ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا كۆرۈلىدىغان خۇاڭدەن ھەققىدە
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-12 كۆرۈلىشى : قېتىم
   يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا كۆرۈلىدىغان خۇاڭدەن(黄疸) ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئۇ فىزىلوگىيىلىك تىپتىكى خۇاڭدەن ۋە پاتولوگىيەلىك تىپتىكى خۇاڭدەن دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ؛ فىزىلوگىيىلىك تىپتىكى خۇاڭدەننىڭ بوۋاققا بولغان تەسىرى چوڭ بولمايدۇ، ئەمما پاتولوگىيلىك تىپتىكى خۇاڭدەن، بوۋاقنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، پاتولوگىيەلىك خۇاڭدەنگە نىسبەتەن، ۋاقتىدا مۇۋاپىق چارە قوللىنىپ، بوۋاقتىكى خۇاڭدەن مەسىلىسىنى ۋاقتىدا داۋالىماق لازىم؛ بولمىغاندا، بوۋاقنىڭ ئىچكى ئەزالىرىغا زىيانلىق تەسىر ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن.
يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا كۆرۈلىدىغان خۇاڭدەننىڭ قانداق زىيانلىق تەرەپلىرى بار؟
    1. فىزىلوگىيىلىك تىپتىكى خۇاڭدەن، ئاساسى جەھەتتىن  جىگەر ئىقتىدارى يىتىلىپ بولالمغانلىق سەۋەبىدىن شەكىللىنىدىغان بولۇپ، بۇ خىلدىكى خۇاڭدەننىڭ بوۋاقنىڭ بەدىنىگە بولغان تەسىرى چوڭ بولمايدۇ؛ ئادەتتە ئاسراش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىسەكلا، خۇاڭدەن تىزلا ياخشىلىنىپ، بوۋاقتىكى سېرىقلىق يانىدۇ. ئەمما پاتولوگىيەلىك خۇاڭدەننىڭ بوۋاققا ئېلىپ كىلىدىغان زىيىنى بىرقەدەر چوڭ بولۇپ، بوۋاقنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى زەخمىگە ئۇچرىتىپ، ئىچكى ئەزالاردا كىسەللىك ئۆزگىرىشى شەكىللىنىشنى پەيدا قىلىدۇ.
    2. بوۋاقلاردا پاتولوگىيىلىك خۇاڭدەن كۆرۈلگەندە، ئادەتتە مىڭە يادرولۇق خۇاڭدەنمۇ بىللە ئەگىشىپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بوۋاقنىڭ نىرۋا سېستىمىسىغا زىيان يەتكۈزۈپ، بوۋاقلارنىڭ ئاسانلا ئەقلى-ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بەزىدە ھەتتا بوۋاقنىڭ ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كىلىدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار بوۋاقتىكى خۇاڭدەن ئەھۋالىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ، بىرەر ئالاھىدە ئەھۋال كۆرۈلسە، دەرھال ۋاقتىدا دوختۇرغانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتۈشى كىرەك.
    3. پاتولوگىيەلىك خۇاڭدەن ھاياتى خەۋپ ئېلىپ كىلىدۇ، شۇڭا ئاتا-ئانىلار، بالىسىدا كۆرۈلگەن خۇاڭدەننىڭ فىزىلوگىيىلىك خۇاڭدەن ياكى پاتولوگىيەلىك خۇاڭدەن ئىكەنلىكىنى ئىنىق ئايرىپ، ئەگەر پاتالوگىيەلىك خۇاڭدەن بولسا، بۇنىڭغا ئالاھىدە ئىتىبار بىلەن قارىشى كىرەك.
يىڭى تۇغۇلغان بالىلاردا كۆرۈلىدىغان خۇاڭدەنگە قارىتا قانداق ئاسراش ئېلىپ بېرىش كىرەك؟
    1. فىزىلوگىيىلىك خۇاڭدەنگە نىسبەتەن، ئاسراش ئېلىش بېرىش جايىدا بولسا، خۇاڭدەننى ياخشىلاشقا بولىدۇ؛ فىزىلوگىيىلىك خۇاڭدەن كۆرۈلگەن بالىلارغا گىلىكوزا سۈيى ئىچۈرۈپ بەرسەك، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى سېرىقلىقنى(خۇاڭدەننى) ياندۇرغىلى بولىدۇ. ئاتا-ئانىلار بوۋاقنىڭ تىرىسىنى ئاسراش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارغا ئىمكان قەدەر پاختا رەخت كىيىملەرنى كەيگۈزۈپ قويۇشى، ئادەتتە ئۇلارغا قايناقسۇ ياكى گىلوكوزا سۈيىنى كۆپرەك ئىچكۈزۈشى كىرەك.
    2. پاتولوگىيىلىك خۇاڭدەنگە نىسبەتەن، دوختۇرخانىلاردا داۋالاش ئېلىپ بېرىش لازىم بولىدۇ. پاتولوگىيەلىك خۇاڭدەننى، ئولتىرا بىنەپشە نۇرغا قاقلاش ئارقىلىق ياخشىلاشقا بولىدۇ؛ ئەمما ئۇلتىرا بىنەپشە نۇردا داۋالاشتا، دوختۇخانىلارغا بېرىپ داۋالاشنى قوبۇل قىلىش، بالىنى كۈچلۈك ئاپتاپقا قاقلاشتىن ساقلىنىش لازىم، بولمىغاندا بوۋاق ئاپتاپتا كۈيۈپ زەخمىلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.
    3. بوۋاقلار خۇاڭدەنگە گىرىپتار بولۇپ قالغان مەزگىلدە، ئانا بولغۇچى توغرا ئۇسۇلدا ئاسراش ئېلىپ بېرىشى، بالىنى ئانا سۈتى بىلەن ئىمىتىشى كىرەك؛ بۇنىڭدا، بوۋاقنىڭ ئىممونت كۈچى ۋە كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئېشىپ، خۇاڭدەن تىز سۈرئەتتە يانىدۇ. پاتولوگىيەلىك خۇاڭدەنگە نىسبەتەن، قانچە بالدۇر داۋالاتساق شۇنچە ياخشى، شۇڭا ئاتا-ئانىلار بۇنىڭغا قارىتا بىپەرۋالىق قىلماسلىقى كىرەك. بۇندىن باشقا، بوۋاقلاردا خۇاڭدەن كۆرۈلگەندە، ئۇلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى ۋە تىرىسىنىڭ تازىلىقىغا ۋە ئاسراش خىزمىتىگە دىققەت قىلىش كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号