بولۇشى، چوڭ ئارىلىق تاشلىغان دەرىجىدە ئەقىللىق بولۇپ كىتىشى ناتايىن بولۇشى مۇمكىن.
   ئىلىم-پەن نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، گېننىڭ بالىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىغا بولغان تەسىرى مەۋجۇت بولۇپ، تەخمىنەن %70نى ئىگەللەيدۇ؛ بىراق بۇ بىر ئۆمۈرلۈك ئەقلى ئىقتىدارىنى بەلگىلەيدۇ دىگەنلىك ئەمەس. قالغان قىسىمى بولسا، تەربىيە، ئائىلە مۇھىتى، ھەرىكەتلىنىش، يىمەك-ئىچمەك ۋە كىيىنكى مەزگىللىك تىرىشىش دەرىجىسى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
    ئانىسى قانچىكى ئەقىللىق بولسا، بالىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى تېخىمۇ يۇقىرىراق بولىدۇ؛ ئەمما ئەقىللىق ئاياللارنىڭ چىرايلىق ئايال بولۇشى ناتايىن. بەزىدە، چىرايلىقلىق دەرىجىسى بىلەن ئەقلى ئىقتىدارى تەتۈر تاناسىپلىق كىلىدۇ؛ چۈنكى، نۇرۇغۇنلىغان چىرايلىق كەلگەن قىزلار، زىيادە كۆپ ماختاشقا ئىرىشكەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى بارغانسىرى جانلىقلىقىنى يوقىتىپ، كۆپىنچە ھاللاردا ئۆگىنىش قىلىشنى ياقتۇرمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئەقلى ئىقتىدارىمۇ چىكىنىپ كىتىدۇ. شۇنداق، تۇغۇلما ئەقلى ئىقتىدارى يۇقىرى بولغان تەقدىردىمۇ، ئەگەر ئىزچىل تۈردە تەرەققى قىلمىسا، كەينىگە چىكىنىپ كىتىدۇ.
    ئۇنىڭ ئۈستىگە، تارىختىكى ئىنتايىن ئەقىللىق كەلگەن شەخىسلەرنىڭمۇ، چىرايى تازا دىگەندەك چىرايلىق ئەمەس...
    بۇنىڭغا قارىتا، تورداشلار مۇنداق دىگەن: ئەگەر چىرايلىقلىقنى دىسەك، كىنو چولپانلىرى شۇنداق چىرايلىق، لىكىن ئۇلارنىڭ بىرەرسىنىڭ ئالىم بالىدىن بىرەرنى تۇغقانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدۇق.
   بۇندىن باشقا، چىرايلىق دىگەن بۇ سۆزگە قارىتا، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس قارىشى بار، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ گۈزەللىككە بولغان قارىشىمۇ ئوخشاش ئەمەس. شۇڭا، چىرايلىقنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئۆلچىمىنى بىكىتىپ چىققىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، نۇرغۇنلىغان ئەمىلىيەتلەر شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، بالىلارنىڭ كىيىنكى مەزگىللىك ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈش ئەڭ مۇھىم ھەم ھالقىلىق نوقتىدۇر.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号