ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىلدار ئاياللار يازنى قانداق ئۆتكۈزۈش كىرەك
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-25 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھاۋانىڭ بارغانسىرى ئىسسىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر يازلىق كىيىم كىيىشكە باشلىدى؛ بىراق، ھاۋانىڭ ئىسسىپ يازنىڭ كىرىشى، كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللارنى ئەندىشىگە سېلىشقا باشلايدۇ. چۈنكى، يازنىڭ ئىسسىق كۈنلىرىنى، يوغان قوسىقىنى كۆتۈرۈپ ئۆتكۈزمەك ھەقىقەتەن تەس. بىراق ھامىلدار ئاياللار قاقشاشنى قويۇپ، قانداق قىلغاندا ھامىيلىگە تەسىر يەتكۈزۈپ قويمايدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىشى كىرەك. ئەگەر ھامىلدار ئايال ياز كۈنلىرىدە تۆۋەندىكى تۆت نوقتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىسا، ئۆزى قىينالمايلا قالماستىن، ھامىيلىنىمۇ قىيناپ قويمايدۇ.
بەك ئىسسقتا كۆپ سىرتقا چىقماسلىق
   ھامىلدار ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، فىزىلوگىيلىك بېسىمنىڭ ئۆزىلا نىسبەتەن چوڭ، بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ قان ئايلىنىشىمۇ تىز بولىدۇ. ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدىكى مايلار ھامىيلىنى قوغداش ئۈچۈن بولىدىغان بولۇپ، ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن قېلىن بولىدۇ، بۇ سەۋەپلىك ئىسسىقلىق تارقىتىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كىتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ھامىلدار ئايال ئىسسىقلىق ئىشلەپچىقىرىش كۆپ، ئىسسىقلىق تارقىتىش ئاز بولغان بىر ھالەتتە تۇرىدۇ. شۇڭا، ئەگەر ھامىلدار ئايال بەك ئىسسىق ۋاقىتتا سىرتلارغا چىقسا، ئاسانلا ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشى مۇمكىن. ھامىلدار ئايالغا ئەگەر ئىسسىق ئۆتۈپ قالسا، يىنىك بولغاندا باش ئاغرىپ تەر كۆپ چىقىدۇ ھەم كۆڭلى ئېلىشىدۇ؛ ئېغىر بولغاندا بولسا قىزىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بالىياتقۇ بىلەن بالا ھەمرىيى ئارىسىدىكى ھاۋا ۋە ئۇزۇقلۇق ئالماشتۇرۇشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ ھەمدە ھامىيلىگە ئوكسىگىن يىتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ھامىلدار ئاياللار يازنىڭ كۈنلىرى، بەك ئىسسىق ۋاقىت بۆلىكىدە سىرتقا چىقماسلىق كىرەك.
پاشىدىن توغرا ئۇسۇلدا مۇداپىئە كۆرۈش
    يازنىڭ يىتىپ كىلىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەر پاشا ۋە باشقا قۇرت قوڭغۇزلاردىن قانداق ساقلىنىش توغرىسىدا ئەندىشە قىلىشقا باشلايدۇ. ھامىلدار ئايال ئەسلىدىنلا كۆپ تەر چىقىدىغان بولغاچقا، ياز كۈنلىرى تېخىمۇ بەك تەرلەيدىغان بولۇپ كىتىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا، ھامىلدار ئايال بەدىنىدىكى تەر ھىدى ناھايىتى ئاسانلا پاشىلارنى "چاقىرىپ" كىلىدۇ. ھامىلدار ئايال ئۈچۈن پاشىدىن مۇداپىئەلىنىش، پاشا قوغلاش ئىنتايىن زۈرۈر ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇسۇلنى توغرا تاللاشقا توغرا كىلىدۇ. ئەڭ بىخەتەر بولغان ئۇسۇل بولسا پاشىلىق ئىشلىتىش بولۇپ، ئەگەر يەنە خاتىرجەم بولالمىغاندا، پاشا يوقىتىش لامپۇچكىسى، توكلۇق پاشا پالىقى قاتارلىقلارنى ئىشلەتسەك بولىدۇ. ئەمما، پاشا يوقىتىش ئىسرىقى (蚊香) ئىشلىتىشتىن قەتئى ساقلىنىش كىرەك؛ بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەتتا بالىنىڭ چۈشۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
يۇيۇنۇش جايىدا بولۇش
    يازنىڭ كۈنلىرى تەرلەپ كەتكەن ۋاقىتتا، مۇنچىغا كىرىپ بىر يۇيۇنىۋالساق، شۇنداق راھەت ھىس قىلىمىز. ھامىلدار ئاياللارمۇ پاكىزلىقنى ساقلىشى كىرەك، شۇڭا كۈندە بىر ئىككى قېتىم يۇيۇنۇشتىن ساقىت بولالمايدۇ؛ بىراق، ھامىلدار ئاياللار يۇيۇنغاندا بىر نەچچە نوقتىلارغا دىققەت قىلىشى كىرەك. ئالدى بىلەن، ھامىلدار ئاياللار ئۆرە تۇرۇپ يۇيۇنىشى، ئولتۇرۇپ ياكى ۋاننىغا چىلىنىپ يۇيۇنماسلىقى كىرەك. ئىككىنچىدىن، سۇنىڭ تىمپىراتۇرسى بەك تۆۋەن بولۇپ كەتمەسلىكى، بەدەن تىمپىراتۇرسىغا يېقىن كىلىشى كىرەك؛ بولمىغاندا، بالىياتقۇنى غىدىقلاپ بالىياتقۇ تارىيىشنى، ھەتتا بالىنىڭ چۈشۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇندىن باشقا، يۇيۇنۇش ۋاقتىمۇ بەك ئۇزۇن بولماسلىقى كىرەك، بولمىغاندا ئاسانلا ھۇشىدىن كىتىپ يېقىپ چۈشىدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ.
ئۇسسۇزلۇقنى توغرا ئۇسۇلدا قاندۇرۇش
    ياز پەسلىنى بەك قىينالماي ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ئادەتتە ئازدۇر-كۆپتۇر سۇغۇق ئىچىملىك ئىچىشتىن ساقلىنالمايمىز؛ ئەمما ھامىلدار ئاياللار، بۇ جەھەتتە ئۆزىنى قەتئى كونتىرول قىلىشى كىرەك. ھامىلدار ئايالنىڭ ئۈچەي ۋە ئاشقازان ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كىتىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئۇلار سۇغۇق ئىچىملىك ئىچسە، ھەزىم قىلىش سېستىمىسىنى غىدىقلاپ، قوساق قىسىمنىڭ بىئاراملىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك ھامىيلىنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدىكى پائالىيىتىنىڭ كۆپىيىپ قېلىشىنى، ھەتتا بالىنىڭ چۈشۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھامىلدار ئاياللارغا نىسبەتەن، ھەرقانداق ئىچىملىك سۇنىڭ ئورنىنى باسالمايدىغان بولۇپ، ھامىلدار ئايالنىڭ ئەڭ ياخشى ئىچىملىكى قايناقسۇدۇر.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号