ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بۇ ئۈچ خىل ئەيىبلەش بالىلارنى ئۆزىنى كەمسىتىدىغان قىلىپ قويىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-11 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئاتا-ئانىلار بالىلارغا بولغان تەربىيەنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ بالىسىنىڭ بىرىنچى مۇئەللىمى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ھەم شۇنداق. ئادەتتە، ئات-ئانىلارنىڭ گەپ قىلىش ئۇسۇلى، ھەتتا قىلغان گەپلىرى، ئۇلارنىڭ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، بالىلارغا ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر ئېلىپ كىلىدۇ. بەزىدە ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا بەك مۇلايىم بولۇپ كەتسە، بۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا تايىنىۋىلىشىنى پەيدا قىلىدۇ؛ بەزىدە ئاتا-ئانىلار بالىسىغا بەك قاتتىق تەلەپ قويسا، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا قارىتا قارشىلىق قىلىش پىسخىكىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ يەنە بەزى ۋاقىتلاردا، ئاتا-ئانىلارنىڭ كەيپىياتى ياخشى بولالمىغانلىق سەۋەبىدىن ئويلىمايلا قىلىپ سالغان بەزى گەپلىرىنى، بالىلار ئىزچىل تۈردە ئىسىدە ساقلاپ، مۆھۈر باسقانغا ئوخشاش بالىنىڭ قەلبىدە ساقلىنىپ قالىدۇ. بۇ سەۋەپلىك، ئائىلە تەربىيەسى جەريانىدا، تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل گەپنى قىلىپ سېلىشتىن ساقلىنىش لازىم.
"سىنىڭ كاللاڭ نىمانداق ئىشلىمەيدۇ"
   نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىسىغا تەربىيە ئىشلىگەن ۋاقىتتا، ھەمىشە بالىلىرىغا "سىنىڭ كاللاڭ نىمانداق ئىشلىمەيدۇ؟ مۇشۇنچىلىك ئىشنىمۇ قىلالمامسەن" دىگەندەك گەپلەرنى قىلىپ، بالىسىنى ئەيىبلىشى مۇمكىن. ئاتا-ئانىلار بۇنى ئاچچىقىدا مۇنداقلا دەپ قويغان گەپ بىلىشى مۇمكىن، ئەمما بالىلار بۇنى راست دەپ قالىدۇ؛ بالىلار راست ئويلاپ قالمىغان تەقدىردىمۇ، بۇ خىل گەپلەرنى ھەمىشە قىلىۋەرگەندە، بالىلارنىڭ پىسخىكىسىدا توسالغۇ پەيدا بولۇپ، كىيىنكى مەزگىللىك تۇرمۇش جەريانىدا ئۆزىنى كارغا كەلمەيدىغان بىر ئادەمدەك ھىس قىلىپ قېلىشى مۇمكىن ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئۇلاردا ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى پەيدا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بەزىدە، بالىلار ئەمىلىيەتتە ئەڭ زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەيىبلىشى ۋە ئىنكار قىلىشىغا ئۇچرىسا، بالىلار ئاسانلا ئىشەنچىسىنى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يوقىتىپ، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشقا بولغان قىزىقىشىنى يوقىتىپ قويىدۇ.
"كۈندە ئويناشنىلا بىلىسەن"
    كىچىك بالا ئويۇنغا ئامراق كىلىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىسىنى ئويناشنىلا بىلىسەن دەپ ئەيىبلىمەسلىكى كىرەك، ئەگەر كۆپ قىلىۋەرسە، بالا راستىنلا ئويناشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئاتا-ئانىلار شۇنى چۈشىنىپ يىتىشى كىرەككى، ئويناش، بالىلارنىڭ تۇغما تەبىئىتى؛ سىز بالىڭىزنى ئويۇنغا بەك ئامراق بولۇپ كەتتى دەپ قارىغان تەقدىردىمۇ، بالىلارنى خالىغانچە بۇ توغۇرلۇق ئەيىبلىمەي، پۇرسەت تېپىپ بالىڭىز بىلەن پىكىرلىشىپ، ئۇلارغا بەزىبىر تەكلىپ پىكىرلەرنى بەرسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ سۆزلىگەنلىرىڭىز ئورۇنلۇق بولسا، بالىڭىز چوقۇم گېپىڭىزنى ئاڭلايدۇ؛ ئەمما سىز ئەگەر بىر تەرەپلىمە ھالدا بالىڭىزنى ئويۇنغا ئامراق بولۇپ كەتتىڭ دەپ ئەيىبلەۋەرسىڭىز، بالىڭىز بۇنى ئاڭلىمايلا قالماستىن، ئەكسىچە قارشىلىق قىلىش پىسخىكىسىنىڭ تەسىرىدە تېخىمۇ ئوينايدىغان بولۇپ كىتىشى مۇمكىن.
"ھەر قېتىم سەنلا ئاۋارىچىلىق تاپىسەن"
    بەزىدە، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاچچىقى كىلىپ قالغان ۋاقىتتا، ئۇلار بەزى گەپلەرنى ئويلىمايلا قىلىپ سېلىشى مۇمكىن؛ گەرچە ئۇلارمۇ بالىلارغا ياخشى بولسۇن دەپ ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما بەزى گەپلەر خۇددى نەشتەرگە ئوخشاش، بالىلارنىڭ قەلبىگە ئازار بىرىپلا قالماي، يەنە تېخى بالا بىلەن ئاتا-ئانا ئوتتۇرسىدىكى مىھىر-مۇھەببەتكە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئاۋارىچىلىق تېپىپ چاتاق چىقىرىش، ھەر بىر بالىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانىدا كۆرۈلىدىغان بىر ئىش بولۇپ، ناگاندا بىر كەپسىزلىك قىلىپ قويىدىغان بالا ئوماق ھەم شوخ بىلىنىدۇ، ئەمما دائىم چاتاق چىقىرىپلا يۈرىدىغان بالىلار، ئاتا-ئانىسىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋىتىدۇ. بالىلار بالا تېرىپ چاتاق چىقارغان ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىلار تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، شۇ مەسىلە ئۈستىدە بالىلارنى توغرا يىتەكلەپ، مەسىلىگە بىرلىكتە يۈزلەنسە ۋە ھەل قىلسا بولىدۇ. ئەگەر بالا چاتاق تېرىغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تۇنۇپ يىتەلىسە، بۇ ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ئىش ئۇقىدىغان، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار خارەكتىر يىتىلدۈرۈشىگە پايدىلىق بولىدۇ.
بالا تەربىيەلەش، ھەربىر ئاتا-ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتى، ئەمما بالا تەربىيەلەشتىمۇ ئۇسۇل تاكتىكىغا دىققەت قىلماق لازىم ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号