ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بوۋاقنى ئىمىتىشنى توختاتقاندا بۇ نوقتىلارغا دىققەت قىلىڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-04 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بوۋاقلارنى ئانا سۈتى ئىمىتشتىن توختىتشقا نىسبەتەن ئەڭ ئىلمى بولغان ئۇسۇل، ئىمىتىش قېتىم سانىنى تەدرىجى تۈردە ئازايتىپ، كالا سۈتى ۋە باشقا قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى تەدرىجى ھالدا ئانا سۈتىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، ئاخىرىدا ئىمىتىشنى ئۈزۈل كىسىل توختىتىشتۇر. بالىنى ئانا سۈتىدىن ئايرىش ئۈچۈن، ئەمچەككە ئاچچىق نەرسە سۇۋاپ قويۇپ، بالىلارنىڭ ئانا سۈتى ئىمىشىنى بىراقلا مەجبۇرى توختىتىشقا بولمايدۇ؛ بولمىغاندا، بالىلارنىڭ كۆڭلىدە پىسخىكىلىق توسالغۇ ساقلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا، بالىلارنى ئانا سۈتىدىن ئايرىغاندا، يەنە تۆۋەندىكى ئۈچ نوقتىغا دىققەت قىلىش لازىم.
بالىلار زۇكام ۋاقتىدا ئانا سۈتىنى توختىتىۋىتىشكە بولمايدۇ
    بوۋاق زۇكام بولۇپ قالغاندا، ئۇلارنىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى تۆۋەنلەپ كىتىدىغان بولغاچقا، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا ئانا سۈتىنى توختاتساق بوۋاقنىڭ كىسىلىنى ئېغىرلىتىۋىتىدۇ. بۇندىن باشقا، بۇ ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ ھەزىم قىلىش سېستىمىسىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدىغان بولغاچقا، ئۇلارغا باشقا قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى يىگۈزگەندە، ئۇلار بۇنى ھەزىم قىلالماي ئىچى سۈرۈپ قالىدۇ.
بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بالىلارغا قارىتا ئانا سۈتىنى بەك بۇرۇن توختاتماسلىق لازىم
    ئانىنىڭ سۈتى يىتەرلىك بولغان ئەھۋال ئاستىدا، بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاقلارنى ئۇزۇنراق ئىمىتىپ بەرسە بولىدۇ؛ چۈنكى، بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاقلار، ئىچكى ئەزالىرى نىسبەتەن تۇلۇق يىتىلىپ بولالمايلا تۇغۇلۇپ قالغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئەسلىدىنلا نىسبەتەن ناچارراق كىلىدۇ؛ شۇڭا ئانا سۈتىنى بەك بالدۇر توختىتىۋەتمەسلىك تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
ياز ۋە قىش پەسىللىرىدە ئانا سۈتىنى توختىتىشقا ماس كەلمەيدۇ
    ياز كۈنى ھاۋا بەك ئىسسىق، تىمپىراتۇرا نىسبەتەن يۇقىرى بولغاچقا، بوۋاقنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئەگەر ئۇنىڭغا كالا سۈتى ياكى باشقا قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى بەرسەك، بوۋاقلار بۇنى قوبۇل قىلالماي ئىشتىھاسى تېخىمۇ تۇتۇلۇپ كىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تۇمۇز كۈنلەردە بوۋاقنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ قالىدىغان بولغاچقا، ئەگەر ئاتا-ئانىسى ياخشى قارىيالماي قالسا، ئاسانلا ھەزىم قىلىش سېستىمىسى كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. قىش پەسلى بولسا تارقىلىشچان زۇكام ئەۋج ئالىدىغان مەزگىل بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا بوۋاقلارنىڭ ئانا سۈتى ئىمىشىنى توختاتقاندا، بوۋاقلار ئاسانلا قوقاقلاپ، كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىمۇ تۆۋەنلەپ كىتىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك نەپەسلىنىش يولى كىسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا، قىش پەسلىدە بوۋاقنىڭ ئانا سۈتىنى توختاتماسلىق تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号