ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
قانداق ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-25 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھامىلدار بولۇش، ئىنتايىن مۇھىم ھەم چوڭ بىر ئىش؛ بىراق بەزىبىر كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ بىر خىل ئارمان ھىسابلىنىدىغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، بەزى ئاياللار شۇنچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ، نۇرغۇنلىغان تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپمۇ، ھامىلدار بولالماسلىقى مۇمكىن؛ يەنە بەزىلەر بولسا، بىر بالىغا ھامىلدار بولۇش ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، قانداق ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى بىرقەدەر كۈچلۈك كىلىدۇ؟ ئادەتتە، تۆۋەندىكى تۆت جەھەتتە ئارتۇقچىلىقى بار ئاياللارنىڭ ھامىلدار بولۇشى نىسبەتەن ئاسانراق بولىدۇ.
ياش جەھەتتە ئارتۇقچىلىقى بار ئاياللار
    مەيلى ئاياللار بولسۇن ياكى ئەرلەر بولسۇن، ئەڭ ياخشى بولغان بالىلىق بولۇش مەزگىلى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئاياللارغا بولغان تەسىرى تېخىمۇ چوڭ؛ گەرچە چوقۇم مۇشۇ مەزگىل ئىچىدە بالىلىق بولۇشى كىرەك دەپ ئېيتقىلى بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ مەزگىلدە ئادەم جىسمانى جەھەتتىن ئەڭ ياخشى بولغان ھالەتتە تۇرىدىغان بولغاچقا، ھەرقايسى جەھەتلەردىن، بالىلىق بولۇشقا ئەڭ ماس كىلىدۇ.
بالا چۈشۈرۈش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرۇپ باقمىغان ئاياللار
    كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، كۆپ قېتىم بالا چۈشۈرۈشنىڭ بالىياتقۇغا بولغان زىيىنى ئىنتايىن چوڭ؛ چۈنكى، بالا چۈشۈرۈش ئوپراتسىيىسى بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنى بارغانسىرى نېپىزلىتىۋىتىدۇ، بۇ ھالەت داۋاملىشىۋەرسە، كەلگۈسىدە ھەتتا تۇغماس بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ھازىرقى زاماندىكى كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسى ئۇچۇق بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرىلىرىگە بولغان چۈشەنچىسى يىتەرلىك ئەمەس؛ بولۇپمۇ ئاياللار، ئۆزىنى ياخشى ئاسراش كىرەكلىكىنى بىلمەي، تاساددىبى ھامىلدار بولۇپ قالغاندىن كىيىن، ئاندىن قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىدۇ.
تۇرمۇش ئادىتى تەرتىپلىك بولغان ئاياللار
    ئادەتتە، تۇرمۇشى تەرتىپلىك كەلگەنلەر، كۆپىنچە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئاياللاردا خالىغانچە كىچىسى ئۇخلىمايدىغان، خام، توڭلىتىلغان، غىدىقلايدىغان يىمەكلىكەرنى تالىشىپ يەيدىغان ئادەتلەر بولمايدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇلار ھەم ھەرىكەتلىنىپ تۇرۇشقا ئامراق بولۇپ، بۇ خىل ئۆزىنى باشقۇرۇشقا ماھىر كەلگەن كىشىلەرنىڭ تېنى نىسبەتەن ساغلام كىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، تۇرمۇشى تەرتىپلىك كەلگەن ئاياللار، بالىياتقۇسىنىمۇ ياخشى ئاسرىغان كىلىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى تەبىئىيلا ياخشى بولىدۇ.
روھى بېسىمى تۆۋەن، كەيپىياتى نىسبەتەن ئاكتىپ بولغان ئاياللار
    بەزى ئاياللار جىسمانى جەھەتتىن ساغلام، ھەر جەھەتلەردىكى كۆرسەتكۈچلەر نورمال بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار يەنىلا ھامىلدار بولالمايدۇ؛ بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبى بولسا، ئۇلاردىكى روھى بېسىمنىڭ زىيادە ئېشىپ كىتىشىدە بولۇپ، ئۇلار زىھىنىنى ھامىلدار بولۇش ئىشىغا مەركەزلەشتۈرۋالمىغاندا، ئەكسىچە ناھايىتى تىزلا ھامىلدار بولالايدۇ. ئەمىلىيەتتە، نۇرغۇن ئاياللادا ئەسلىدىلا جىسمانى مەسىلە بولماسلىقى، ھامىلدار بولالماسلىقى بولسا، روھى بېسىمنىڭ بەك ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن بولۇشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا، ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەشكە ماھىر كەلگەن ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى، ئادەتتە نىسبەتەن كۈچلۈكرەك كىلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号