ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى مىۋە-چىۋە يىيىش توغرىسىدا
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-23 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھازىر ئەلا سۈپەتلىك بالا تۇغۇپ، ئەلاچى بالا تەربىيەلەش تەرغىپ قىلىنىدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك، ئاياللار ھامىلدار بولۇشقا تەييارلىق كۆرۈش مەزگىلىدىن باشلاپ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشقا باشلايدىغان بولۇپ، فولىن كىسلاتاسى تولۇقلاشقا باشلاشتىن مۇۋەپپىقىيەتلىك ھامىلدار بولغانغا قەدەر ھەمدە كەينىدىنلا يۈزلىنىدىغان ئون ئايلىق ھامىلدارلىق ۋاقىتلىرىدا، پۈتۈن زىھنى بىلەن، ئەڭ ياخشى ھالەتنى ساقلاشقا ۋە ئەڭ ياخشى ئۇزۇقلۇققا ئىرىشىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدۇ. بۇ جەرياندا، نۇرغۇنلىغان ھامىلدار ئاياللاردا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى بەزى ساۋاتلارغا قارىتا خاتا چۈشەنچە بار بولۇپ، ھەمىشە ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى قانچە كۆپ يىسە شۇنچە ياخشى دەپ قاراپ قالىدۇ؛ بىراق، ئەمىلىيەتتە، دائىم ئۇزۇقلۇق ماددا قوبۇل قىلىپ تۇرۇش تەۋسىيە قىلىنغان بىلەن، زىيادە مىقداردا قوبۇل قىلىۋىلىش تەلەپ قىلىنمايدۇ، ئۇزۇقلۇق زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىنىپ قالسا ئەكسىچە ئۈنۈم بىرىدۇ.
    ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئاياللارنىڭ مىۋە كۆكتاتلارنى كۆپ يىيىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ، بولۇپمۇ مىۋە-چىۋىلەر؛ چۈنكى، مىۋە-چىۋىلەرنىڭ تەركىبىدە ھەر تۈرلۈك ۋىيتامىنلار ۋە تالا ماددىلىرى مول بولۇپ، ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلە ئىھتىياجلىق بولغان ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى ياخشى تەمىنلەپ بىرەلەيدۇ. بىراق، مىۋە-چىۋىلەرنىڭ كۆپ قىسىمى بىرقەدەر تاتلىق كىلىدىغان بولۇپ، ئەگەر زىيادە كۆپ ئىستىمال قىلىۋەتكەندە، بۆرەكنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۋىتىپ، ئەكسىچە ئۈنۈم بىرىپ قويىدىغان ئەھۋال كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە مىۋە-چىۋىنى زىيادە كۆپ ئىستىمال قىلىۋەتكەندە، بەدەننىڭ قەنت مىقدارىنىڭ ئېشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەنە تېخى ئۇزۇقلۇق تەڭپۇڭ بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھامىيلە ئىھتىياجلىق بولغان بارلىق ئۇزۇقلۇقلارنى تۇلۇق ھەم يىتەرلىك تەمىنلەپ بىرىشكە ئامال بولماي قالىدۇ. چۈنكى، پەقەت ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىش تەڭپۇڭ بولغان ۋاقىتتىلا، ئاندىن بەدەن ئىھتىياجلىق بولىدىغان ھەرخىل ماددىلارنى تۇلۇق يەتكۈزۈپ بىرىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا، گۆش تۈرى، كۆكتات تۈرى، مىۋە-چىۋە تۈرى قاتارلىقلارنى بەلگىلىك نىسبەتتە ماسلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىشقا ئادەتلىنىش كىرەك؛ چۈنكى، پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن ئۇزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
    بۇ ۋاقىتتا، بەزىلەر سورىشى مۇمكىن: ھامىلدارلىق مەزگىلىدە مىۋ-چىۋىنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ دىگەنغۇ، ئەمدى نىمە بولۇپ كۆپ يەۋالماڭ دىگەن قاراش چىقتى؟ شۇنداق، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھەقىقەتەنمۇ مىۋە-چىۋىنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ؛ چۈنكى، مىۋە-چىۋە تەركىبىدە سۇ تەركبىلىرى كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەرخىل ۋىيتامىنلارمۇ بىرقەدەر مول كىلىدىغان بولۇپ، ھامىيلىگە تېخىمۇ كۆپ ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى يەتكۈزۈپ بىرەلەيدۇ. بىراق، بۇنىڭدا بەلگىلىك بىر چەك بولۇشى كىرەك؛ چۈنكى، ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ زىيادە ئېشىپ كىتىشىمۇ ياخشى ئەھۋال ئەمەس، ئەكسىچە خەتەرنى ئاشۇرۋىتىشى مۇمكىن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号