ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بوۋاقنىڭ يىغلىشىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىمۇ بارمۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-21 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بوۋاق كىچىك ۋاقتىدا بەدىنىنىڭ يىتىلىشى تۇلۇق بولالمىغانلىق سەۋەبىدىن،  يىغلاش ئۇلارنىڭ سىرتقى مۇھىت بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشتىكى بىر خىل ئۇسۇلى بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا يېشى كىچىك بوۋاقلارنىڭ ھەممىسى يىغلاشقا ئامراق كىلىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ يىغلىغىنىنى كۆرسە ئىچى سىيرىلىپ كىتىدۇ، بەزىلىرى بولسا بالىسىنىڭ يېغىسىدىن بىزار بولىشىدۇ. ئەمىلىيەتتە، بوۋاقنىڭ يىغلىشى ئىنتايىن نورمال بىر ئەھۋال بولۇپ، ئاتا-ئانىلار ئەنسىرمىسىمۇ بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە يىغلاشقا ئامراق بوۋاقلار تېخىمۇ ساغلام بولىدىغان بولۇپ، بوۋاقلارنىڭ يېغىسىنىڭ ئۇلارغا تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل پايدىسى بار.
ئۇچۇر يەتكۈزۈش
    بوۋاق ئەمدى تۇغۇلغان ۋاقىتتا، يىغلاش ئۇلارنىڭ ئۆزمەننى ئىپادىلىشىدىكى ئاساسلىق ئۇسۇلى بولۇپ قالىدۇ؛ مەسىلەن بوۋاق ئۇخلاپ ئويغانغاندىن كىيىن، يىغلاش ئارقىلىق ئانىسىنى خەۋەرلەندۈرىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا ئانا ئۇنى ئاستاغىنا پەپىلەپ قويسا، ئۇنىڭ كەيپىياتى نورماللىشىدۇ. بوۋاق ئۇزۇن ۋاقىت ئەممىگەندىن كىيىن، ئەگەر ئۇ يىغلىسا، ئانا دەرھال ئۇنىڭ قوسىقىنىڭ ئاچقانلىقىنى بىلىدۇ دەپ ئۇنى ئىمىتىدۇ. يەنە بىر خىل ئەھۋال بولسا، بوۋاق تەرەت قىلغاندىمۇ يىغلاپ، ئانىسىغا زاكىنى ئالماشتۇرۇش كىرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۆپكە ھاۋا سىغىمىنى ئاشۇرىدۇ
    بوۋاق تۇغۇلغاندىن كىيىن، دەسلەپكى نەچە ئايدا ئۇنىڭ ئۇمۇرتقا سۆڭىكى نىسبەتەن يۇمشاق كىلىدۇ؛ بوۋاقنىڭ بەدىنىنىڭ تېخىمۇ ساغلام يىتىلىشى ئۈچۈن، ئاتا-ئانىسى كۆپىنچە ۋاقىتتا ئۇنى ياتقۇزۇپ قويىدۇ، بۇ ۋاقىتتا، يىغلاش ئۇنىڭغا نىسبەتەن بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇسۇلى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. بوۋاق يىغلىغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ پۇت-قولى ئادەتتە توختىماي مىدىرلايدۇ، بۇ ئادەتتە بىر سوزۇلۇش ھەرىكىتى ئىشلىگەنگە ئوخشاش. بۇندىن باشقا، بوۋاق يىغلىغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ يۈزى قىزىرىپ ئاۋازى يۇقىرى چىقىدۇ؛ بۇ، ئۇنىڭ نەپەسلىنىش سېستىمىسىغا پايدىلىق بولۇپ، ئۇنىڭ بەدىنىدىكى قان ئايلىنىشنى تىزلىتىپ، ئۆپكىسىنىڭ ھاۋا سىغىمىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ.
كەيپىياتىنى تەڭشەش
    ھەرقانداق ئادەمنىڭ خۇشال-خۇراملىق، قايغۇ، ھەسرەت دىگەنلەرگە ئوخشاش كەيپىياتى بار بولىدۇ، بوۋاقلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. خۇشال بولسا كۈلىدۇ، خاپا بولسا يىغلايدۇ. يىغلاش، بوۋاقنىڭ ئۆز كەيپىياتىنى ئىپادىلەيدىغان بىر خىل ئۇسۇلى بولۇپ، ناچار كەيپىياتنى يىغلاش ئارقىلىق قويۇپ بەرگەندىن كىيىن، ئۇلار روھى ھالىتىنى تەڭشىيەلەيدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كۆز يېشىنىڭ بەدەندىكى زىيانلىق ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا ئېقىتىپ چىقىرىش رولى بار بولۇپ، كۆز يېشى قىلىش ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق بولىدۇ.
ئاتا-ئانىسىغا تايىنىش
    بوۋاق ئازراق چوڭ بولغاندىن كىيىن، بەزىدە ئۇ مېڭىپ كىتىپ بېرىپ يېقىلىپ چۈشسە، ئەگەر ئاتا-ئانىسى يېنىدا بولمىسا، ئۇ بەلكىم ئۆزى ئورنىدىن قوپۇپ كىتىشى مۇمكىن؛ ئەمما ئەگەر ئاتا-ئانىسى يېنىدا بار بولسا، ئۇنداقتا ئۇ يىغلاپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ كىلىپ ئۆزىنى يۆلىشىنى كۈتىدۇ. بۇ بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئەركىلىشىنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى، شۇنداقلا ئاتا-ئانىسىغا ئىشەنگەنلىكنىڭ ئىپادىسى. شۇڭا ئادەتتە بوۋاق ئەگەر يىغلىسا، ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئالدىراپ ئەيىبىلىمەسلىكى كىرەك.
    بوۋاقلارنىڭ يىغلىشىنىڭ ئۇلارنىڭ بەدىنىگە ھېچقانداق زىينى يوق، شۇڭا ئاتا-ئانىلار بوۋاقنىڭ يىغلىشىدىن ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ. پەقەت، ئۇلارنىڭ يىغلىشىنىڭ سەۋەبىنى ئىنىق ئايرىپ، شۇنىڭغا ماس ھەرىكەت قوللانساق توغرا بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号