ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
خەلقئارادا ئورتاق ئىتراپ قىلىدىغان بالا تەربىيەلەش ئۇسۇللىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-17 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بالىلارنىڭ نەزىرىدىكى دۇنيانىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، ئالدى بىلەن "زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ"، بالىلارنىڭ ئورنى ۋە ئۇلار بىلەن ئوخشاش ئىگىزلىكتىن دۇنياغا قاراڭ؛ ھەر بىر ئادەم تۇنجى قېتىم بالىلىق بولىدۇ، شۇڭا ھەممىسى بۇ جەرياندا ئۆزلۈكسىز تۈردە يىڭى بىلىملەرنى تۇلۇقلاپ، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. تۆۋەندە كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، خەلقئارادا ئورتاق ئىتراپ قىلىنىدىغان بىر نەچچە خىل بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى سۇندۇق، سىزگە ئازدۇر-كۆپتۇر ياردىمى تىگىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
بالىلارغا باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۆگىتىش
    بالىلار خۇشال ياشاش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ مەلۇم بىر ئادەملەر بىلەن ئەھمىيەتلىك بولغان باغلىنىشى بارلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ باشقىلارغا بولغان ئەھمىيىتىنى ھىس قىلىپ يىتىشكە مۇھتاج؛ ئۇلارنى بۇ خىل تۇيغۇغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ باشقىلار بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرسە، بالىلارغا ئۆزلىرىنىڭ بەزىبىر ئويۇنچۇقلىرى ۋە كىيىم-كىچەكلىرىنى ساخاۋەت ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ بىرىشكە ۋە بالىلارنى مەكتەپتىكى بەزىبىرى پىدائىلار پائالىيىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، بالىلارنىڭ باشقىلارغا ياردەم بىرىشنى خوشاللىق دەپ بىلىدىغان ياخشى پەزىلىتىنى يىتىلدۈرۈش كىرەك.
بالىلارنى كۆپرەك ھەرىكەتلىنىپ چېنىقىشقا ئىلھاملاندۇرۇش
    ئاتا-ئانىلار بوش ۋاقىتلىرىدا، بالىلىرىغا ھەمرا بولۇپ كۆپرەك ھەرىكەت قىلىپ چېنىقىشى كىرەك؛ بۇنىڭدا بالىلانرىڭ بەدەن ساپاسىنى ئۆزلۈكسىز تۈردە چېنىقتۇرۇشقا بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ مىجەزىنى تېخىمۇ ئۇچۇق قىلىدۇ. ھەرىكەتچان تۇرمۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش، بالىلارنىڭ روھى بېسىمىنى بەلگىلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، ئۇلارنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشىيەلەيدۇ، ئاتا-ئانىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇشقىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.
بالىلارنى ھەرخىل ئىجادىي ئۇسۇللاردا ماختاپ بىرىش
    بالىلارنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولغان ۋاقىتلاردا، ئاتا-ئانىلار "ناھايىتى ياخشى" دەپلا بولدى قىلماي، بەزىبىر كونكىرتنى نوقتىلارنى ئوتتۇرغا قويۇپ ماختىسا، بالىلارنىڭ قايسى تەرەپلەرنى ياخشى قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرسە، ياكى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كۆپ ئالغا باسقانلىقىنى ئېيتسا، بالىلار ئۆزىنىڭ مەلۇم بىر ئىشنى ئورۇنلىغان ۋاقىتتا ئىگە بولالايدىغان قانائەت تۇيغۇسى ۋە مۇۋەپپىقىيەت تۇيغۇسىنى ھىس قىلىپ يىتەلەيدۇ. بۇندىن باشقا، ماددى مۇكاپات ئارقىلىق بالىلارنى مۇكاپاتلايدىغان ئۇسۇلنى قوللىنىشتىن ئىمكان قەدەر ساقلىنىش كىرەك.
ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ يىمەكلىكىنىڭ ساغلام بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك
    بالىلارنىڭ تەن ساغلاملىقى يىمەك-ئىچمەكتىن ئايرىلالمايدۇ، ئاتا-ئانىلار بۇ جەھەتتە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، ساغلاملىق پىرىنسىپلىرىغا قەتئى رىئايە قىلىشى كىرەك؛ مەسىلەن، تۆۋەن ياغلىق، تۆۋەن قەنتلىك، يىڭى ساقلانغان بولۇش، ئۇزۇقلۇق تەڭپۇڭ بولۇش قاتارلىق جەھەتلەرگە ئەھمىيەت بىرىش كىرەك. بۇ ھەم بالىلانرىڭ كەيپىياتىنىڭ تۇراقلىق ساقلىنىشىغىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.
بالىلارنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى تالانتىنى قوزغىتىشقا ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك
    ئاتا-ئانىلار بالىسىنى، مۇزىكا، رەسىم سىزىش، ھۆسىنخەت يېزىش، ئۇسسۇل ئويناش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن كۆپرەك ئۇچراشتۇرۇپ، بالىلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى موللاشتۇرۇش كىرەك.
بالىلارنىڭ كۆڭۈل ئاۋازىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلاش
    بالىلار سىزگە گەپ قىلغان ۋاقىتتا، سىز قولىڭىزدىكى ئىشىڭىزنى ئىمكان قەدەر توختىتىپ، بالىڭىزنىڭ گېپىنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىشىڭىز، سەۋرچان بولۇپ بالىڭىزنىڭ ھەممە گېپىنى تۇلۇق ئاڭلاپ تۈگىتىشىڭىز كىرەك.
مۇكەممەللىك تەرغىباتىغا ئېسىلىۋالماڭ
    ھەر بىر ئاتا-ئانا بالىسىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇپ يىتىشىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇڭلاشقا ھەرقانداق ئىشتا بالىسىغا قاتتىق تەلەپ قويۇپ، بالىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى تەرىپىنى گەۋدىلەندۈرۈپ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بىراق ئەمىلىيەتتە، بۇنداق ھەرقانداق ئىشتا مۇكەممەل بولۇشنى تەلەپ قىلىش، بالىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ۋە خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن قورقماسلىقتەك شىجائىتىنى ئاجىزلاشتۇرۋىتىدىغان بولۇپ، بالىلارغا نىسبەتەن زىيانلىق تەسىر ئېلىپ كىلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号