ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بوۋاقلارنى نۇرمىدىن ئارتۇق ئۇزۇقلاندۇرۇشنىڭ زىيانلىق تەسىرلىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-21 كۆرۈلىشى : قېتىم
    باھار پەسلى، بوۋاقلارنىڭ بەدىنىنىڭ ئۆسىشىدىكى ئالتۇن مەزگىل بولۇپ، قىسقىغىنا كەلگەن بۇ نەچچە ئون كۈنلۈك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار بالسىنى ئۇزۇقلاندۇرۇشقا تېخىمۇ بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، ئازراقلا ئىھتىيات قىلمىسا، بوۋاقلارنى نورمىدىن ئارتۇپ تويۇندۇرۋىتىدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ.
بوۋاقلارنى نورمىدىن ئارتۇق تويۇندۇرۋەتكەندە كۆرىلىدىغان ئالامەتلەر
چوڭ تەرىتى بىنورمال كىلىدۇ
    بوۋاقنىڭ چوڭ تەرىتى يىشىل رەڭدە ھەمدە كۆپۈكچىلەر بار كەلسە، بۇ ئۇلارنىڭ نورمىدىن ئارتۇق ئۇزۇقلىنىۋالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىلار بالىنى ئۇزۇقلاندۇرۇش قېتىم سانى ۋە مىقدارىنى ئازايتىش كىرەك.
تەرەت قىلىش قېتىم سانى ۋە مىقدارى ئازىيىدۇ
    بالىنى بەك كۆپ ئۇزۇقلاندۇرۋەتكەندە، ئۇلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچىيىدە مەسىلە كۆرىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ بىرى بولسا، چوڭ تەرەتنىڭ قېتىم سانى ۋە مىقدارى ئازلاپ كىتىشتۇر.
سۈتنى ياندۇرۋىتىدىغان ئەھۋاللار كۆپىيىدۇ
     بوۋاقلارنىڭ ئاشقازىنى كىچىك، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى نىسبەتەن ئاجىز كىلىدۇ؛ ئەگەر ئۇلارنى بەك كۆپ ئىمىتىۋەتكەندە، سۈتنى ياندۇرۋىتىدىغان ئەھۋال كۆپىيىپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا، ئادەتتە بالا يىغلىغان ھامانلا ئۇنى ئىمىتىشكە تۇتۇش قىلماي، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ قورسىقى ئاچقان ئاچمىغانلىقىنى ئايرىپ چىقىش كىرەك.
قورسىقى كۆپۈپ قالىدۇ
   بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى نىسبەتەن ئاجىز بولغاچقا، ئۇلارغا بەك كۆپ نەرسە يىگۈزىۋەتكەندە، يىمەكلىك ئۇلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرىدا يېغىلىپ قېلىپ، ئۇلارنىڭ قوسىقىنىڭ كۆپۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بوۋاقلارنى ئەڭ ياخشىسى ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم ئۇزۇقلاندۇرۇشقا ئادەتلىنىش كىرەك.
بوۋاقلارنى نورمىدىن ئارتۇق ئۇزۇقلاندۇرۇشنىڭ زىيانلىق تەسىرلىرى
ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش
    بوۋاقلارنى نۇرمىدىن ئارتۇق ئۇزۇقلاندۇرۋەتكەندە ياكى مۇدەتتىن بۇرۇن قوشۇمچە يىمەكلىك يىگۈزۈشنى باشلىغاندا، ئۇلارنىڭ ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىپ، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئاسانلا چارچاپ قالىدۇ
    نورمىدىن ئارتۇق يىمەكلىكنى ھەزىم قىلىش ئۈچۈن، ھەزىم قىلىش يوللىرى تەبىئىلا كېڭىيىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، چەكلىك بولغان قان سۇيۇقلۇقى ۋە ئوكسىگىن، باش قىسىمدىن ھەزىم قىلىش يوللىرىغا يۆتىكىلىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك مىڭە ھۈجەيرىلىرىدە ۋاقتىلىق قان يىتىشمەسلىك كۆرىلىدۇ. شۇڭا ئادەتتە، قانچىكى كۆپ ئۇزۇقلىنىۋالسا، ئاشقازان-ئۈچەي ئىھتىياجلىق بولىدىغان قان سۇيۇقلۇقى شۇنچە كۆپ، مىڭىگە تەمىنلىنىدىغان قان سۇيۇقلۇقى بولسا شۇنچە ئاز بولىدۇ، ئاخىرىدا چوڭ مىڭىگە ئېلىپ كىلىدىغان زىيىنىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ.
سەمىرىپ كىتىدۇ
    بوۋاق مەزگىلىدە زىيادە كۆپ ئۇزۇقلاندۇرۇش، بالىلار سېمىزلىكى(6-5ياش) كىلىپ چىقىش خەۋپىنى ئاشۇرۋىتىدۇ. تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، ئادەمنى بالدۇر قېرىتىۋىتىدىغان ماددىلار، زىيادە تويۇنۇپ ئۇزۇقلىنىش سەۋەبىدىن نەچچە ئون مىڭ ھەسسە ئېشىپ كىتىدىغان بولۇپ، ئاسانلا سېمىزلىق كىسىلى پەيدا قىلىدىكەن، ھەتتا چوڭ مىڭىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئەقلى ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئىھتىماللىقى بار بولىدىكەن.
كىسەللىك خەۋىپى
    نۇرمىدىن ئارتۇق ئۇزۇقلاندۇرۇشنىڭ يەنە كىيىنكى مەزگىللەردە غەيرى يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپىنى ئاشۇرۋىتىدۇ؛ مەسىلەن، يۇقىرى قان بېسىمى، دىئابىت، تاجىسىمان يۈرەك كىسىلى، سەكتە قاتارلىقلار. بۇ خىل زىيانلىق  تەسىرلەر گەرچە ھاياتلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە كۈرۈنەرلىك ئىپادىلىنىپ چىقمىسىمۇ، ئەمما ئاللىبۇرۇن سالامەتلىك ئۈچۈن يۇشۇرۇن خەۋپ پەيدا قىلغان بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号