ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ئانىسى يېنىدا بولمىسا، بالا ئىككى جەھەتتە زىيانغا ئۇچرايدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-26 كۆرۈلىشى : قېتىم
     شىيا كېنىڭ ئوغلى ئىككى ياشقا كىرىپ قالاي دەپ قالغان بولۇپ، ئوغلىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بىرىش مەقسىتىدە، شىياۋ كې ھەپتە ئاخىرى ئالاھىتەن ۋاقىت چىقىرىپ، ئوغلىنى كۆرۈپ كىلىش ۋە ئۇنىڭ قانداق سوۋغاتنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن يۇرتىغا قايتىپ كەلدى. بىراق ئوغلى ئانىسىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرگەندىن كىيىن، تارتىنغاندەك قىلىپ، قوللىرىنى تىرناقلاپ قاراپ تۇردى، شىياۋ كې ئويلىغاندەك ئۇنداق قۇچاقلاپ ئېسلىۋالىدىغان ئەھۋال يۈز بەرمىدى. شىياۋ كې بۇ ۋاقىتتا، بەلكىم مەن قايتىپ كەلمىگىلى بەك ئۇزۇن بولغاندىكىن، بالا ئازراق تارتىنىپ قالغان ئوخشايدۇ، بىردەمدىن كىيىن ياخشى بولۇپ قالىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى؛ ئەمما، ئەمىلىيەت ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمىدى.
    كەچلىك تاماق ۋاقتىدا، شىياكى بالىغا تاماق يىگۈزمەكچى بولىۋىدى، ئوغلى يىغلاپ ئۇنىمىدى ھەمدە مومام يىگۈزۈپ قويىدۇ دەپ تۇرۋالدى؛ ئۇ ھەتتا شىياۋ كېنى يېنىدا ئولتۇرغىلىمۇ قويمىدى، ئۇخلايدىغان ۋاقىتتا بولسا، بالدۇرلا مومىسى ياتىقىغا كىرىپ تۇرۋالدى؛ شىياۋ كى ئۇنى كۆتۈرمەكچى بولغاندا، ئوغلى تېخى بىر ھازا يىغلاپ خاپا بولۇپ كەتتى. ئوغلىنىڭ بۇنچە ناتۇنۇش بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، شىياۋ كېنى كۆڭلى بىئارام بولۇپ، يىغلاپ سالغىلى تاسلا قالدى. ئۇ ئوغلىنى يۇرتىغا ئەكىلىپ قويغان ۋاقىتتا، ئوغلى ئەمدى بىر ياشتىن ئاشقان بولۇپ، ئۇ ۋاقىتتا ئوغلى شىياۋ كېنىڭ يېنىدىن كەتمەيتتى؛ دەسلەپ كەلگەن ۋاقىتتا، ئانام يوق دەپ بىر ھەپتىگىچە يىغلاپ خاپا قىلغان. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، شىياۋ كې گاڭگىراپ قالدى؛ بالا بىلەن ئايرىلغىلى ئەمدى يېرىم يىل بولغان تۇرسا، بالا نىمانداق بۇنچە ياتسىراپ كەتكەندۇ؟
    شىياۋ كېنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئوغلىنى مومىسىنىڭ قېشىغا ئەكىلىپ قويىشى، ئازراق بولسىمۇ كۆپرەك پۇل تېپىش ئۈچۈن ئىدى؛ بىراق ھازىر، ئۇزۇن ۋاقىت ئوغلىنىڭ قېشىدا ھەمرا بولالمىغان بولغاچقا، ئوغلى بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرسىدا مىھىر قالمىغان ئىدى. بۇنداق ئەھۋالدا، تۇققانلىرى ۋە دوستلىرى، "بالىنى سەن تۇغقان تۇرساڭ، نىمىدىن ئەنسىرەيتتىڭ؟ ئوغلۇڭ ھامان يەنە سىنىڭ قېشىڭغا قايتىپ كىلىپ، ساڭا ئامراق بولىدۇ" دەپ، شىياۋ كېغا تەسەللى قىلىشتى. بىراق، ئەمىلىيەت راستىنلا ئۇلار ئېيتقاندەك بولامدۇ؟ بالىسىنىڭ ئۆزى بىلەن ياتسىراپ كىتىشىدىن باشقا، شىياۋ كېنىڭ تېخىمۇ ئەنسىرەيدىغىنى، ئەگەر ئانىسى بالىسىنىڭ يېنىدا بولمىسا، بالىنىڭ تۆۋەندىكى ئىككى جەھەتتە ئازاپقا ئۇچراش ئىھتىماللىقى چوڭ ئىدى.
ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا "ئاناڭ سىنى تاشلىۋەتكەن" دىيىشى
    شىياۋ كېنىڭ قېيىنئانىسىنىڭ بىر قوشنىسى ئايال، كىچىك بالىلار بىلەن ئويناشقىلى ئامراق بولۇپ، شىياۋ كېنىڭ ئىسىدە قېلىشىچە، ئۇ ئوغلىنى دەسلەپ ئاپىرىپ قويغان ۋاقىتتا، قېيىنئانىسىنىڭ ئۇ خوشنىسى، شىياۋ كېنىڭ ئوغلىغا مۇنداق دىگەن: "سەن چوقۇم ئۆيۈڭدە كەپسىزلىك قىلغان گەپ، شۇڭا ئاناڭ سىنى موماڭنىڭ قېشىغا ئەكىلىپ قويغان؛ ئاناڭ سىنى ئەمدى موماڭغا بىرىۋىتىدۇ". ئەينى ۋاقىتتا، شىياۋ كېنىڭ ئوغلى ئاچچىقلىنىپ يىغلاپ كەتكەن. بۇنداق گەپلەر، گەرچە چوڭلارنىڭ ئوينىشىپ ئېيتقان سۆزلىرى بولسىمۇ، ئەمما كىچىك بالا بۇنى راست دەپ چۈشىنىپ قالىدۇ. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بالا بۇنداق گەپنى ئاڭلاۋىرىپ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر ئانىسى بىلەن ياتسىراپ، ئۇنى چەتكە قاقىدىغان بولۇپ قالغان.
ئانىسى بالىسىنىڭ يېنىدا بولمىسا، بالىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىدە كەمتۈكلۈك بار بولۇپ قالىدۇ
    بىز تورلاردا، ھەمىشە بەزىبىر مومىسى باققان بالا بىلەن ئانىسى باققان بالىنىڭ سېلىشتۇرما سۈرەتلىرىنى كۆرەلەيمىز؛ گەرچە ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، ئەمما بالا ئانىسىنىڭ قېشىدا تۇرسا، ئانىسىنىڭ ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى، نىسبەتەن ئېيتقاندا تېخىمۇ ئەستايىدىل ھەم ئىنچىكىرەك بولىدۇ. يىمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كىچەك دىگەنلەر ئۇنچە مۇھىم ئەمەس، ئاساسلىقى، ئانىسى بالىنىڭ قىلمىش ئادەتلىرى ۋە مىجەز-خارەكتىرىنى يىتىلدۈرۈشتە ياردەم قىلالايدۇ.
    خىزمەتچى ئانىلارغا نىسبەتەن، ھەم پۇل تاپمىسا ھەم بالا باقمىسا بولمايدۇ؛ بۇندىن باشقا يەنە، بالىنىڭ ياتسىراپ قېلىشى ئېلىپ كەلگەن ئازاپقا بەرداشلىق بەرمىسە بولمايدۇ. شۇڭا، ئۇلارغىمۇ ھەقىقەتەن تەڭلىك بولىدۇ. سىزنىڭچىچۇ؟

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号