ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالا ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا ئاتا-ئانىسى قىلىشقا تىگىشلىك ئۈچ ئىش
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-10 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھازىر نۇرغۇن بالىلار ئۇخلىغىلى ياتقاندا ئاسانلىقچە ئۇخلىيالمايدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا كۆپ قىسىم ئاتا-ئانىلار بالىسىنى ئەركىلىتىپ ئوينىشىپ بىرىشنى تاللايدۇ. ئەمىلىيەتتە، بۇ خىل ئادەت ياخشى ئادەت ئەمەس؛ چۈنكى بۇنىڭدا، بالىلار ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا تېخىمۇ ھاياجانلىنىپ كىتىپلا قالماي، ئۇخلىغاندىن كىيىنمۇ ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى بولالمايدۇ. ئۇنداقتا، بالىلار ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا، ئاتا-ئانىلار قانداق قىلغاندا بالىغا تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ؟
بالىسى بىلەن بىللە كىتاپ ئوقۇش
    ئاتا-ئانىلار بالىسى بىلەن ئوخشاش بىر كىتابنى بىللە ئوقۇغان ۋاقىتتا، كىتاپتىكى بەزىبىر ئىلم-پەنگە چېتىلىدىغان بىلىملەر، ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلارنىڭ بىلىمىنى موللاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكىمۇ پايدىلىق بولىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىسى بىلەن بىللە كىتاپ ئوقۇغاندا، بالىلارنىڭ تىل ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بولىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، بالىنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ.
بالىنى ماختاپ بىرىش
    بالىلارنى مۇۋاپىق تۈردە ماختاپ بىرىش، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزىشىغا پايدىلىق بولۇپ، بالىلارنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن يەرلىرىنى ماختاش بىلەن بىرگە ئۇلارغا بولغان ئۈمىدنى ئىپادىلەپ ئوتتۇرغا قويسا، بالىلارنى تېخىمۇ نىشانى ئىنىق قىلىشقا بولىدۇ. بۇندىن باشقا، بالىلارنى ماختاپ بەرگەندە، ئۇلار ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى قىممىتى ۋە ئەھمىيىتىنى تۇنۇپ يىتىپ، ئۆزىنى كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە قوللاشقا ئىرىشكەندەك ھىس قىلىدۇ؛ بۇنىڭدا، بالا بىلەن ئاتا-ئانىسى ئوتتۇرسىدىكى يېقىنلىق تۇيغۇسىنى يىتىلدۈرۈشكە بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاتا-ئانىسىنىڭ ماختىشى، بالىلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن يۇقىرى ئۆرلەش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ بىلىم ئېلىش ئىستىكى ۋە ئىزدىنىش روھىنى يىلتىلدۈرۈشكە پايدىلىق بولىدۇ.
بالىلار بىلەن شۇ كۈنى يۈز بەرگەن ئىشلار ھەققىدە پىكىرلىشىش
   ھەر كۈنى كەچتە كارۋاتتا يېتىپ تۇرۇپ، بالا بىلەن شۇ كۈنلۈك ئىشلار ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرساق، بالا بىلەن بولغان مۇناسىۋەت بارغانسىرى يېقىنلىشىپ، بالىنىڭ مىجەز-خۇلقىمۇ بارغانسىرى ياخشى بولۇپ كىتىدۇ. بالىنىڭ بۈگۈننى قانداقراق ئۆتكۈزگەنلىكىنى، قانداق قىزىقارلىق ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ياكى قانداق خاپا بولىدىغان ئىشلارنىڭ بولغانلىقىنى سوراپ ئۇلار بىلەن پىكىرلىشىپ بەرسەك، بالا بىلەن بولغان ئارىلىق يېقىنلىشىپلا قالماي، بالىمۇ ياخشى كەيپىياتتا ئۇخلىيالايدۇ، ئىككىنچىكى كۈنىمۇ روھى ھالىتى ياخشى تۇرىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号