ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
قىش پەسلىدە بالىلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان كىسەللىكلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-23 كۆرۈلىشى : قېتىم
    قىش پەسلى، باكتىرىيە ۋە ۋىرۇسلارنىڭ تارقىلىشىنىڭ يۇقىرى مەزگىلى بولۇپ، بالىلارنىڭ ئىممونت كۈچى نىسبەتەن ئاجىز بولغاچقا، نەپەسلىنىش يولى يۇقۇملىنىش كىسەللىكلىرىگە تېخىمۇ ئاسان ئۇچرايدۇ. قىش پەسلى يىتىپ كىلىش بىلەن، دوختۇخانىلار كىسەل بولۇپ قالغان بالىلار بىلەن تولۇپ كىتىدىغان بولۇپ، دوختۇر-سېستىرالار ئالدىراش بولۇپ كىتىدۇ.
قىش پەسلىدە، بالىلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان كىسەللىكلەر قايسىلار؟
    ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى: زۇكام، تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىق يۇقىرى نەپەسلىنىش يولى ياللۇغلىنىشتىن كىلىپ چىققان كىسەللىكلەر، بۇ كىسەللىكلەر ئادەتتە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ "يۇقىرى نەپەسلىنىش يولى كىسەللىكلىرى" دەپ ئاتىلىدۇ. بۇندىن باشقا، كىسەل قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزىملار، نەپەسلىنىش يولىدىكى مەلۇم بىر قىسىمدا ياللۇغلىنىش كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، ياللۇغ پەيدا بولغان قىسىمنىڭ ئسىمى ئارقىلىق ئاتىلىدىغان كىسەللىكلەر؛ مەسىلەن، جىددى خارەكتىرلىك كاناي ياللۇغى، جىددى خارەكتىرلىك قالقانسىمان بەز ياللۇغى، جىددى خارەكتىرلىك يۇتقۇنچاق ياللۇغى قاتارلىقلار.
قىش پەسلى نىمە ئۈچۈن بالىلار نەپەسلىنىش يولى كىسەللىكلىرى كۆپ كۆرىلىدىغان مەزگىلگە ئايلىنىپ قالغان؟
    1. نەپەسلىنىش يولى كىسەللىكلىرىنىڭ ئاساسلىق كىلىپ چىقىش سەۋەبى: ۋىرۇس، باكتىرىيە، مىكوپلازما قاتارلىق كىسەل قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزىم قاتارلىقلارنىڭ بالىنىڭ بەدىنىگە سوقۇنۇپ كىرىشى.
    2. كىچىك بالىلارنىڭ، بولۇپمۇ بوۋاقلارنىڭ نەپەسلىنىش يولى تۈزۈلشى ۋە ئىممونت سېستىمىسى نىسبەتەن يۇمران كىلىدىغان بولۇپ، تېخى تۇلۇپ يىتىلىپ بولالمىغان، مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش ئىقتىدارى ناچار كىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، كىچىك بالىلار ئاسانلا ئۇزۇقلۇق توسالغۇسى تىپىدىكى كىسەللىكلەرگە گرىپتار بولۇپ قالىدۇ؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى، بالىلارنىڭ ئاسانلا "يۇقىرى نەپەسلىنىش يولى" كىسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەپلەردۇر.
   3. ھاۋا كىلىمات تىمپىراتۇرسى تۆۋەنلىگەن ۋاقىتتا، بۇرۇن چاپلاشقاق پەردىسى سۇغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ غىدىقلىشىشغا ئۇچراپ، نەپەسلىنىش يولى قان تۇمۇرلىرىدا تارىيىش كۆرۈلۈپ، بۇرۇن چاپلاشقاق پەردىسىنىڭ قارشى تۇرۇش كۈچى تۆۋەنلەيدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك، ۋىرۇس ۋە باكتىرىيەلەر ئاسانلا مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا بەدەنگە "تاجاۋۇرز" قىلىپ كىرىدۇ. قىش پەسلىدە ھاۋا قۇرغاق بولغاچقا، كىسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، نەپەسلىنىش يولى كىسەللىكلىرىنى داۋالاشقا ۋە بىمارنىڭ ئەسلىگە كىلىشىگە پايدىسىز بولىدۇ.
   4. كىلىماتتا ئۆزگىرىش كۆرۈلۈپ، مۇھىتتا پايدىسىز ئامىللار كۆرۈلگەن ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىلار مۇناسىپ ھەرىكەت قوللانمىسا ياكى ئاسراش مۇۋاپىق بولمىسا، بالىلار ئاسانلا قىش پەسلىدە كۆپ ئۇچرايدىغان كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قېلشى مۇمكىن؛ بەزىدە ھەتتا يۇقىرى نەپەسلىنىش يولى ياللۇغلىنىش ئەھۋالى قايتا-قايتا كۆرۈلۈپ، ئۈزۈل-كىسىل داۋالاپ ساقايتىش تەس بولۇشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىشى مۇمكىن.    
قانداق قىلغاندا، بالىلارنىڭ قىش پەسلىدە كۆپ ئۇچرايدىغان كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىن ئېلىپ، قىش پەسلىنى تىنچ-ئامان ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ؟
   1. سۇغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش؛ بولۇپمۇ ئۆي ئىچى ۋە سىرتىنىڭ تىمپىراتۇرا پەرقى بىرقەدەر چوڭ بولغان ئەھۋال ئاستىدا، بالىلارغا ۋاقتىدا كىيىم قوشۇش ياكى ئازايتىش كىرەك.
   2. بالىنىڭ ھەرىكەتلىنىش مىقدارىنى مۇۋاپىق تۈردە كۆپەيتىپ، بەدىنىنى چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش.
   3. ئۇزۇقلۇقنىڭ تەكشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بالىنىڭ ئىممونت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش؛ كىچىك بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن ئىمىتىش؛ كىچىكرەك بالىلارغا ۋە بوۋاقلارغا ۋاقتىدا ۋىيتامىن D تۇلۇقلاش ھەمدە تۇخۇم سېرىقى، سۈت يىمەكلىكلىرى قاتارلىق ۋىيتامىن A، كاروتىن تەركىبى يۇقىرى بولغان يىمەكلىكلەرنى يىگۈزۈش؛ پاكارلىق كىسىلى ۋە ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك كىلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
   4. ئادەملەر زىچ بولغان ئاممىۋى سورۇنلارغا بېرىشتىن ئىمكان قەدەر ساقلىنىپ، كىسىشمە يۇقۇملىنىىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
   5. ئۆينىڭ ئىشىك-دەرىزىلىرىنى پات-پات ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ئۆي ئىچىنىڭ تىمپىراتۇرىسى ۋە نەملىك دەرىجىسىنى مۇۋاپىق ئۆلچەمدە ساقلاش(تىمپىراتۇرا 22-18 سىلتسىيە گىرادوس، نەملىك دەرىجىسى %60 بولسا ئۆلچەملىك).
    6. بالىلارنىڭ ئۇيقۇسىنىڭ يىتەرلىك بولۇشى ۋە تۇرمۇشىنىڭ تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش.
    7. تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۇ ئىچىش، نەپەسلىنىش سېستىمىسى كىسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم؛ شۇڭا بالىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۇ ئىچىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشىمىز، ئۇسسىغاندىن كىيىن ئاندىن سۇ ئىچىدىغان بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىشىمىز كىرەك؛ ئەتىگەندە بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ بەرسە، نەپەسلىنىش يوللىرى سۇسىزلىنىپ قېلىش ئەھۋالىنى پەسەيتىشكە پايدىلىق.
   8. شارائىت يول قويسا، بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملىتىپ، تارقىلىشچان زۇكام بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىرەك.
    ئاخىرىدا، بارلىق بالىلارنىڭ، ئاتا-ئانىسىنىڭ مۇۋاپىق ھەم كۆڭۈل قويۇپ ئاسرىشى ئاستىدا، قىش پەسلىنى ساق-سالامەت ئۆتكۈزۈشىگە تىلەكداشمەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号