ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بۇ خىل ئۇسۇلدا تەربىيەلىگەن بالىلار كەلگۈسىدە سىزدىن قاچىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-03 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئاتا-ئانا بىلەن بالىسى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭقۇر مۇناسىۋەت، شۇنداقلا تېنىپ كەتكىلى بولمايدىغان قانداشلىق مىھرىدۇر. بىراق، تۇرمۇشىمىزدا، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار، بالىلىرى چوڭ بولغاندىن كىيىن، ئۇلار بىلەن بالدى كەلدى قىلىشماي، خۇددى دۈشمەنلەردەك بولۇپ قالىدۇ؛ بۇ زادى نىمە ئۈچۈن؟ ئەمىلىيەتتە، بالىلار تۇغۇلغاندىن باشلاپلا، پۈتۈنلەي ئاتا-ئانىسىغا تايىنىدىغان بولۇپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى ھىسابلايدۇ؛ ئۇلار پەرزەنتى بىلەن شۇنىڭ ئۈچۈن ناتۇنۇش كىشىلەردەك بولۇپ قالىدۇكى، ئاساسى جەھەتتىن ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ تەربىيىلىشىدە مەسىلە كۆرۈلگەن بولىدۇ.
    كىچىكىدىن باشلاپلا، بالىسىغا پەقەت ئۆگىنىشى ياخشى بولسىلا، باشقا ھەرقانداق ئىش بىلەن چاتىقى بولماسلىق ئىدىيىسىنى سىڭدۈرۈش
   تۇرمۇشتا، چەتئەلدە ئوقۇپ قايتىپ كەلگەنلەر، نوقتىلىق ئالى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن تالانتلىقلارنىڭ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن خىزمەت قىلماي ياكى خىزمەت ئازراقلا كۆڭلىگە ياقمىسا خىزمەتتىن ئىستىپا بىرىپ، ئۆيىدە خاتىرجەم ھالدا ئۆيىدىكىلەرنى قاساپ ئۆتىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر ھەردائىم ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. ئاتا-ئانىسى بۇنداقلارنى خىزمەت ئىزدەشكە ئۈندىسە، ئۇلار ئاتا-ئانىسىغا يېنىپ ھاقارەت قىلىدۇ؛ ئەگەر ئاتا-ئانىسى ئۇلارنىڭ ماددى تەلەپلىرىنى قانائەتلەندۈرمىسە، ئۇلار ھەتتا ئاتا-ئانىسى قول شىلتىپ، ئۇلارنى خورلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاتا-ئانا بولغۇچى دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ، مىڭبىر جاپا تارتىپ، ھايۋان كەبى بالا بېقىپ چوڭ قىلغانلىقىدىن داتلىشىدۇ. بىراق، ئەگەر ئەھۋالنى چوڭقۇرلاپ ئىگەللەپ باقساق، ئۇلارنىڭ بالىسىنىڭ بۇنداق بولۇپ قېلىشىنىڭ، ئاتا-ئانىسىنىڭ تەبىيەسىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى بايقىيالايمىز.
    بالىسى كىچىك ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىسى ھەمىشە، "ئۆگىنىش نەتىجەڭ ھەممىدىن مۇھىم، ئۆگىنىشىڭ ياخشى بولسىلا، باشقا ئىشلار بىلەن چاتىقىڭ بولمىسىمۇ بولىدۇ" دىگەن گەپنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك بالىلارنىڭ ئۆگىنىشتىن باشقا ھېچقانداق ئىش بىلەن چاتىغى بولمايدىغان خارەكتىرىنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ. بۇنداق بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ بۇ خىل تەربىيەسى ئاستىدا كىتاپ خالتىسىغا ئايلىنىپ قالىدىغان بولۇپ، گەرچە ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى بولسىمۇ، ئەمما مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارى ۋە ئىجتىمائى ئالاقە ئىقتىدارى ئىنتايىن ناچار كىلىدۇ. داشۆنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن، ياخشى ئوقۇش تارىخى ۋە ياخشى نەتىجىسى بار بولسىمۇ، ھېچقانداق خىزمەتنى ياخشى ئورۇنلىيالمايدۇ، ئاخىرىدا ئاتا-ئانىسىنىڭ قان تەرىنى شۈمۈرۈپ، ئاتا-ئانىسىنى قېرىغاندا ياخشىراق تۇرمۇش كەچۈرگىلى قويمايدۇ.
    شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار بالىلارغا ئۆگىنىشتىن باشقا ئىش بىلەن كارى بولماسلىقنى ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ باشقا بارلىق ئىشلىرىنى ئۇلار ئۈچۈن قىلىپ بىرىشتىن ساقلىنىش كىرەك. بۇنداق بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولالىشى ياكى بولالماسلىقىنى بىرنىمە دىمەك تەس، ئەمما جەمئىيەتتە پۇت تىرەپ تۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەن بولۇپ قېلىشى ئىنىقلا. كىيىنچە ئەگەر ئۇلار بىرەر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ قالسا، ئاسانلا مەسئۇلىيەتنى ئاتا-ئانىسىغا دۆڭگەپ، ئۇلاردىن ئاغرىنىدۇ.
پۇل تېپىشنىلا ئويلاپ، بالىنىڭ ماددى جەھەتتىكى تەلىۋىنىلا قاندۇرىدۇ، ئەمما بالىلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ
    نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار پۇل تېپىشنى باھانە قىلىپ، بالا تۇغۇلۇشى بىلەنلا ئۇنى چوڭلارنىڭ خەۋەر ئېلىشىغا تاپشۇرۇپ، ۋاقتى ۋاقتىدا پۇل ئەۋەرتىپ بىرىشنىلا بىلىدۇ، ئەمما بالىنىڭ كونكىرتنى تۇرمۇشى بىلەن چاتىغى بولمايدۇ. بىراق، بۇ خىل ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەمراھلىقى ۋە كۆيۈنىشى كەمچىل بولغان بالىلارنىڭ پىسخىكىسىدا، ئازدۇر-كۆپتۇر مەسىلە بار بولىدىغان بولۇپ، بەزىلىرى ھەتتا ئاتا-ئانىسىدىن ئاغرىنىپ قېلىشى مۇمكىن. ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانىنى ئۆتكۈزىۋىتىپ قالسا، كىيىنچە بۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرمىقى تەسكە توختايدىغان بولۇپ، ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت تەبىئىلا بارغانسىرى يىرىكلىشىپ كىتىدۇ.
    ئاتا-ئانا بولغۇچى، بالىغا ماددى جەھەتتىكى شارائىت يارىتىپ بىرىپلا قالماي، ئۇنىڭغا يەنە روھى جەھەتتىن ئۇزۇق بىرىشى كىرەك.
 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号