ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بوۋاقنىڭ كىچىلىك سۈت ئىمىش ئادىتىنى قانداق تاشلاتقۇزۇش كىرەك
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-17 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بەلگىلىك ئايلىق يېشىغا يەتكەن بوۋاقلارغا نىسبەتەن، ئاتا-ئانىلار ئۇلارنىڭ كىچىلىك سۈت ئىمىش ئادىتىنى تاشلاتقۇزۇشنى ئويلىشىشى كىرەك. ئەمىلىيەتتە، كىچىلىك سۈت ئىمىش ئادىتىنى ئەڭ ياخشىسى بالدۇرراق تاشلاتقۇزماق لازىم؛ چۈنكى، سۈت ئىمىپ بولغاندىن كىيىن، چىشنى چوتكىلاش ياكى باشقا چىش ئاسراش ئۇسۇللىرى قوللانمىغاندا، چىشنى قۇرت يەيدىغان ئەھۋاللار كىلىپ چىقىدىغان بولۇپ، بالىنىڭ چىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، يەنە تېىى ئاشقازان ئۈچەينىڭ يۈكىنى ئاشۇرۋىتىدۇ ھەمدە بالىنىڭ كىچىلىك ئۇيقۇسىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، پەقەت قوللانغان ئۇسۇل مۇۋاپىق ھەم توغرا بولسىلا، بالىنىڭ كىچىلىك سۈت ئىمىش ئادىتىنى تاشلاتقۇزۇش تەسكە توختىمايدۇ.
    ئالدى بىلەن، ئۇخلاش مەسىلىسىنى ياخشى بىتەرەپ قىلىش كىرەك؛ ئەڭ ياخشىسى بىرىنچى بولۇپ، بوۋاق بىلەن كارۋات ئايرىلىپ ئۇخلاشنى ئۆگىنىش لازىم. بۇنىڭدا، بالىدا تايىنىۋىلىش ئادىتى شەكىللىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ، بوۋاقتا ئويغانساملا ئانامنىڭ قېشىدا يەيدىغان نەرسە بار دىگەن قاراش شەكىللىنىپ قالمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا، بوۋاققا ماس كىلىدىغان ئوماققىنە كىچىك كارۋاتتىن بىرنى ئېلىپ بىرىپ ھەمدە تەدرىجى ھالدا بوۋاقنى ئۆزىنىڭ كىچىك كارۋىتىدا ئۇخلاشقا يىتەكلەپ، تەدىرىجى ھالدا بوۋاقنىڭ دىققىتىنى چېچىشقا ئۇرۇنۇپ سىناپ باقساق بولىدۇ.
    ئادەتتە، بوۋاق تېخى كىچىسى سۈت ئىچىدىغان ئادىتىنى تاشلىمىغان ۋاقتىدا، بوۋاقنىڭ ئۇخلىغىلى ياتقاندىن كىيىن بىرىنچى قىلىدىغان ئىشى سۈت بوتولكىسىنى قۇچاقلاپ ئىمىش بولىدۇ. بالىنىڭ كىچىسى سۈت ئىمىدىغان ئادىتىنى تاشلاتقۇزماقچى بولغاندىن كىيىن، ئۇنداقتا ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا بەزىبىر مۇراسىم خارەكتىرلىك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، بالىلارنىڭ سۈت ئىمىشكە بولغان دىققىتىنى چېچىۋەتسەك بولىدۇ؛ مەسىلەن، ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا بالىغا بىردەم ئوينىشىپ بىرىش، ياكى ناخشا ئېيتىپ بىرىش دىگەنلەرگە ئوخشاش. بۇنىڭدا، بالىلارنىڭ دىققىتى چېچىلىپ، سۈت ئىچىشنى ئۇنتۇيدۇ.
    يۇقارقى ئىككى خىل ئادەت شەكىللىنىپ بولغاندىن كىيىن، ئۈچنچى قەدەمگە تەييارلىق قىلىشنى باشلاش كىرەك. ئادەتتە، بوۋاق كىچىسى ئويغىنىپ كىتىپ، پەقەت ئۇنىڭغا سۈت تەڭشەپ ئىچكۈزگەندىن كىيىن ئاندىن ئۇخلايدىغان ئەھۋال ئاستىدا، ھازىر يەنە داۋاملىق ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ؛ ھازىرقىدەك ۋاقىتتا، ئۇ كىچىسى ئويغىنىپ كىتىپ سۈت ئىچىمەن دەپ يىغلاپ خاپا قىلسا، ئۇنىڭغا دەرھال سۈت تەڭشەپ ئىچكۈزمەي، ۋاقىتنى كۈندە ئاز-ئازدىن كەينىگە سۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللانساق بولىدۇ؛ بۇنىڭدا، بوۋاق تەدرىجى ھالدا بۇ خىل ئەندىزىگە كۆنۈپ قالىدىغان بولۇپ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن، ئاساسى جەھەتتىن كىچىلىرى ئويغىنىپ سۈت ئىچىمەن دەپ خاپا قىلمايدىغان بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号