ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ئاتا-ئانىسىدىن بالىسىغا چوقۇم ئىرسىيەت قالىدىغان ئالاھىدىلىكلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-17 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئىرسىيەت، ئىزچىل تۈردە ئىنتايىن سىرلىق بىر مەۋجۇدىيەت بولۇپ ساقلىنىپ كەلگەن. بىر بالا تۇغۇلغاندىن كىيىن، چىراي جەھەتتىلا ئەمەس، يەنە تېخى مىجەز-خۇلق ۋە قىزىقىش-ھەۋەس جەھەتلەردىمۇ، ئۇنىڭدا ئازدۇر-كۆپتۇر ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆلەڭگىسى بولىدۇ. بۈگۈن بىز كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە بالىلاردىكى قايسى خىل ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئىرسىيەت قالىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
قان تىپى
    بالىنىڭ قان تىپى، سىرتقى قىياپىتى، مىجەز-خۇلقى، ئاتا-ئانىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ قان تىپى بالىنىڭ قان تىپىنى بەلگىلەيدۇ. بىزنىڭ قان تىپىمىز ئادەتتە A,B, AB, O تۆت خىل بولىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ قان تىپىغا ئاساسەن، بالىدا كۆرۈلۈش مۇمكىنچىلىكى بولغان ۋە كۆرۈلۈش مۇمكىنچىلىكى بولمىغان قان تىپىنى بىلىشكە بولىدۇ.
    يۇقىرقى جەدۋەلدىكى، بىرىنچى تىك قۇر ئاتا-ئانىنىڭ قان تىپىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئوتتۇرلۇقتىكى تىك قۇر بوۋاقتا كۆرۈلۈش مۇمكىنچىلىكى بولغان قان تىپىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئۈچىنچى تىك قۇر بولسا بوۋاقتا كۆرۈلۈش مۇمكىنچىلىكى يوق بولغان قان تىپلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
ئەقىلى ئىقتىدارى
   ئەقلى ئىقتىدارنىڭ ئىرسىيەت بىلەن بەلگىلىك مۇناسىۋىتى بار. ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى يۇقىرى بولسا، ئەقلى ئىقتىدارى يۇقىرى بولغان بوۋاق تۇغۇلۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. بىراق ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى ئادەتتىكىچە بولسىمۇ، بەلگىلىك نىسبەتتە ئەقلى ئىقتىدارى يۇقىرى بالا تۇغۇش ئىھتىماللىقى بار؛ چۈنكى، كىيىنكى مەزگىللىك تەربىيەلەش، ئۆگىنىش، ئۇزۇقلۇق قاتارلىقلارمۇ ئىنتايىن مۇھىم.
مىجەز خارەكتىرى
   بوۋاقنىڭ مىجەز خارەكتىرى، ئاتا-ئانىسىنىڭ مىجەز خارەكتىرى بىلەن ئوخشاشلىققا ياكى ۋارسلىق قىلىش ئىھتىماللىقىغا ئىگە بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، كىيىنى مەزگىللىك تەربىيىلىنىش ئەھۋالى، ئائىلە مۇھىتى، تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئىجتىمائى ئالاقە مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارمۇ، بالىنىڭ مىجەز خارەكتىرىنىڭ يىتىلىپ شەكىللىنىشىگە بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
تىرە رەڭگى
   تىرە رەڭگى، ئىرسىيەت ئىلمى نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئادەتتە نىتراللىشىشقا قاراپ يۈزلىنىدىغان بولۇپ، ئەگەر دادىسىنىڭ تىرىسى قارا، ئانىسىنىڭ تىرىسى ئاق بولسا، ئۇنداقتا ئۇلار تۇغقان بالىنىڭ تىرە رەڭگى ئاق بىلەن قارىنىڭ ئارىلىقىدىكى رەڭ بولىدۇ.
كۆز
    كۆز بولسا كۆرنەرلىك تىپىدىكى ئىرسىيەتكە تەۋە بولۇپ، كىچىك كۆزگە قارىغاندا، چوڭ كۆز تېخىمۇ كۆرنەرلىك تىپتىكى ئىرسىيەت قېلىش ھىسابلىنىدۇ. ئەگەر ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپتىن بىرسىنىڭ كۆزلىرى چوڭ بولسا، ئۇنداقتا بالىسىنىڭ كۆزلىرى چوڭ بولۇش ئىھتىماللىقى بىرقەدەر چوڭ بولىدۇ.
بوي ئېگىزلىكى
    بالىنىڭ بوي ئېگىزلىكىنىڭ ئىرىسىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى زىچ بولىدۇ؛ ئەمما ئىرسىيەت پەقەت %70نىلا بەلگىلەيدۇ، قالغان %30تى بولسا كىيىنكى مەزگىللىك ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ بويى ئېگىز بولمىسا، ئۇنداقتا بالىسىنىڭ بويىنىڭ ئېگىز بولۇش ئېھتىماللىقى پەقەت %25ئەتراپىدا بولىدۇ؛ ئەگەر ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىچىدە بىر تەرەپنىڭ بويى ئېگىز بولسا، ئۇنداقتا بالىسىنىڭ بويىنىڭ ئېگىز ئادەم بولۇش ئېھتىماللىقى %50 بولىدۇ؛ ئەگەر ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ بويى ئېگىز بولسا، بالىنىڭ بويى ئېگىز ئادەم بولۇشنىڭ ئىھتىماللىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، ئەمما %100 گە يەتمەيدۇ.
    ئادەتتە ئوغۇل بالىنىڭ بوي ئېگىزلىكى، ئانىسى بىلەن دادىسىنىڭ بوي ئىگىزلىكىنى قوشۇپ، كىلىپ چىققان ساننى 1.08گە كۆپەيتكەندىن كىيىن، ئاخىرىدا كىلىپ چىققان ساننى 2گە بۆلگەندىن كىيىنكى سانلىق قىممەتكە تەڭ بولىدۇ؛ قىز بالىنىڭ بوي ئېگىزلىكى بولسا، دادىسىنىڭ بوي ئېگىزلىكىنى 0.923گە كۆپەيتىپ، چىققان سانغا ئانسىىنىڭ بوي ئېگىزلىكىنى قوشقاندىن كىيىن، ئاخىرىدا كىلىپ چىققان ساننى ئىككىگە بۆلگەندىن كىيىنكى سانلىق قىممەتكە تەڭ بولىدۇ.
بەدەن شەكلى
    بەدەن شەكلىمۇ ئىرسىيەت قالىدىغان بولۇپ، سېمىزلىكنىڭ ئىرسىيەت قېلىش نىسبىتى يەنىلا بىرقەدەر يۇقىرى كىلىدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىسى ھەر ئىككى تەرەپ سېمىزلەردىن بولسا، بالىغا ئىرسىيەت قىلىش نىسبىتى %55كە يىتىدۇ؛ ئەگەر بىر تەرەپ سېمىز بولسا، ئىرسىيەت قېلىش نىسبىتى %40 ئەتراپىدا بولىدۇ. بىراق، بالىنىڭ سېمىز ياكى ئۇرۇق چوڭ بولىشىدا، كىيىنكى مەزگىللىك ئۇزۇقلىنىش قاتارلىق ئامىللار مۇھىم رول ئوينايدۇ.
كۆرۈش قۇۋۋىتى
    يېراقنى كۆرەلمەسلىك كىسىلىنىڭ ئىرىسيەت قېلىش ئېھتىماللىقى ئاران %5 بولۇپ، بۇمۇ تېخى ئاتا-ئانىسى ھەر ئىككى تەرەپ يېراقنى كۆرەلمەسلىكى كىسىلى بار بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئاندىن ئىرسىيەت قالىدۇ.
كىرپىكنىڭ ئۇزۇن قسىقىلىقى
    كىرپىكىنىڭ ئۇزۇن قىسىقىلىقىنىڭ ئىرسىيەت قېلىش ئېھتىماللىقىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئاتا-ئانىسى ئىچىدە بىر تەرەپنىڭ كىرپىكلىرى ئۇزۇن بولسا، بالىسى چوقۇم كىرپىكلىرى ئۇزۇن تۇغىلىدۇ.
كۆز قارىچۇقىنىڭ رەڭگى
    كۆز قارىچۇقىنىڭ رەڭگى جەھەتتە، رەڭگى قېنىقراق بولغان تەرەپنىڭ ئىرسىيەت قالىدۇ. مەسىلەن، سېرىق تەنلىك بىرسى بىلەن ئاق تەنلىك بىرسى توي قىلسا، ئۇنداقتا ئۇلار تۇغقان بالىنىڭ كۆز قارىچۇقىنىڭ قارا رەڭ بولۇپ تۇغۇلۇش ئىھتىماللىقى، كۆك رەڭگە قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
بۇرۇن
    بۇرۇننىڭ شەكلىنىڭ ئىرسىيەت قېلىش نىسبىتىمۇ ناھايىتى يۇقىرى. بۇنىڭدا بەلكىم كۆپچىلىك بىرىنچى بولۇپ چىڭ لۇڭ بىلەن فاڭ زۇمىڭنى ئىسىگە ئېلىشى مۇمكىن؛ بۇ دادا-بالا ئىككىسىنىڭ بۇرنى ئوخشاشلا چوڭ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号