ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بۇ ئۈچ مۆچەلدىكىلەر باشقىلارغا يۈز قىلمايدىغان باغرى قاتتىق كىلىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-22 كۆرۈلىشى : قېتىم
    تۇرمۇشىمىزدا، بەزى ئادەملەر بىلەن ئاسانلا چىقىشىپ ئۆتكىلى بولىدۇ، ئۇلار ھەم باشقىلارغا ياردەم بىرىشنىمۇ خۇشاللىق دەپ بىلىدۇ. بىراق، ئۇلار بىرەر ئىش قىلغاندا پىرىنسىپاللىقى ئىنتايىن كۈچلۈك كىلىدىغان بولۇپ، سىز ھەرقانچە چىرايلىق گەپلەرنى قىلىپ ئېغىزىڭىز قۇرۇپ كەتسىمۇ، ئۇلار ھامان قائىدە بويىچە ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرىدۇ؛ سىزگە ئازراقمۇ يۈز-خاتىرە قىلىپ قويمايدىغان بولۇپ، ئادەمگە بىرخىل باغرى قاتتىقتەك تەسىر بىرىدۇ. تۆۋەندە بىز بىرلىكتە، قايسى مۆچەلدىكى كىشىلەرنىڭ بۇ خىلدىكىلەردىن ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.
    كىشىلەرگە مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان توخۇ مۆچەللىك كىشىلەر، دوستلىرى پەقەت ئېغىز ئاچسىلا، ئۆزىنىڭ كۈچى يىتىدىغان دائىرە ئىچىدە، خۇشاللىق بىلەن ياردەم قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ گەپنى يۇمشاق قىلىپ، بىر خىل گەپ يەيدىغاندەك تۇرغان ھالىتىگە ئىشىنىپ قالماڭ؛ ئۇلار بىرەر ئىش قىلغاندا، پىرىنسىپقا ناھايىتى بەك ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا سىز ئەگەر ئۇلارنىڭ يۈز-خاتىرە قىلىپ، قائىدە سىرتىدا ئىش بىجىرىپ بىرىشىنى تەلەپ قىلسىڭىز، ئۇلار شۇ ھامان ئاچچىقلىنىپ جاھىللىقى تۇتۇپ كىتىدۇ، ھەرگىز سىزگە قاراپ كۆڭلى يۇمشاپ قالمايدۇ.
    يىلان مۆچەلدىكى كىشىلەر، باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشقا ناھايىتى ئۇستا كىلىدۇ، ھەتتا پەقەت ئۇلار ئۆزلىرى خالىسىلا، ھەرقانداق بىر ئادەم بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈپ كىتەلەيدۇ؛ بىراق، ئۇلار ھەرقانداق بىر ئادەم بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورناتمايدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا ئىرىشمەكچى بولسا، ھەرقانداق ئادەم ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ئىرىشەلىسە ئاندىن بولىدۇ. يىلان مۆچىلىدىكى كىشىلەر، ياخشى ۋاقتىدا شۇنداق ياخشى؛ ئەمما باغرى قاتتىقلىق قىلغان ۋاقىتتا، ھەرقانداق ئادەمگە يۈز خاتىرە قىلمايدۇ.
    يولۋاس مۆچەلدىكى كىشىلەرنىڭ كۆڭلى، ئىككى قۇتۇپقا تەۋە. ئۇلار ئۆزى كۆڭۈل بىلىدىغان كىشىلەرگە ناھايىتى بەك ئىتىبار بىلەن قارايدۇ، ئۇلار ئۈچۈن ئوتقا ۋە سۇغا كىرىشتىن يانمايدۇ؛ ئەمما ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە سىغمىغان ئادەملەرگە قارىتا، ئۇلاردا ھېچقانداق بىر ئىچ ئاغرىتىش، ياكى ھىسداشلىق قىلىش دىگەنلەر بولمايدۇ. سىز ئەگەر يولۋاس مۆچەللىك كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلسىڭىز، ئۇلار تەبىئىلا كۆڭلىدە ساقلايدۇ ھەمدە مۇۋاپىق پەيتتە سىزگە جاۋاپ قايتۇرىدۇ؛ ئەمما سىز ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولىمىسڭىز، ئۇلارنىڭ سىزگە ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشىدىن ئۈمىد كۈتمىسڭىزمۇ بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号