ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالىڭىزنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ قانداقلىقىنى بىلگىڭىز بارمۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-18 كۆرۈلىشى : قېتىم
    كىچىك بالىسى بار ئاتا-ئانىلار، بالىسىنڭ ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىلىم-پەن نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بالىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى بەلگىلىك دەرىجىدە ئىرسىيەت تەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ؛ ئەمما كىيىنكى مەزگىللىك تەربىيەلەش ئارقىلىق، ئەقلى ئىقتىدارى ئادەتتىكىچە كەلگەن بالىلارنىمۇ تېخىمۇ ئەقىللىق قىلىپ ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. تۆۋەندە بىز بىرلىكتە، ئەقلى ئىقتىدارى يۇقىرى بالىلارنىڭ قانداق ئىپادىلىرى بارلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
چوڭلارنى دوراشنى ياخشى كۆرىدۇ
   بالىلار چوڭلارنىڭ نىمە دىگەنلىكىنى ئاڭلىسا ياكى بىرەر ئىش قىلغانلىقىنى كۆرسە، ئۇلارمۇ بۇنى دوراپ قىلىپ بېقىشقا ئۇرىنىدۇ. بۇندىن باشقا يەنە، بالىلار ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان كارتون فىلىملەرنى مىسالغا ئالساق، بالىلار كارتون فىلىمدىكى شەخىسلەرنىڭ ھەرىكەت قىلمىشى، گەپ-سۆزلىرى، ھەتتا چىراي ئىپادىلىرىنى دورايدۇ. بۇ ئەھۋاللار، بالىلارنىڭ دوراش ئىقتىدارىنىڭ ياخشى، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.
ھەممە نەرسىگە قىزىقىدۇ
    بالىلارنىڭ باشقا شەيئىلەرگە قارىتا قىزىقىشى بار بولۇشى ياخشى بىر ئىش. چۈنكى، بالىلاردا باشقا شەيئىلەرگە قارىتا قىزىقىش پەيدا بولۇشى، ئۇلارنىڭ تەپەككۇر قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدىغان بولۇپ، تۇنۇش دۇنياسى بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلار كۆڭلى ئارقىلىق دۇنيانى تۇنۇۋاتقان بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇلار ھەمىشە چوڭلاردىن نۇرغۇن سۇئاللارنى سورايدۇ؛ بۇ ئۇلارنىڭ مەسىلىلەرنى بايقاشقا ۋە تەپەككۇر يۈرگۈزۈشكە ماھىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئىنكاسى ئىتتىك بولۇش، ھەرىكەتلىنىشنى ياخشى كۆرۈش
   بالىلار ئادەتتە ئىككى ئۈچ ياشقا كىرگەندە، ئۇلارنىڭ ئىنكاسىنىڭ ناھايىتى تىز ئىكەنلىكىنى، سىرتقى مۇھىتتىكى شەيئىلەرگە قارىغاندا سەزگۈرلىكىنىڭ تىز ئىكەنلىكىنى بايقىسىڭىز، بۇنداق بالىلار كىيىنكى مەزگىللىك ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش جەھەتتە يېڭى شەيئىلەر بىلەن تېخىمۇ ياخشى ئۇچرىشالايدۇ، ئۆگىنىش ئىقتىدارىمۇ نىسبەتەن كۈچلۈك بولىدۇ. ھەرىكەتلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان بالىلار بولسا، ئۇلارنىڭ چوڭ مىڭىسى تېخىمۇ ھەرىكەتچان بولۇپ، تەپەككۇرى جانلىق كىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەرىكەتلىنىشنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىغىمۇ تەسىرى بار. نۇرغۇنلىغان ئەمىلى ئسىپاتلاردىن قارىغاندا، نۇرغۇنلىغان ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ھەرىكەتلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، قانۇنىيەتلىك ھەم مۇۋاپىق تۈردە داۋاملاشتۇرۇلغان ھەرىكەتلىنىش، مىڭە سەقەنقۇر رايونىدىكى ھۈجەيرە سانىنى ئاشۇرۇپ، ئادەمنى تېخىمۇ ئەقىللىق قىلىدىكەن.
ھەرقانداق ئىشتا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلەيدىغان، رەقەملەرگە قارىتا سەزگۈر كىلىدۇ
    بالىلار ئادەتتە ئاسانلا سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان بولۇپ، دىققىتىنى بىرەر ئىشقا مەركەزلەشتۈرمىكى تەسكە توختايدۇ. مەسىلەن، بالا بىر تەرەپتە ئويۇنچۇق ئويناۋاتقان بولسا، ئەگەر ئۇ كارتون فىلىم قويۇلۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىسا، دەرھال ئويۇنچۇقنى قويۇپ كارتۇن فىلىم كۆرۈشكە يۈگرەيدۇ؛ ئەمما ئەگەر بالا بىر ئورۇندا تىنچ ئولتۇرۇپ، دىققىتىنى ئويۇنچۇق ئويناش ياكى رەسىم سىزىش قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرەلىسە، ئۇنداقتا بۇ بالىلارنىڭ بىر ئىشلارنى پۈتۈن زىھنىنى ئىشلىتىپ سەۋرچانلىق بىلەن داۋاملاشتۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال بالىلانرىڭ كىيىنكى ئۆسۈپ-يىتىلىشىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. بالىلار ئەگەر رەقەمگە قارىتا سەزگۈر بولسا، مەسىلەن بەزىبىر مۇھىم تېلفۇن نومىرى ياكى مەخپى شىفىر دىگەندەك رەقەملەرنى توغرا ئىسىدە تۇتالىسا، بالىلارنىڭ لوگىكىلىق تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号