ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بەزى ئاياللار نىمىشقا تۇغقاندىن كىيىن بىراقلا قېرىپ كىتىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-07 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بالا تۇغۇشنىڭ ئالدىدا ۋە بالا تۇغقاندىن كىيىن، مەيلى روھى بېسىم جەھەتتىن بولسۇن ياكى سىرتقى قىياپەت جەھەتتە بولسۇن، ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل ئادەمدەك بولۇپ قالىدۇ. بەزى ئاياللار بۇ خىل پەرق شەكىللىنىپ قېلىشتىن ئۇستىلىق بىلەن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، بالا تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن جەزبىدار ئانىلار قاتارىغا كىرىدۇ؛ بىراق يەنە بەزىلىرى بولسا، تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن بىراقلا قېرىپ "يەڭگە خوتۇن"لارغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇنداقتا زادى قايسى سەۋەپلەر تۈپەيلى بۇ خىل پەرقلەر كىلىپ چىقىدۇ؟
    ئائىلە شارائىتى ياخشىراق بولغانلار، ئايال كىشى تۇغقاندىن كىيىن، ئادەتتە مەخسۇس تۇغۇت باقىدىغان خىزمەتچى تەكلىپ قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ئەندىشىلىرى زور دەرىجىدە ئازىيىپ، مۇتلەق كۆپ قىسىم ئىشلارنى ئۆزى بىۋاستە قول تىقىپ قىلىش كەتمەيدۇ. چۈنكى، كەسپى تۇغۇت باقىدىغان خىزمەتچىلەر، ئۇلارغا ياردەملىشىپ تۇغۇتتىكى كۈتۈنۈش مەزگىلىدىكى ۋە كىيىنكى مەزگىلدىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى بىتەرەپ قىلىدۇ. بۇ، تۇغۇتتىن كىيىن بىراقلا قېرىپ كەتمەسلىكنىڭ مۇھىم شەرتلىرىنىڭ بىرى.
    ئىككىنچىدىن، ئەگەر ئائىلە شارائىتى يار بەرسە، ئادەتتە بوۋاق 7-6ئايلىق بولغاندىن كىيىن، ئەگەر ئۆيىدە ياردەملىشىپ بالىغا قارىشىپ بىرىدىغان ئادەم بار بولسا، بۇنىڭدا ئانا سىرتقا چىقىپ خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ھەركۈنى ئىشقا بېرىپ كىلىپ، كەچلىكى بالىغا قارىشىپ ئۆتىدۇ. ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىزمەت ئۇلارغا قارىتا ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر ئائىلە شارائىتى يار بەرسە، ئىمكان قەدەر خىزمەت قىلىپ، بەلگىلىك دەرىجىدە مۇستەقىللىقىنى ساقلىغان ياخشى. بۇنىڭدا، ئايال كىشىنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ئاياللار قاتارىغا كىرەلىشى ئاسان بولىدۇ.
    ئۈچىنچىدىن، ئائىلە شارائىتى باياشات بولغانلار، پۇل خەجلەش جەھەتتە كۆپ ئويلىشىپ كەتمەيدىغان بولۇپ، ھەركۈنى دىگۈدەك تىرىسىگە ئاسراش ئېلىپ بېرىپ، ھەر دائىم قانداق قىلىپ قېرىماي ياش تۇرۇشنى ئويلىشىدۇ ھەمدە بۇ مەقسەت ئۈچۈن پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي ھەرىكەتلىنىدۇ. شۇڭا بۇنداق شارائىتنىڭ قوللىشى ئاستىدا، تۇغۇتتىن كىيىن جەزبىدار ئانىلارغا ئۆزگىرىشىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ھىسابلانمايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号