ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىدىكى تۆت خىل ئازاپ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-06 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئون ئاي قوساق كۆتۈرۈش، ھەقىقەتەن جاپالىق بىر ئىش؛ بولۇپمۇ ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە، ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقى بارغانسىرى يوغىناپ، خۇددى ھەمىشە يوغان تاۋۇزدىن بىرنى كۆتۈرۋالغاندەك ھالەتتە يۈرىدۇ. بۇندىن باشقا، ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالدىمۇ ھەرخىل ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلۈشكە باشلايدىغان بولۇپ، تۆۋەندىكى تۆت تۈرلۈك ئازاپ كۆپ ئۇچرايدۇ.
پۇتىنىڭ پېيى تارتىشىش
   ھامىيلىنىڭ بارغانسىرى چوڭىيىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، ھامىلدار ئايالنىڭ پۇت قىسمى ئۇلارنىڭ پۈتكۈل بەدىنىنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆتۈرىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ پۇت مۇسكۇللىرى ئېغىر دەرىجىدە چارچاش ھالىتىدە تۇرىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئاسانلا پۇتلىرىنىڭ پېيى تارتىشىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
قەۋزىيەت
    ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ئۈچەي يولى مۇسكۇللىرى ۋە قوساق دىۋارى مۇسكۇللىرىنىڭ قىمىرلىشى ئاجىزلاپ قالىدىغان بولغاچقا، كۆپىنچە قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
سۇلۇق ئىششىق
    ھامىيلىنىڭ تىز سۈرئەتتە يىتىلىشى نەتىجىسىدە، تۆۋەنكى كاۋاك ئارتىرىيەلىرى بېسىلىپ قالىدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك قاننىڭ ئايلىنىشىدا توسۇق كۆرۈلۈپ، پۇت ۋە پاچاق قىسىمدا سۇلۇق ئىششىق كۆرۈلۈشنى پەيدا قىلىدۇ.
ئۇيقۇسى قېچىش
    ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە داس سۆڭىكى ئۇچرايدىغان بېسىم تېخىمۇ چوڭ بولۇپ، ئاسانلا دوۋسۇن سۆڭىكى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، راھەت يېتىپ ئۇخلايدىغان يېتىش ھالىتىنى تاپمىقى تەسكە توختايدىغان بولغاچقا، بۇنىڭغا ھورمۇن سەۋيىسىدە بىنورماللىق كۆرۈلۈش قوشۇلۇپ، ھامىلدار ئاياللارنىڭ دائىم ئۇيقۇسى قاچىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ياخشى ئارام ئالالماي كەيپىياتى ناچارلىشىپ قالىدۇ.
 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号