ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىيلىگە ئۇزۇقلۇق يىتىشمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئالامەتلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-21 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىيلە ئۇزۇقلۇقنى ئانا تېنىگە تايىنىپ سۈمۈرىدۇ؛ شۇڭلاشقا ھامىلدار ئايال ئەگەر ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىنىڭ ساغلام بولۇشىنى ئويلىسا، كۈندىلىك يىمەك-ئىچمىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلمىقى لازىم بولىدۇ. چۈنكى، ئەگەر ھامىلدار ئايالنىڭ ئۆزىدە ئۇزۇقلۇق قوبۇل قىلىش يىتەرلىك بولمىسا، ئۇنداقتا ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىنىڭ ئاستىلاپ قېلىشىنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ.
    ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كۆرۈلىدىغان بەزى ئىنكاسلار نورمال ئەھۋال ھىسابلىنىدۇ؛ مەسىلەن، كۆڭۈل ئاينىپ ياندۇرۇش، ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشى قاتارلىقلار، بۇلار ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بىراق، يەنە بەزىبىر ياخشى بولمىغان سىگناللارمۇ مەۋجۇت بولۇپ، بۇنداق ئەھۋاللاردا ھامىلدار ئايالنىڭ ئادەتتە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى لازىم بولىدۇ.
    ئەگەر ھامىلدار ئايالدا تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئەھۋال كۆرۈلسە، ئۇنداقتا كۆپىنچە ھامىيلىگە ئۇزۇقلۇق يىتىشمىگەنلىكنىڭ ئالامىتى بولۇپ، ھامىلدار ئاياللار بۇنىڭغا ئىتىبار بىلەن قارىشى كىرەك.
كۆڭۈل ئاينىپ قۇسۇش ئەھۋالى ئېغىرلاپ كىتىش
    ئاياللار دەسلەپ ھامىلدار بولغان مەزگىللەردە، ئۇلارنىڭ بەدىنى كۆپ مىقداردا ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىپ، ھامىلدار ئاياللار كۆڭۈل ئاينىپ ياندۇرىدىغان ئالامەتلەرنى شەكىللەندۈرىدۇ؛ بۇ بولسا نورمال بولغان ھامىلدارلىق مەزگىلى ھادىسىسىدۇر. ھامىلدار ئايال ئادەتتە ھامىلدار بولغان بەشىنچى ھەپتىسىدىن باشلاپ، ئۇلاردا كۆڭۈل ئاينىپ ياندۇرۇش ھادىسىسى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ، بەزىلەردە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن باشلىنىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئادەتتە ھامىلدارلىق 16-ھەپتىسىگە بارغاندا، ئاساسى جەھەتتىن پۈتۈنلەي يوقايدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئايال ھامىلدارلىق دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىنمۇ، كۆڭۈل ئاينىپ ياندۇرۇش ئەھۋالى ئوڭشالماقتا يوق، ئەكسىچە بۇرۇنقىدىنمۇ ئېغىرلەپ كەتسە، ھەمدە بەدىنى ماغدۇرسىزلىنىش، ئىشتىھاسى قالماسلىق، چىرايى ئاقىرىپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر ئەگىشىپ كەلسە، بۇ بەلكىم ھامىيلىگە ئۇزۇقلۇق يىتىشمىگەنلىكنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا، ھامىلدار ئايال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مۇناسىپ ياخشىلاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشى كىرەك.
دائىم پۇتلىرىنىڭ پېيى تارتىشىپ قېلىش
    ھامىلدارلىق ئوتتۇرا مەزگىلىدە، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشى ناھايىتى تىز بولغانلىق سەۋەبىدىن، ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنى ئىھتىياجلىق بولىدىغان ئۇزۇقلۇق ماددىلار ئادەتتىكىگە قارىغاندا كۆپ بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ھامىلدار ئايال كۈندىلىك يىمەك-ئىچمەك پىلانىنى ياخشى قىلىپ، ھامىيلىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىدىكى ھەرقايسى مەزگىللەرگە ئاساسەن ئۇزۇقلۇق قوبۇل قىلىشنى ۋاقتىدا تەڭشەپ تۇرۇشى كىرەك، بۇنىڭدا ئاندىن ھامىيلىنىڭ تېخىمۇ ياخشى يىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئايالدا قان ئازلىق كۆرۈلسە، بۇ بەلكىم تۆمۈر ماددىسى كەملەپ كەتكەنلىكتىن بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، ئاسانلا ھامىيلىگە ئوكسىگىن يىتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ھەرىكەتلىنىپ چېنىقىش بولمىغان ياكى سۇغۇق ئۆتۈپ قالمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ھامىلدار ئايالدا پۇتىنىڭ پەيلىرى تارتىشىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، بۇ كالتسىي ماددىسى قوبۇل قىلىش يىتەرلىك بولمىغانلىقتىن كىلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، بۇ ئەھۋال ھامىيلىنىڭ سۆڭىكى ۋە چىشىنىڭ يىتىلىشىنىڭ بىنورمال بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇزۇقلۇقنىڭ يىتەرلىك ۋە ئومۇميۈزلۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك.
ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشىدا بىنورماللىق كۆرۈلۈش
    ھامىلدارلىق 5-4-ئايلىرىغا كەلگەندە، ھامىيلىدە مىدىراش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. ئادەتتە ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى دائىملىق دوختۇرلۇق تەكشۈرۈشتە، دوختۇلار ھامىلدار ئايالنىڭ ھامىيلىنىڭ مىدىرلاش قېتىم سانىنى ساناپ ئادەتلىنىشنى تاپىلايدۇ؛ چۈنكى، ھامىيلىنىڭ مىدىرلاش ئەھۋالى، ھامىيلىنىڭ يىتىلىش ئەھۋالىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ. نورمال ئەھۋال ئاستىدا، ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشى قانۇنىيەتلىك كىلىدىغان بولۇپ، ئەگەر ھامىلدار ئايال ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشىنىڭ ناھايىتى ئاجىز ئىكەنلىكىنى بايقىسا ياكى ھامىيلىنىڭ مىدىرلىغانلىقىنى بايقىيالمىسا، ئۇنداقتا بۇ كۆپىنچە ھامىيلىگە ئۇزۇقلۇق يىتىشمىگەنلىكنىڭ ئالامىتى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ھامىلدار ئايال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەپسىلى تەكشۈرتۈپ كۆرىشى كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号