ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
قوساقتىكى ھامىيلە مىدىرلىغاندا بۇ ئەھۋاللار كۆرۈلسە دىققەت قىلىڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-02 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ئىلگىرىكىگە ئوخشاش نىمىنى خالىسا شۇنى قىلىشقا بولمايدۇ؛ ئەكسىچە، ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتىن ئاۋال، ھامىيلىگە تەسىر يەتكۈزەمدۇ يوق دىگەننى ئويلاشماي بولمايدۇ. ھامىلدار ئاياللار يىتەرلىك دەرىجىدە ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاشقا كاپالەتلىك قىلىپلا قالماي، يەنە ھەرۋاقىت ئۆزىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە دىققەت قىلىپ تۇرىشى كىرەك؛ چۈنكى، ھامىيلىنىڭ يىتىلىش ئەھۋالى، ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. ئادەتتە، ھامىلدار ئاياللارنىڭ ھامىيلىنىڭ مىدىرلاش قېتىم سانىنى ساناش ئادىتى يىتىلدۈرۈشى تەۋسىيە قىلىدۇ؛ چۈنكى، ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشى ئۇنىڭ يىتىلىش ئەھۋالىنى ناھايىتى ياخشى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدۇ. بىراق، ئەگەر ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشىدا تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل ئەھۋال كۆرۈلسە، بۇ بەلكىم ھامىيلىگە خەۋپ يەتكەنلىكنىڭ ئالامەتلىرى بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، دەرھال دوختۇرغا تەكشۈرتۈش كىرەك.
ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشى تۇيۇقسىز ئازلاپ كىتىش
    ئەگەر ھامىلدار ئايالدا يىنىك دەرىجىدە قىزىش بار بولسا، ھامىيلە باش سۈيىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا چوڭ تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ. ئەمما، ھامىلدار ئايال قىزىشنى پەيدا قىلغان سەۋەبنىڭ نىمە ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىشى كىرەك؛ ئەگەر ئادەتتىكى زۇكام پەيدا قىلغان قىزىش بولسا، ئۇنداقتا ھامىيلىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. بىراق، ئەگەر يۇقۇملىنىش ياكى تارقىلىشچان زۇكامدىن كىلىپ چىققان قىزىش بولسا، بولۇپمۇ تۇغۇتى يېقىنلاپ قالغاندا كۆرۈلگەن بولسا، بۇنىڭ ھامىيلىگە بولغان تەسىرى بىرقەدەر چوڭ بولىدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئايالنىڭ بەدەن تىمپىراتۇرسى ئۆزلۈكسىز تۈردە ئۆرلىسە، ھەتتا 38گىرادوستىن ئېشىپ كەتسە، ھامىيلە ھەمرىيى ۋە بالىياتقۇدىكى قان ئېقىم مىقدارى ئازلاپ كىتىدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك ھامىيلە جىمىپ شۈكلەپ قالىدۇ.
ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشى تۇيۇقسىز تىزلىشىپ كىتىش
   ھامىيلە بالىياتقۇ ئىچىدە باش سۈيىنىڭ قوغدىشىغا ئۇچرايدىغان بولۇپ، باش سۈيىنىڭ سىلكىنىپ تەۋرىتىشنى پەسەيتىش رولى بار؛ شۇڭلاشقا ھامىلدار ئايال يىنىككىنە سوقۇلۇپ كەتسە، ئاساسى جەھەتتىن ھامىيلىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. بىراق، ئەگەر ھامىلدار ئايال بىرەر يەرگە ياكى نەرسىگە قاتتىقراق سوقۇلۇپ كەتسە، ھامىيلىنىڭ قاتتىق چايقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېغىرراق بولغاندا بالىنىڭ چۈشۈپ كىتىشىنى ياكى بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشى تۇيۇقسىز بىر تىزلىغاندىن كىيىن، ناھايىتى تىزلا توختاپ قېلىش
    ئادەتتە، بۇنداق ئەھۋال ھامىلدارلىق ئوتتۇرا ۋە كىيىنكى مەزگىلىدە كۆرىلىدىغان بولۇپ، بولۇپمۇ قان بېسىمى يۇقىرى، سىرتقى جاراھەت بار ياكى قىسقا مۇددەت ئىچىدە بالىياتقۇ ئىچى بېسىمى كېمىيىپ كەتكەن ھامىلدار ئاياللاردا بۇ خىل ئەھۋال تېخىمۇ ئاسان كۆرىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەندىن كىيىن، ھامىيلىگە تۇيۇقىسز ئوكىسىگىن يىتىشمەي قالغانلىقتىن ئۇلار قىسىقا مۇددەت قاتتىق مىدىرلاپ، بىر ئازدىن كىيىنلا مىدىرلىشى توختاپ قالىدۇ.
جىددى مىدىرلىغاندىن كىيىن، تۇيۇقسىزلا مىدىرلاشتىن توختاپ قېلىش
    ئادەتتە، كىندىك بېغىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50سانتىمىتىر ئەتراپىدا بولىدۇ؛ ئەگەر كىندىن بېغى بەك ئۇزۇن بولسا، ئاسانلا كىندىك بېغى ھامىيلىنىڭ بوينىغا يۆگىشىۋالىدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ. ئەگەر كىندىك بېغى چىگىلىپ قېلىش ياكى ھامىيلىنىڭ بوينىغا يۆگىشىۋىلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، قان سۇيۇقلۇقى نورمال ئايلىنالماي، ھامىيلىدە ئاسانلا ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك كۆرىلىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا، ھامىيلە جىددى مىدىرلىغاندىن كىيىن، تۇيۇقسىزلا مىدىرلاشتىن توختاپ قالىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号