ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنى قانداق قىلغاندا پەسەيتىكىلى بولىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-23 كۆرۈلىشى : قېتىم
    نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار تۇغۇتى يېقىنلىشىپ قالغاندا، تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان سەۋەبىدىن قىينىلىپ كىتىدۇ. بەزىلەرنىڭ دىيىشىچە، تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاق ئاغرىقىنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى 57 بىرلىك بولۇپ، بىراق ئادەم بەدىنى ئەڭ كۆپ بولغاندا 45بىرلىك قاتتىقلىقتىكى ئاغرىققا بەرداشلىق بىرەلەيدىكەن؛ ئەلۋەتتە، بۇ خىل  قاراش ھېچقانداق ئەمىلى ئىسپاتلاشقا ئىرىشەلمىگەن. ئۇنداقتا، تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاق ئازابىنى يىنىكلىتىشكە ئامال بارمۇ؟
مۇۋاپىق تۈردە ئۇۋۇلاپ يىنىكلىتىش
     ھامىلدار ئايال ياتقان ياكى ئۆرە ھالەتتە تۇغۇشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتقان ۋاقىتتا، ئىرى ياكى بىللە ھەمرا بولۇپ كەلگەنلەر، ھامىلدار ئايال ئۈچۈن مۇۋاپىق تۈردە ئۇۋۇلاش ئېلىپ بارسا بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنىڭدا ئېيتىلغان ئۇۋۇلاش ئۇسۇلىنى ئالدىن مەشىق قىلىش لازىم بولىدۇ، شۇنداق قىلغاندا، ھالىقلىق پەيتتە ھامىلدار ئايال چوڭ دەرىجىدە تەسەللى تاپالايدۇ. تۇغۇتنىڭ ئالدىدىكى ئۇۋلاپ بىرىشتە، مۇسكۇللارنى بوشاشتۇرۇپ جىددىلىشىش دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىشكە بولۇپلا قالماي، يەنە تېخى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ھورمۇن سەۋيىسىنى تەڭشىگىلى، سۇلۇق ئىششىق ۋە ھەر خىل ئاغرىق تۇيغۇلىرىنى يىنىكلەتكىلى، ئۇيقۇ سۈپىتى ۋە لىمبا ئايلىنىش ئىقتىدارلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بولىدۇ. بۇنىڭ بىەلەن بىرگە، تۇغۇتنىڭ ئاسان بولىشىغىمۇ پايدىلىق بولۇپ، بالىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى بەك تۆۋەن تۇغۇلۇپ قېلىش نسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
قىياپتىنى توغرا تەڭشەش
     ھامىلدار ئايال تۇغۇت ئالدىدا، بىر دائىرە ئىچىدە توختىماي مېڭىپ بىرىش ۋە ئىرىگە ياكى تامغا يۆلىنىپ تۇرۇش ئارقىلىق، داس سۆڭەكنى ئالدى كەينىگە ھەرىكەتلەندۈرۈپ، دۈمبە قىسمىغا چۈشكەن بېسىمنى يىنىكلىتىشكە بولىدۇ. بەدەننىڭ ئۈستۈنكى قىسمى، كۆكرەكنى كېرىگەن ھالەتتە يېرىم يۆلىنىپ يېتىش ھالىتىنى قوللانسا، ھەمدە بۇنىڭ بىلەن بىرگە كارۋاتنىڭ يانتۇلۇق دەرىجىسىنى تەڭشەپ بەرسە ياكى بەل قىسىمغا ياستۇق قويۇپ بەرسە، ئىشىنىمەنكى، بۇنداق بىرقەدەر راھەت بولغان قىياپەت ھالىتى، ئاغرىقنى يىنىكلىتىشكە كۆپ پايدىلىق بولىدۇ. بۇندىن باشقا، ھامىلدار ئايال ئىككى پۇتىنى كېرىپ، ئورۇندۇققا ئارتىلىپ ئولتۇرۇپ بەرسە، تۇغۇت يولىنىڭ كېڭىيىشىگە پايدىلىق بولۇش بىرگە، بەل قىسىمنىڭ بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپ، تۇغۇت ئازابىنى يىنىكلىتىشكە پايدىلىق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号